بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 01:19
نەۋرۇز
كۆڭۈللەرنى تۇرار باغلاپ مۇھەببەت زەنجىرى نەۋرۇز، يۈرەكلەرگە بىرەر شادلىق ،تەبەسسۇم ئەختىرى يۇلتۇز.
چىمەنلەر كۈلدى كۆكلەمدە باھارنىڭ پەيزىگە چۆمدۇق، بۇ كۈندە ساقلىساڭ غۇمنى «كەچۈر»نىڭ خەنجىرى نەۋرۇز.
قازانلاردا تۇرار قايناپ بۈگۈن نەۋرۇز ئېشى ،ھەيھات... قەلىبلەردە ناۋا ياڭراپ ئەجەمنىڭ كۈي،سىرى نەۋرۇز.
قارا قوچقار،خورازلارغا بوياپتۇ يۈزىنى قانغا، لىكىنزە پەيلىدىن يانماس باھادىر تەسۋىرى،نەۋرۇز.
جىمى شائىر-شائىرەلەر قىلىشتى بەزمە مۇشائىر... ساماغا چۈشتى ھەممەيلەن ھاياتنىڭ كەۋسىرى نەۋرۇز.
مۇيەسسەر قىلىدۇ ھەممە بۈگۈن ئۈشبۇ خۇشاللىققا، مانا شۇنداق شوخلايدۇ يىگىت-قىزپەرىمۇ ھەم ...نەۋرۇز.
|