بۇ مۇھاببەت ئۆلمەيدۇ

مۇھەممەت توختى ئەھمەد

يۈرەك دىگەن مۇھاببەتنىڭ دۇنياسى ،
باردۇر ئۇنىڭ قايغۇر ،شاتلىق غاۋغاسى .
جىمىي جانلار سۆيگۈلەرنىڭ شەيداسى ،
قانماي ئۈتەر ئاڭا كۈڭۈل تەشناسى ،
سۆيگۈ دىگەن زىبالارنىڭ زىباسى
ئەل سۆيگۈسى سۆيگۈلەرنىڭ زىياسى .

ھاياتلىقتا ھەرخىل كۈڭۈل بۇلۇش بار ،
ئاتا- ئانا پەرزەنىت ئارا سۈيۈش بار .
قىز يىگىتتە ئىنتىلىش بار كۈيۈش بار ،
سۆيگۈ ئۈچۈن جان بىرىش بار ئۈلۈش بار .
سۆيگۈ تۇلا سۆيگۈ دىلنىڭ رەناسى ،
ئەل سۆيگۈسى سۆيگۈلەرنىڭ ئەلاسى .

قۇش چېغىدا يۇرۇتنى تەرىك ئەتمەيدۇ،
ئوۋىسىنى يىراق تاشلاپ كەتمەيدۇ.
يازسا ئىشىق سەۋداسى كۆپ بەتلەيدۇ ،
ۋەزىرنى ئەل يۇرۇت سۆيگۈسىگە يەتمەيدۇ .
يوق جاھاندا بۇ سۆيگۈنىڭ باھاسى ،
سەرسانلىقنىڭ ئۇدۇر ئەسلى داۋاسى .

ئەل سۆيگۈسى يۈرۈكىمدىن ئۆچمەيدۇ ،
تاغ كۆچسىمۇ دىلدىن ئەسلا كۆچمەيدۇ .
بىلىڭ دوسلار بۇ مۇھاببەت ئۆلمەيدۇ،
ئۇنىڭ بىلەن بەخىت مەڭگۈ كۆكلەيدۇ ،
ئۈلۈم ئىرۇر ۋەتەنسىزلىك ئىزاسى ،
شاھەنىلىك ماڭا ئەلنىڭ رىزاسى .

مەنبەسى : خۇتەن گىزىتىدىن