بايقاش تورىغا ئەزا بۇلۇش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچنىڭ ئاردرىس سىتونىغا www.baykax.com ياكى baykax.com دەپ كىرگۈزۈپ، Enter كونوپكىسىنى باسىمىز. بۇ كۆزنەك كۆرىنىدۇ
بۇ كۆزنەكتىكى [تىزىملىتىش] دىگەن تۈرنى چەكسەك، بۇ كۆزنەك چىقىدۇ:
ئەزا نامى، ئىم(پارول)،يەنە پارول،Emal دىگەندەك .بۇنىدىكى ئەزا نامىغا ئۆزىمىز تىزىملتىپ كىرمەكچى بولغان ئىسمنى يازىمىز.دىققەت:ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگىلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ctrl+k يەنى كونۇپكا تاختىسىدىن سول تەرەپ ئەڭ ئاستى بۇرجىكىدىكى كونتىرول كونۇپكىسىنى بېسىۋىلىپ تۇرۇپ k كونۇپكىسىنى بىللە بىر قېتىم بېسىۋەتسىڭىز ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلى بۇيچە ۋە ئىنگىلىزچە قايسى خىل ئۇسۇلدا تىزىملىتىپ كىرسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ . سىز يازغان ئەزا نامى بورۇن تىزىملىتىلىپ بولۇنغان بولسا كۆزنەك ئۈستىدە «كەچۈرۈڭ،بۇ ئىسىمنى باشقىلار ئىشلىتىپ بوپتۇ»دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ،ئەگەر شۇنداق چىقىۋالسا باشقا نام ئىشلىتىپ سىناڭ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىم پارولغا مەخپى نۇمۇريازىمىز،بۇ مەخپى نۇمۇربىلەن ئاستىدىكى يەنە پارول ئوخشاش بۇلۇشى كېرەك .بۇنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن Emailگە ئۆزىمىزنىڭ ئېلخەت يەنى ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئادرىسنى يازىمىز،سىزئېلخەت ئالمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ چ چ نۇمۇرى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئادرىسنى يېزىڭ !مەسلەن :360805095@qq.com
ئاخىرىدا ئەڭ ئاستىدىكى يوللاش كۇنۈپكىسىنى باسساق بۇلىدۇ ۋە بۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىز بايقاش تورىنىڭ ئەزاسى بولدىڭىز .
كىرگەندىن كېيىن «كەلدىم»كونۇپكىسىنى ھەركۈنى بىر قېتىم بېسىپ قويسىڭىز مۇناسىپ جۇغلانمىغا ئېرىشىسىز،شۇڭا تورغا كىرگەن ھامان كەلدىم دىگەن خەتنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
باش سۈرىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
بىكەتكە تىزىملاتقاندىن كېيىن بىكەتتىكى ئەزالار ئۆزئارا بىر بىرىنى تونۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن باش سۈرىتىڭىزنى چىقىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.باش سۈرەتكە ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى باشقا تۈردىكى سۈرەتلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەمما دىنىي تۈس ئالغان،بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللەتلەر ئارا زىددىيەت تېرىشنى تەرغىپ قىلىدىغان،جەمئىيەت مۇقۇملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان سۈرەتلەرنى ، سېرىق رەسىملەرنى چىقىرىپ يوللاشتىن ساقلىنىڭ.ئەگەردە موشۇنداق ئەھۋال بايقالسا بىردەك شۇ ئەزانىڭ ئەزالىق نامى چەكلىنىش بىلەن بىرگە ۋە بارلىق ئۇچۇرلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.باش سۈرەتنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئارخىپلىرىڭىزنى تولۇقلىۋىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
باش سۈرەت بەلگىلەش ئۇسۇلىمۇ ئانچە تەس ئەمەس تۆۋەندىكى يىتەكچى سۈرەتلەرگە ئەگەشسىڭىزلا سىزمۇ قىلالايسىز.
تەڭشەك تىزىملىكىدىن باش سۈرەتنى تەڭشەش دىگەن تۈرىنى تاللايمىز.
بۇ كۆزنەكتىن 选择文件 دىگەن كونوپىنى باسىمىز.
ئۆزىڭىز خالىغان باش سۈرىتىن بىرنى تاللاپ قىستۇرىمىز.
تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز...
قانداق ئاسانمىكەن.. ئانچە تەس ئەمەس، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە....
بايقاش گۇرۇپپىسى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
|