ئىگىسى: ئۇستاز

بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى‹2›

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-3-20 16:39:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 16:55  

  
nawruz.jpg


نەۋرۈز كەلدى، گۇلزار كەلدى ،
سالام قىلىپ دوستلىرىغا .
ئىزھار قىلىپ پاك قەلبىنى ،
گۈللەر تىزىپ قوللىرىغا .


بۇ  گۈلۈم چىرايلىقمىكەن ، قوبۇل قىلىڭ .
[
img]


گۈل كەلتۈرەلمىسەممۇ بىر باش پىياز ئالغاچ كەلدىمغۇ   . ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

  

  
ۋاقتى: 2013-3-20 16:44:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق دوستلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن! نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،ماڭغان يولۇڭلار گۈللەرگە تولسۇن!
ۋاقتى: 2013-3-20 18:29:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
شىئىرنى ياخشى يېزىپسىز.
نوروز بايرىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس، بۇ بىر مىللىي بايرام. ئاساسلىقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا پارس ۋە تاجىكلارمۇ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ.
مىنىڭ بىلىشىمچە نورۇز بايرىمىنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىلا ئانچە ئىناۋىتى يوق....

باھا سۆز

نورۇزتەبىئەت بايرىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز،قىش ھەيدەش قاينىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز.شۇڭا يىل بېشى بوپتۇ ي تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-3-20 20:19
ۋاقتى: 2013-3-20 18:39:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتىكى بارلىق تورداشلارنىڭ «نورۇز بايرىمى»نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاددى بولسىمۇ «نورۇز بايرىمى» توغرىسىدىكى مەخسۇس رادىئۇ پىروگىراممىسىنى ئېلىپ كەلدىم. «نورۇز بايرىمى»نى ھەقىقى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ پىروگىراممىنى بىر قېتىم ئاڭلاپ چىقىڭ. قېنى ئەمسە ھەممەيلەن بىرلىكتە مەشرەپنى قىزىتايلى!

بۇ پىروگىراممىنى ئىشلىگەن دوستۇم ئارچۇققا كۆپ رەھمەت ئېيىتىمەن.
ۋاقتى: 2013-3-20 20:17:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋزۇز(نورۇز)بايرىمى توغرىسىدا
يوللىغۇچى :باغۋەن مەنبە:ئېنتىرنت ئاۋاتلىقى:690 يوللانغان ۋاقىت :2012-3-24 20:54:22


نەۋرۇز(نورۇز)بايرىمى توغرىسىدا
مەنبە: ئىنتىل تورى


نورۇز (نەۋرۇز) بايرىمى پارىسچە نەۋ (يېڭى ) ۋە روز (كۇن ) دىگەن ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ ، تەللەپپۇزدا قىسقىراپ نورۇز دىيىلگەن
نورۇز بايرىمى _ ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبەك،قىرغىز،تاجىك،تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باھار پەسىلىنى كۈتۈۋالىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرى. "نورۇز" ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، "باھار يامغۇرى"، "تۈنجى باھار كۈنى" دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇبايرام قەدىمدىن تارتىپ شەمسىيە كالىندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.
نورۇز" بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرى مۇنداق:
«نورۇز» كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار، يۇرت-مەھەللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا «نورۇز» غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى «نورۇز» نى مەدھىيەلەيدىغان شېئىر-قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ، ۋايىز (مەدداھ)لار داستان ۋە ھېكايە-قىسسىلەرنى ئېيتىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتە چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلىق ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەڭگۈچ سىلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش قىزىپ «ئون ئىككى مۇقام» داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرىلىدۇ. قىسقىسى ، ھەر كىم ئوز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ، بايرام خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. «نورۇز» مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ . ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سەپ-سەپ بولۇپ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان «نورۇزنامە» لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇنلۇك دىكلاماتسىيە قىلىشىدۇ .

«نورۇز» مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارى يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئىشى تەييارلىنىدۇ (ئابسىنىن). نورۇز ئىشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان كوجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۇرۇھ، تىرىق، كوخ، سۇت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە كوخ ئورنىغا كاللا-پاقالچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ. «نورۇز» مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى «نورۇز ئىشى» غا ئېغىز تەگكۇزۇش شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەممە كىشى «نورۇز» بايرىمىغا قانغۇچە كوڭۇل ئېچىپ، ياخشى تىلەك-ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئۆزئارا پەتىلىشىدۇ.
تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «نورۇز» بايرىمىنىڭ ئوتكۇزۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى مۇمكىن. لېكىن قەدىمقى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا «نورۇز» بايرىمى ئون كۈن قىلىپ خاتىرلىنىدۇ.
«نورۇز» بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان «نورۇز»  لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زىمىستاننى قوغداش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋىلىش ، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكىلىشنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن:
ئىختىرا قىلدۇق نورۇزدىن ياخى كۈننى باشلىدۇق،
كۆڭلىمىزنىڭ خۇشاللىقىدىن بىر ئويۇننى باشلىدۇق،
خان تاۋادا تون كىيىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق،
ئات مىنىپ، ئوغلاق ئالىپ، مەشرەپ قىلۇر كۇندۇز بۈگۈن.

كەلدى نورۇز يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىرىغىنى،
نورۇز دىبان كىلۇرلار خاتۇنلارنىڭ تۇرقىنى،
گۈللەر قىسۇر قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بوركىنى،
مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاقور كۆڭۇل مۈلكىنى،
قايغۇ-مىھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۈندۈر بۈگۈن.
نورۇز بايرىمى قويۇق مىللىي سەنئەت تۇسىگە ئىگە بايرام بولۇپ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ بايرامنى ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇپ كەلگەن.
نورۇز نىڭ لۇغەت مەنىسى <يېڭى كۇن>، <باش باھار> دېمەكتۇر.
< نورۇز> دېھقانلار كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمقى ئەنئەنىۋى بايرىمى شەمسىيە كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۇنى ئۆتكۇزۇلدۇ. كېچە بىلەن كۇندۇز ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تەڭشىلدىغان مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۇنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.
نورۇز قوشىقى:
نورۇز كەلدى جاھانغا، جاھان بولۇر ئەرزانلىق،
ياغدىلەر باھار يامغۇرى، بۇغدايلار بولۇر دانلىق.
ئاچ- ئورۇق ھەم كەمبەغەل بارچىسى بولۇر نانلىق،
نانغا تويۇپ ھەر گاداي ئۆيىدە قىلۇر خانلىق،
توخۇلار تۇخۇم باسىپ، چۆجىلەر كۇنىدۇر بۇ كۈن،

كەلدى نورۇز يىل باشى،كەتتى كۆڭۇلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كىلۇرلەر، خاتۇنلەرنىڭ تۇركىنى.
گۇللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،
<مېلىس> قىلىپ ئوينىشار ئاچۇر كۆڭۇل مۇلكىنى،
قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ، يايراشۇر كۇندۇز بۇ كۈن.
مېلىس- قومۇل رايونىدا مايسا مەشرىپى دەپ ئاتىلىدۇ.
يوقۇرقى بىيىتتا كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق بولىشىنى تىلەشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئەكىس ئەتكەن.
ئەڭ قەدىمكى نورۇز مۇراسىملىرىنىڭ 11- ئەسىرگىچە يېتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەب ئالىمى ئەل خىسراۋنىڭ تۆۋەندىكى مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا زور ياردەم بېرىدۇ:
نورۇزدا، يىگىرمە بەش كۇن ئالدىن سارايدا خىشتىن 12 بۆلەك سۇپا ئېتىز ياسىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ باشقىلار غا رەت بويىچە ئارپا، شال، ماش، قۇناق،لويلا، نوقۇت، كۇنجۇت... تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ناخشا ئېيتىلىدۇ. ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسۇل ئوينىلىنىدۇ . دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېتىز، مەيدانلارغا چېچىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇق ياخشى ئۇنسە بۇ يىلقى ئېكىنلارنىڭ ئۆسۇشى ياخشى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.....
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا « نورۇز بايرىمى» نىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان قائىدىلىرى مۇنداق :
نورۇز كىرىشى بىلەن كىشىلەر يېڭى يىل شەرىپىگە شاد- خۇراملىق ئەكىس ئەتكەن تۇرلۇك شېئىر – قوشاق« نورۇزنامە» لەرنى يېزىپ تەييارلايدۇ،نورۇز كۇنى چىرايلىق كىيىنىپ ھاۋالىق جايلارغا، باغلارغا، ئاۋات بازارلارغا، دەريا بويلىرىغا بېرىپ قىززىقارلىق، يەرلىك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. قوشاقچىلار شېئىر ۋە قوشاق توقىشىدۇ. نەغمە- ناۋا ، چېلىشلار قىزىپ كېتىدۇ. چاقپېلەك ئۇستىدىكى قىز- يىگىتلەر خوشاللىقتىن بۇلۇت ئۇستىدە قاڭقىيدۇ....قىسقىسى ھەر بىر كىشى ئۆزىگە خاس ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ چەكسىز شاد- خوراملىق ئىچىدە بايرام تەنتەنىسى قىلىدۇ.
« نورۇزلۇق» ئاخىرلاشقاندا جامائەتتىن يىغىش قىلىپ چوڭ داش قازان ئېسىلىدۇ. بەزى ئائىللەر چامىسىنىڭ يېتىشىچە« نورۇز ئېشى» تەييارلاپ (نورۇز ئېشى كۆپىنچە بۇغداي، قوناق، ئارپا يامىسى، نوقۇت،كۆك ماش، قاق، جىگدە، چامغۇر، سامساق، گۆش، قوينىڭ كاللا- پاقالچىغى قاتارلىقلار ئارلاشتۇرلۇپ پىشۇرغان كۆجە ياكى ئۇماچ بولىدۇ) مۇراسىم مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىك دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئىچىدۇ.  

باھا سۆز

تېمىڭىزگە بارىكاللا....  ۋاقتى: 2013-3-20 20:44
ۋاقتى: 2013-3-20 20:19:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھىمە يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 18:29
ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
شىئىرنى  ...

نورۇز
تەبىئەت بايرىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز،
قىش ھەيدەش قاينىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز.
شۇڭا يىل بېشى بوپتۇ يازنى باشلاپ ئەتراپقا،
ھاياتلىق نۇرى يىشىللىقنى تاشلاپ ئەتراپقا،
كىچە بەك ئۇزىراشتىن توختايدىكەن نورۇزدا،
كۈن ئۇزىراپ گۈلگىلا ئوخشايدىكەن نورۇزدا.
يول باشلاپتۇ ئوغۇزغا بۆرە نورۇز كۈنىدە،
خەلقىمىز ھەم قۇت تاپقان نورۇز بايرام ئۈنىدە.
ئادەم ئاتا ھەم ھاۋا ئۇچراشقان كۈندۇر نورۇز،
شۇڭا ئاشىق ۋىسالغا ھېچ قانماس تۈندۇر نورۇز.
ھەقىقى «ئاشىق بايرىمى»دۇر ئەسلىدە نورۇز،
كىلەر شۇڭلاشقا چىچەك چوكان پەسلىدە نورۇز.
ئالەم يارىتىلغان ئىكەن ھەم نورۇز كۈنىدە،
قۇياشمۇ تەڭ يارىتىلىپتۇ نورۇز تۈنىدە.
شۇڭلاشقا نورۇز بىلەن ئالەم ئىللىپ قىش قاچار،
ئارمانىمىز بەختىمىز كۆك يىشىللىق يۈز ئاچار.
چۆپخورلار سىنىڭ بىلەن يەيدۇ يىشىل چۆپ نورۇز،
خاسىيىتى خىسلىتى ھەم تەرىپى كۆپ نورۇز.

باھا سۆز

يارايسىز!  ۋاقتى: 2013-3-21 00:57
ئاپىرىن....  ۋاقتى: 2013-3-20 20:44

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 2يارايسىز!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-3-20 20:21:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز كەلدى.نۇرۇزنى تەبرىكلەش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرچى.مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن .
ۋاقتى: 2013-3-20 20:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم

ئاپتورى : قەلەمىي

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
گەر چەگۈللەرسۇنالمىساممۇ.
لەۋلىرىڭگە لېۋىمدىن كەۋسەر ،
ئابىي ھايات قۇيالمىساممۇ .

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
بىرگە باغقا كىرەلمىسەكمۇ .
مەي باغلىغان شىرىن مىۋىنى ،
بىر ئولتۇرۇپ يىيەلمىسەكمۇ

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
كۈلكەڭگە جور بولالمىساممۇ .
مەنسىز كېلىپ قالسا گەر خەتەر،
كۆكرەك كېرىپ توسالمىساممۇ.

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
بىللە ئويناپ كۈلەلمىسەممۇ.
ئازابىڭغا بولۇپ تەسەللىي،
يىقىلغاندا يۆلەلمىسەممۇ .

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
گەرچە بىرگە ئۆتەلمىسەممۇ.
بار تاتلىقنى ئاتاپ بىر ساڭا ،
ئاچچىقىڭنى يۈتەلمىسەممۇ .

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
كۈلكەڭگە جور بولالمىساممۇ .
مەنسىز كېلىپ قالسا گەر خەتەر،
كۆكرەك كېرىپ توسالمىساممۇ.

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
بىللە ئويناپ كۈلەلمىسەممۇ.
ئازابىڭغا بولۇپ تەسەللىي،
يىقىلغاندا يۆلەلمىسەممۇ .

نورۇزۇڭغا مۇبارەك گۈلۈم ،
گەرچە بىرگە ئۆتەلمىسەممۇ.
بار تاتلىقنى ئاتاپ بىر ساڭا ،
ئاچچىقىڭنى يۈتەلمىسەممۇ .

باھا سۆز

بۇ شئېرنى كىمگە ئاتاپ يازدىڭىز؟... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-3-29 15:19
ۋاقتى: 2013-3-20 21:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز- خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىڭى يىل بايرىمى ،تەبىئەت بايرىمى ،دوسلۇق ،ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىق  بايرىمى ،خەلقىمىزنىڭ تۇرلۇك ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئوزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئوگۇتىدىغان ،ئۆرپ ئادەت ،سەنئەت ،تەنتەربىيە بايرىمى ،يىڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۇرۇش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ،خاسىيەتلىرىنى سۆزلەپ تۇگەتكۇسىز قۇتلۇق ،ئۇلۇغ  بايرام  !
ۋاقتى: 2013-3-20 21:13:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                بايقاش دېگەن بوستاندا،
                                           مەشىرەپ ئەجەپ  قىزىپتۇ.
                                              جۆز بولۇشۇپ بۇلبۇللار،
                                              ناخشا قوشاق ئېيتىپتۇ،

                                          مەنمۇ جۆر بوپ بۇ سەپكە،
                                              سېلىۋالاي داستىخان.
                                           ھەرگىز قۇرۇق كەتمىسۇن،
                                         كەلگەن بارچە ئەزىز مېھمان.

                                              راسا ئوينايلى بايقاشتا،
                                              ھەممە دوستلار سامانى.
                                                خۇشلىقىمىز قاپلىسۇن،
                                                  تەبىئەتنى-دالانى...
                                 
                                             ياشاپ كېتىڭ ئەي ئۇستاز،
                                                نورۇز مەشرەپ سورۇندا.
                                                مەدھىيەمىز ئازلىق قىلۇر،
                                                    سىزگە مۇشۇ ئورۇندا.
                                 

باھا سۆز

يارايسىز...  ۋاقتى: 2013-3-29 15:20
يارايسىز!  ۋاقتى: 2013-3-21 00:59

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +4تىللا +4تۆھپە +4شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئالىم + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش