ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىزلەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ، قەلەندەردەك كىزىپ يۈردۈم چىكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى . ۋە لىكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۈشبۇ مەقسەتنى ، تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرۇ ھېكمەتنى ، ئىشىت دىلبەر ، بايان ئەيلەپ ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى. تۇغۇلغان ئىككى مۆئىمىندىن ، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ، يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل . نەزەر سالساق بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل ، ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل ، جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى . يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق ، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ، بېغىمغا كۈز يىتىپ كەلدى ، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت ، ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم - ھەسرەت ، ئازاپلاپ كېچەيۇ - كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت ، راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى . ئانا يۇرتۇم بىرىپ ئاق سۈت ، بېقىپ ئۆستۈردى مڭ ئاسراپ ، ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ ، بىرىپ تىل ھەم ئەقىل - ئىدراك ، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ ، قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ-مىڭلاپ ، نىچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانىلىق مېھىر - شەپقەتنى . باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە ، نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەندى - ئادەمدە ، ۋاھالەنكى ، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرىز بۇ زىممىدە ، ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە، ئۆۈرنى زايە قىلما سەن ، ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى . خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناپ ، كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق . چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق ، ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش ، ھەرگىز ئەمەس بۇ بىزگە ئاۋۇنچاق ، يۇلاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى . پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ، كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ، تارقىدى ئەپسۇس. ھاياتىم گەرچە پۇشماقلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ، ۋە لىكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن . شۈكۈر كىم، قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى . تەپەككۇر كۆزىلە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىر مەررە ، ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە . چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە ، كىشىكىم بىلسە بۇ بەلكى غەزىنە سىرىدىن زەررە ، پىكىر قىل ھەم چۈشەن ، ئۆگەن بۇ جانلىق سىرۇ-ھىكمەتنى . بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك ، كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆز زاتىنى خۇپراق . مىسال: قارىغۇ نىچۈن بىلسۇن ، قۇياش قانداقغۇ ئاي قانداق ؟ بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈن ياپراق . دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى - پاراسەتنى . ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ، تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن. لېكىن نەدە ، قاچان ، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن؟ يىشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋۇ دەۋرى - دەۋراندىن . ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى. جاھان باقى ئەمەس ، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان ، مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان . كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل ، جاھانغا بىھېساپ كارۋان ، ئۆتەر دۇنيا ، كېچەر دۇنيا ، پەقەت خەلقلا سۈرەر داۋران . ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى .
wordنۇسخسىنى چۈشۈرۈش: ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس.doc |