ئىگىسى: ئۇستاز

بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى‹2›

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-3-20 22:29:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسل تىما بۇ،مەن كېچىكىپ كىلپ قاپتىمەن،جازاغا بۇيرىماي تۇرارسىلەر،كىلەر قېتىم دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلىمەن
ۋاقتى: 2013-3-20 23:26:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-20 23:29:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇستاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 23:58  

گۈلزار ئەكەپتۇ بىر باش پىياز،
كىم كەلتۈرەر چۈجە-خۇراز.
مۈگدەك بېسىپ ياتسىڭىز،
نەۋرۇز كىتىپ كەلمەمدۇ ياز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-21 00:04:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شام» كەلمەمدۇ لاۋۇلداپ،
«يانار تاغ» مۇ پارتىلاپ.
«ئامان» يېتىپ قالدىمۇ،
چىشى ئاغرىپ ھالسىراپ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-21 00:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي «تۇرسۇنجان»، «ئەزىزى»،
«پەرى»،«مەرىپەت»، «ئاينۇرى».
مەشرەپ سىلەرنى كۈتىۋېرىپ،
ئاھ! خىرەلەشتى كۆز نۇرى.

باھا سۆز

بىز بارتۇق ئەسلىدە...  ۋاقتى: 2013-3-29 15:21
كەچۇرۇڭ ئۇستاز  ۋاقتى: 2013-3-21 00:24
ۋاقتى: 2013-3-21 00:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   نۇرۇز بايرىملىق   مەشرەپنى كۇرۇپ  بايقاش تورىدىكى  دوسلارنىڭ قايناق  نۇرۇز مۇھەببىتىنى  كۆردۇم  .مەشرەپ ئەھلىگە ئوتلۇق سالام .بايرىمىڭلارغا  مۇبارەك بولسۇن  . يېڭى باھارنىڭ باشلىنىشى بىلەن  ھەممىڭلارنىڭ تىنى سالامەت خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق  داستىخانلىرى مول ھۇسۇللۇق بولسۇن ،ئائىلەڭلاردا   نۇرۇز بايرىملىق ئائىلە مەشرىپى قاينىسۇن .

مەن يولداشلارغا يېڭى سوۋغا تەييارلىيالمىدىم شۇنداق بولسىمۇ  قۇرۇق قول كەلگىم كەلمىدى .

شۇڭا كۆپچىلىككە  پىشقەدەم شائىرىمىز ئابلەز ئۇمەر ئەنجانىنىڭ ‹‹ مەن باھار بالسى ›› ناملىق شىئىرىنى   سۇنماقچىمەن

مەن باھار بالسى  
مەن باھار پەرزەنتى  باھار بالسى
شۇڭلاشقا باھارغا بەكمۇ ئامراقمەن
ئەگەردە باھارنى بىر دەرەخ دىسەك
مەن ئۇنىڭ غۇنچىسى بىر  تال ياپراقمەن


ھاياتلىق يۇلىدۇر باھار دىمەكلىك
باھاردا ئېچىلار تەبىئەت كۆزى
گۇل چىچەكلەرگە  تولىدۇ تامام
قېقىر  ساي، تاغ- دالا ،پۇتكۇل يەر يۇزى

خاسىيتى كۆپتۇر ھەر بىر پەسىلنىڭ
نەۋ باھار ھەممىنىڭ بېشى سەركىسى
باھاردا مۇھەببەت يەنە كۆكلەيدۇ
بىر جۇپلەر بولىدۇ سۆيگۇ ئەركىسى

گەر باھار بولمىسا زۇمرەت سۇ  نەدە
گەر  باھار بولمىسا كۇز قانداق كىلۇر
گەر باھار بولمىسا ئۆسمەيدۇ گىياھ
نەۋ باھار بولغاچقا ساڭغا  ئاش  تولار


باھاردا تۇغۇلۇش ماڭا چوڭ ئامەت
باھار ھاۋاسىدىن ئېلىپ خۇش نەپەس
ھۇجۇدۇم پولاتتىن ،گاڭدىن يارالغان
يەر زىمىن تىترەيدۇ باسسام قەدەم دەس



گۇل باھار كەلگەندە قەلبىم سۇيۇنۇپ
خۇشلۇقۇم شادلىقىم كۆككە ئۆرلەيدۇ
قىنىغا  پاتماستىن يۇرۇكۇم  شۇچاغ
باھارغا تىۋىنىپ   ئۇنى كۇيلەيدۇ.



مەن باھار پەرزەنتى   باھار بالسى
بۇنىڭدىن چوڭ بولماس تەلىيىم بەختىم
تەبىئەت باھارى گۇزەل بولسىمۇ
مەزمۇتتۇر ئۇنىڭغا  گۇل چىكىش ئەھدىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-21 00:23:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئوتلۇق» كىلىڭ «ئوغلانبەگ»،
«سىرداش» بولۇپ «دىلكەش»كە.
«زەپەر» ئەكەلسە «پەرىشتە»
«زىبا» چۈشەرمۇ مەشرەپكە.

باھا سۆز

قېنى سىلەر قېرىنداشلار؟ ئۇستاز سىلەرنى توۋلاۋاتىدۇ؟ بارمۇ سىلەر؟ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-3-21 01:03
ۋاقتى: 2013-3-21 00:38:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 01:55  

نەۋرۈز كەلدى، پەرىمۇ كەلدى ،
سالام  بېرىپ   ئۇستازىغا ،
يوللار ئېچىپ بېرەلمىسەممۇ   ،
تائام تىزاي داستىخىنىغا  .


























باھا سۆز

نىمانداق ئوخشىغان تاماقلار...ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلدى...  ۋاقتى: 2013-3-29 15:23
مول داشتىخىنىڭىزغا رەھمەت دوستۇم ، بەك ئوخشاپتۇ .  ۋاقتى: 2013-3-22 14:39
ۋاقتى: 2013-3-21 00:58:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 20:36
نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم

تەكرار يوللاپسىز!بىرنى ئۈچۈرۋېتىڭ!
ۋاقتى: 2013-3-21 01:03:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 00:23
«ئوتلۇق» كىلىڭ «ئوغلانبەگ»،
«سىرداش» بولۇپ «دىلكەش»ك ...

قېنى سىلەر قېرىنداشلار؟ ئۇستاز سىلەرنى توۋلاۋاتىدۇ؟ بارمۇ سىلەر؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش