baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 20

مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىرگە ماھىر كۆپكە قادى...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

161

تېما

74

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5978 سەر
تىللا
1050 دانە
تۆھپە
6540 سەر
شۆھرەت
4413 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 22:45:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 07:40  

مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر باغۋەن: پەتتار شەمشى
                     


                                          px1.jpg
                                         

[
مىللىي مائارىپ ئوقۇتۇشىدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەش يولىدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى , ياشلىق ھاياتىنى بېغىشلاپ ۋە يېڭى دەۋرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەلىپىگە ماس ھالدىكى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت  جاپالىق، ئەمما ئىنتايىن شەرەپلىك ئىشقا بېغىشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان تۆھپىكار باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. پەتتار شەمشى مۇئەللىم مانا مۇشۇنداق پىداكار ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى .
بىرگە ماھىر ،كۆپكە قادىر ھارماس  ئوقۇتقۇچى پەتتار شەمشى    1973- يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا تۇغۇلغان.1983~1992يىلغىچە ئايدىڭكۆل يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن  تاماملىغان.
1992~1995يىلغىچە تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئومومىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە 1995-يىلى  ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان  ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قاتناشقان.كېيىن ھەممىنى قايىل قىلارلىق ئوتتەك  قىزغىنلىق  بىلەن  شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتېنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تولۇق كورس ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن. ئۇ كەسىپتىكى تىرىشچانلىىقىۋە ئەستايدىللىقى  بىلەن 1997-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ 3-دەرىجە،1999-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ 2-دەرىجە،،2003 -يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ1-دەرىجە،2010-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  1995~2009يىلغىچە تۇرپان شەھەر ئابدۇكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن،2009~ھازىرغىچە تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۆل يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە. خىزمەت قىلىش جەريانىدا يۈكسەك مەسئوليەتچانلىقى ۋە ئەستايدىللىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچى << سەرخىل تەربىيىلەش كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى>>دە بىريىل ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى رىمونت قىلىش ،كومپىيوتېر ۋە يانفون رىمونت قىلىشنى ئۆگەنگەن.خۇلۇم-خوشنا،دوست-بورادەرلىرىنىڭ بۇزۇلغان سايمانلىرىنى ھەقسىز رىمونت قىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.كېيىن ئۆزلىكىدىن كومپىيوتېر ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، Office,photoshop,Flash,authorware,几何画板قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگىنىپ كومپىيوتېردا دەرسلىك دېتالى تۈزۈش ئۇستازىغا ئايلانغان،2012-يىلى قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ،powerpoint2010, نى ئۆگىنىش سۆرەتلىك دەرسلىكى، 5.03几何画板 نى ئۆگىنىش سۆرەتلىك دەرسلىكىنى ئىشلەپ چىقىپ كەڭ كەسىپداشلارغا سۇنغان ھەم نۇرغۇن كومپىيوتېر ئۆگىنىش سۆرەتلىك دەرسلىكلىرىنى ئىشلەپ تورغا يوللاپ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتېكا ۋە فىزىكا دەرسى بېرىپ كەلگەن.بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش بىلەن شوغۇللىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ ،<<ئېلىكتىر زەنجىرلىرىنى ئۇلاش ۋە زەنجىر سىخىمىسى سىزىشتا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار>>،<<دەرستىن كېيىنكى تەسىرات يېزىش ۋە ئۇنىڭ رولى>>،<<فىزىكا ئوقۇتۇشىدا رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنىڭ رولى>> ۋە <<ئۆلچەمسىز پارتا-ئورۇندۇقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى>>قاتارلىق 4 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا يېزىپ شىنجاڭ مائارىپ ‍‍ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان.
دەرسنى ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش بىلەن زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ،تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش بىلەن كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىندىن پايدىلىنىپ قىزىقارلىق،جانلىق،ئوبرازلىق ئۆتۈپ كەڭ ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
1995-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئوقۇغۇچىلارغا تولۇقسىزنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا فىزىكا دەرسىنى تەكرار قىلىپ،ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى شەھەر بويىچە 1~ 5لىككىچە ئېرىشىپ مەكتەپ ۋە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان.1998-يىلدىن 2006-يىلغىچە ئۇدا بەش قېتىم شەھەر بويىچە ئىلغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن  باھالانغان.  2008 -يىلى 9-ئاينىڭ 10 كۈنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان.  2006-يىلى ئۇ ماتېماتېكا دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا شەھەر بويىچە 3-بولۇپ،ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ مۇكاپاتلاندى.يەنە شۇ يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزىلگەن ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مەسىلە يېشىش مۇسابىقىسىدە ئۇ تەربىيىلىگەن 5نەپەر ئوقۇغۇچى 1،2،3 دەرىجىگە ئېرىشىپ،مۇنەۋۋەر يېتەكچى بولۇپ  ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن  مۇكاپاتلاندى. تۇرپان شەھىرى بويىچە ئوتكۈزىلگەن ئۈلگىلىك دەرسلارنى باھالاش مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم شەھەر بويىچە بىرىنچى دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇرپان شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزىلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ فىزىكا دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بۇلۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزىلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ فىزىكا دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بۇلۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزىلگەن ئىككىنچى قېتىملىق قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ فىزىكا،ماتېماتېكا،بىئولوگىيە دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدا فىزىكا دەرسى ئۆتۈپ ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىرىنچى بۇلۇپ باھالىنىپ ماددىي  ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن  مۇكاپاتلانغان.
ئۇ ھازىر يەنە شۇ ئايدىڭكۆل ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا دەرسى بېرىپ كەلمەكتە . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيوتېر ئۆگىنىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ  ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ  كەلمەكتە.

