ئىگىسى: ئۇستاز

بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى‹2›

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-3-21 17:45:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئېسىل سوۋغىلار بۇ.ھەممىڭلارغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-3-21 20:57:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نەۋرۇز ئەھلى،كەمىنە ئوغلانبەگدىن ھەممىڭلارغا نەۋرۇزلۇق سالام بولغاي!
ئۆي كۆچۈش،ئۆي چېقىش ... دېگەندەك تۇرمۇشنىڭ بىر قاتار ھەلەكچىلىكلىرى ۋە خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا مەشرەپكە كېچىكىپ قالدىم.شۇ سەۋەبتىن مۇنبەردىكى بارلىق دوستلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.كەچۈرۈڭلار.
گۇناھىمنى تونۇش ئۈچۈن ئاددىي بولسىمۇ تۆۋەندىكى نورۇزنامىنى ئېلىپ كەلدىم،ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن:


كەلدى نورۇز

كەتتى ئاياز،كەلدى نورۇز،باغدا بۇلبۇل ناۋاسى،
ھەممە ياقتا ياڭرىماقتا نورۇزنامە ساداسى.
*******************
كەلدى نورۇز،كەلدى ئايەم،كۈلدى بارچە كائىنات،
كۈلدى باغلار،كۈلدى تاغلار،گۈلگە تولدى بۇ ھايات.
*******************
نورۇز كېلىپ بارچە دىللار تولدى خۇشال كۈلكىگە،
كېلىڭ بىزمۇ جۆر بولايلى ئۇشبۇ خۇشال كۈلكىگە.
*******************
ئۇز ياساندى دەل-دەرەخلەر يېشىل تونلار كېيىشىپ،
كۆكىرىپتۇ ئېتىزلارمۇ تەبىئەتنى كۈلدۈرۈپ.
*******************
باغدا چېچەك،تاغدا قارىغاي،كۆكتە تۇرنا بەك خۇشال،
دېھقانلارنىڭ چېھرىدە بەك ئۆزگىچە ئۇشبۇ ھال.
*******************
بىزمۇ مانا باشلىۋالدۇق خۇشال نورۇز مەشرىپى،
كېلىڭ دوستۇم تۈگەپ كەتسۇن بۇ كۆڭۈلنىڭ ھەسرىتى.

باھا سۆز

يارايسىز...  ۋاقتى: 2013-3-29 15:28

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +4تىللا +7تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
pari + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!
گۈلزار + 2 + 2
بايقاش + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-3-21 21:40:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشال كۈلكە ياڭرىسۇن بايقاشتا ،
ئوتتۇز ئوغۇل قاراپ تۇرماڭ بىر ياقتا.
تۇققۇز قىزمۇ قوشاق قوشۇڭ مۇشائىرىگە
نورۇز بۈگۈن مەشرەپ بۈگۈ بايقاشتا.
ئانچە قاملاشتۇرالمىدىم ،لېكىن بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى ،مەشرەپمۇ بىلمىگەنلەر بىلىمئۆگىنىدىغان  بىر مەكتەپ ئەمەسمۇ ،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +2تىللا +6تۆھپە +2يىغىشسەۋەبى
pari + 2 + 2 + 2
گۈلزار + 2
بايقاش + 2ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-3-21 22:18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىردىكى بارلىق دوسلارنىڭ نۇرۇز بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن.
ۋاقتى: 2013-3-21 23:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدى نەۋرۇز  كۇلدى ئالەم كۈلدى زىمىن ، نەۋرۇز بىلەن كەڭ ئالەمدە قاينىدى قازان . يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئىچىپ نەۋرۇز ئېشىنى ، ناخشا سۇنايچېلىشىپ كۈلدى بەس -بەستە...

باھا سۆز

كۈلدى بەستە دەيسىزغۇ كۈلگەن چىراينى كورمىدىم مۇمكىن بولسا دىنار ئەپەندى بىزگە قاراپ كۈلسىڭىز.  ۋاقتى: 2013-3-22 00:43
كۈلدى بەستە دەيسىزغۇ كۈلگەن چىراينى كورمىدىم مۇمكىن بولسا دىنار ئەپەندى بىزگە قاراپ كۈلسىڭىز.  ۋاقتى: 2013-3-22 00:43
كۈلدى بەستە دەيسىزغۇ كۈلگەن چىراينى كورمىدىم مۇمكىن بولسا دىنار ئەپەندى بىزگە قاراپ كۈلسىڭىز.  ۋاقتى: 2013-3-22 00:43
كۈلدى بەستە دەيسىزغۇ كۈلگەن چىراينى كورمىدىم مۇمكىن بولسا دىنار ئەپەندى بىزگە قاراپ كۈلسىڭىز.  ۋاقتى: 2013-3-22 00:43
ۋاقتى: 2013-3-22 01:48:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بايقاشتا نورۇز مەشرىپى ھەقىقەتەن قىزىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ، تاس قاپتىمەن ئۈلگۈرەلمەي قالغىلى. مەرھابا نورۇز ئەھلى ھەرقايسىلىرىنىڭ قۇتلۇق بايرامىلىرىغا مۇبارەك بولغاي! مەنمۇ شۇ قىزىقچىلىقتا مۇنۇ مىسىرالارنى سوۋغا قىلاي، قېنى ھۆزىرلىنىشسىلا:

ئەسسالام بايقاش ساڭا،
بىر قەدەھ تۇتتۇم ساڭا.
قاينىسۇن نەۋرۇز كۆيى،
شاشتېكىن ھەمرا ساڭا.

كۈيلىرىڭ يەتسۇن ساماغا،
بارچە ئەل ئالسۇن ھوزۇر.
خەنجىرىم تەييار زۇغۇيغا،
تاپسا گەر سەندىن قۇسۇر.

كەل ئامان سەنمۇ  بۈگۈن،
چاڭ كەلتۈرۈپ ئوينا ساما.
بايقىشىم تاپسۇن كامالەت،
تەڭدىشىڭ يوقتۇر يەنە.

تۇلپىرىڭ ئالسا قەدەم،
پەللىگە يەتكەي بۇرۇن.
تاپمىسۇن قىلچە ئامانلىق،
پىتنىخۇر تەلەت سۆرۈن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +5شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا...
pari + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!
گۈلزار + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-3-22 12:03:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى سوغا بوپتۇ راھمەت سىزلەرگە
ۋاقتى: 2013-3-22 18:07:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتىكى بارلىق دوستلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك  بولسۇن ...
ۋاقتى: 2013-3-22 23:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەممىمىزنىڭ  نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن .  ھەممىمىز ياخشى ئىش ياخشى تىلەكلەرنى  نۇرۇزدىن باشلايلى .
ۋاقتى: 2013-3-23 02:18:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق دوستلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن..........!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش