مۇنەۋۋەر ئانىلارغا بىلەت تاشلاڭ!
بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئانىلارنى باھالاش پائالىيىتى بولۇپ، بايقاشتىكى تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرىش سۆز : ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى قوغداش، ئۆزىگە ئىشىنىش، مۇستەقىل بولۇش، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىلھام بېرىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئائىلە ئەخلاقى ۋە گۈزەل پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، ئىلىمگە تەلپۈنىدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان، مەدەنىيەتلىك، مائارىپ سۆيەر، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئىدىيەسىگە ئىگە ئانىلار ئوبرازىنى يارىتىپ، ئەتراپتىكى بارلىق كىشىلەرگە تەسىر قىلىش، ئانىلارنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا ئويناۋاتقان مۇھىم رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئانىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇش يۈزىسىدىن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپى بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئانىلارنى باھالاش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. پائالىيەتتە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ۋە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپى نامزاتلارنى تاللاپ ۋە كۆرسىتىپ بولغاندىن سىرت، كەڭ تورداشلار ئۆز ئەتراپىدىكى ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، ئىناق جەمئىيەت، ئىناق ئائىلە قۇرۇشتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئانىلارنى بۇ پائالىيەتكە نامزات قاتارىدا كۆرسەتسە بولىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى سىزنىڭ ئۆز ئانىڭىزنى نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىمىز تورداشلار كۆرسەتكەن نامزاتلارغا ئاساسەن شاللاش ۋە تاللاش ئېلىپ بېرىپ، 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە نامزاتلارنى سايلاپ چىقىمىز. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، رەسمىي بېلەت تاشلاش باشلىنىدۇ. ( شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەتراپىدىكى ئانىلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.)
بىلەت تاشلاش تور ئادىرسى: مەنمۇ بىلەت تاشلايمەن! |