بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 23:39
نۇرۇز لىرىكىسى
غۇجىئەخمەت مۇھەممەت
نۇرۇز ھايات بايرىمى ، نۇرۇز ھايات قاينىمى ، نۇرۇز بىلەن كۈكىرەر ،چۆل باياۋان باغلارمۇ . بوستانلارغا باغلاردا . بولبۇل كاككۇك سايرىغان ، باشلىنىدۇ يىڭىدى ، شاد -خۇراملىق چاغلارمۇ .
نۇرۇز ھايات بايرىمى ،نۇرۇز ھايات قاينىمى ، ئېرىقلاردا ئۆستەڭدە ، ئەگىز سۈيى ئاققان چاغ . ياۋا ئۆردەك تورنىلار ،سەپ تارتىشىپ ئاسماندا ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇشۇپ،قانات قېقىپ ماڭغان چاغ .
نۇرۇز ھايات بايرىمى نۇرۇز ھايات قاينىمى ، چۇۋىلدىشىپ كۆك تىرەر ،بەس - بەس بىلەن بالىلار . مەمنۇن بۇلۇپ بۈگۈنكى ھەر بەختىيار دەۋىردىن ، كۆك چۆچىرىسى ئېتىدۇ كەشتە ئۆيدە ئانىلار .
نۇرۇز ھايات بايرىمى ،نۇرۇز ھايات قاينىمى ، نۇرۇز بىلەن ياپ يېشىل ، ئەمدى جاھان بۈلەكچە . نۇرۇز دىگەن يىڭى يىل ، نۇرۇز دىگەن يىڭى كۈن ، قوزغىتىدۇ يىڭى ھىس تۇيغۇلارنى يۈرەكتە
مەنبەسى :2013- يىل 26- مارت خۇتەن گىزىتى |