باھا سۆز

زەپەر رەخمەت سىزگە خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 23:40
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 2 + 3 + 2 + 2ياخشى تېما.
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 7 تىللا + 8 تۆھپە + 7 شۆھرەت + 7  باھا خاتىرىسى

بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

24

تېما

9

دوست

4405

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
605 سەر
تىللا
265 دانە
تۆھپە
1873 سەر
شۆھرەت
635 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 23:10:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مانا مۇشۇنداق بىرگە ماھىر،كوپكە قادىر ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.يولداش  پەتتار شەمشى بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىدە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە ئۇزنىڭ بارلىقنى ئاتشىنى ئۇمۇت قىلمەن،ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

529

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6373 سەر
تىللا
2146 دانە
تۆھپە
7106 سەر
شۆھرەت
4954 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 23:39:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىگە مانە مۇشۇنداق  بىرگە ماھىر ،كۆپكە قادىر ھارماس  ئوقۇتقۇچى پەتتار شەمشى دەك ياراملىق ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج . پەتتار شەمشى ئەنە شۇ لارنىڭ بىرى . دىمەك پەتتار شەمشى يېقىندىن بۇيان بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئىشلىگەن ئىجادىي دىتاللىرىنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇنۇپ كەلمەكتە . بۇ جەھەتتە مۇنبەر ئىشخانىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ئۆرتاقلىشىشى ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىمىز پەتتار شەمشىيگە مەخسۇس  پەتتار شەمشى ھەھىپىسى ئېچىپ بىرىلدى . مەن پاتتار شەمشىينىڭ بۇندىن كىيىنكى نەتىجىللىرنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشىغا تىلەكداشمەن .
ئۇنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كوپ  تەشەككۈر . رەخمەت سىزگە

باھا سۆز

tursunjan ھايا جانلىنىپ ئىنكاسنىمۇ ئىككى يوللاپسىز ھە تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:31
باسقۇچلۇق ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بۇلىۋاتىدۇ

223

تېما

32

دوست

7581

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1606 سەر
تىللا
601 دانە
تۆھپە
2056 سەر
شۆھرەت
1232 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 08:18:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مانا مۇشۇنداق بىرگە ماھىر،كوپكە قادىر ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.يولداش  پەتتار شەمشى بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىدە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە ئۇزنىڭ بارلىقنى ئاتشىنى ئۇمۇت قىلمەن،ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2280 سەر
تىللا
748 دانە
تۆھپە
2478 سەر
شۆھرەت
2115 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:31:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2013-3-24 15:39
بايقاش مۇنبىرىگە مانە مۇشۇنداق  بىرگە ماھىر ،كۆپكە قاد ...

ھايا جانلىنىپ ئىنكاسنىمۇ ئىككى يوللاپسىز ھە  
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2280 سەر
تىللا
748 دانە
تۆھپە
2478 سەر
شۆھرەت
2115 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:32:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەن ياخشى تەپسىلى تۇنۇش تۇرۇپسىز  رەھمەت
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

29

تېما

7

دوست

2144

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
316 دانە
تۆھپە
373 سەر
شۆھرەت
414 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 21:22:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان،ماڭا مەدەت بېرىۋاتقان بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا،ئۇستازلارغا،كەسىپداشلارغا كۆپ رەخمەت.مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەشتە ئۆزەمنىڭ يۇرەك قېنىمنى سەرپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزەم بىلىدىغان باشقىلار ئۆگىنىش زۆرۈر بولغان كومپىيوتېر بىلىملىرى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا دائىر تەجرىبىلىرىمنى بايقاش تورى ئارقىلىق كەڭ كەسپداشلىرىمغا سۇنۇپ تۇرىمەن،ھەم بايقاش تورى ئارقىلىق باشقا ئۇستازلارنىڭ تەجرىبىلىرى داۋاملىق ئۆگىنىپ ئۆزەمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. كۈيۈمچان ھەم جاپاكەش ئۇستازلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقىدا مىللىي
مائارىپىمىزنىڭ كۈندىن -كۈنگە تەرەققىي قىلىشىنى،ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئەدەپلىك،ئىنساپلىق ،ساپالىق بولۇپ تەربىيىلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

324

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
66 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
66 سەر
شۆھرەت
65 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 17:37:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مانا مۇشۇنداق بىرگە ماھىر،كوپكە قادىر ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.يولداش  پەتتار شەمشى بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىدە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە ئۇزنىڭ بارلىقنى ئاتشىنى ئۇمۇت قىلمەن،ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى

6

تېما

0

دوست

345

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
66 سەر
تىللا
64 دانە
تۆھپە
63 سەر
شۆھرەت
59 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 20:30:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتىكى  بارلىق دوستلارغا كەمىنە مەمەت ئەخمىدىدىن سالام.
بىزگە مانا مۇشۇنداق بىرگە ماھىر،كوپكە قادىر ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.

باھا سۆز

◤pari◥ ئەسسالام مەمەت ئەخمىدى ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز ؟تېمامنى كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە ۋە يۇقۇرى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 20:33
مەن دوستلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىنى تىلەيمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 06:41, Processed in 0.244834 second(s), 49 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش