بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 03:59
ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئەھىميەت بېرىشكە تېشگلىك نۇقتلار
ئالىمجان نەسىردىن ئۆقۇت
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلىي سەۋھيسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبدىن ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ۋاقتىدا ھەزىم قىلىشى ھەمدە ئۆزلەشتۈرۈشى بىر قەدەر قېيىن.ئوقۇتۇش جەرياندا ئۆگىنىشتە قېيىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چارەكلىك نەتىجسى ۋە ماۋسۇملۇق ئۆگىنىش نەتىجسى كۆڭۈلدىكىدەك بولايدىغان ھادىسلەر كۆرۈرلۈپ تۇرىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يېتەكچى مۇئەللىملەر تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتغا ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. 1.سىنىپتكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلىي قابليتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. سىنىپتكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىاق،تاپشۇرۇق،چارەكلىك ئىمتھان نەتىجسى ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتھان نەتىجسى قاتارلىق ئەھۋالىنى ئومۇميۇزلۇك بىر قېتىم تەكشۈرۈپ،ئارخىپلاشتۇرۇپ رەتكە تۇرغۇزۇشقا ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنشىتىكى ئەھۋالىنى ئىگىللەشتە سىناق،تاپشۇرۇق،ھەر خىل ئىمتھانلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا،نەتىجگە ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇپ،ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ چىقىش ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ چىقشتا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئۆگىنىشتە قېيىنلىدىغان تەرەپلەرنى بايقاشقا پايدىسى بار. 2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلۋىي ئەھۋالىنى ئىگىللەشكە ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ئائىلىۋىي مۇھىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشدا ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئائىلىۋي ياخشى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نۇرمال،ياخشى بولىدۇ.ئائىلىۋىي مۇھيتى ناچار بولسا يەنى ھەدېسە ئورۇش-جىدەل قىلىدىغان،ئىقتىساد توغرسىدا ئورۇش-تالاش قىلىدىغان،بالىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان مۇھيت بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشگە ئېغىر زىينى بار.ئوقۇتقۇچىلار سىنپتكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىۋىي شارائتى،تۇرمۇشى،ئاتا-ئانسى،قىرىنداشلىرى ۋە مەھەللە مۇھيتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگىللەپ،ئارخىپللاشتۇرۇپ،ئۆگىنىشكە يېتەكلەشكە خىزمەت قىلىدۇرۇش كېرەك.شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىۋىي ئەھۋالىنى ئىگىللەشكە ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. 3.ئۆگىنشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پىسخكلىق تەربيىگە ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلار پىسخكلىق تۇسالغۇغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كەمستىش تۇيغۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پىسخكلىق تەربينى كۈچەيتىش،ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. 4.ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم يېتەكلەشكە ئەھىميەت بېرىش كېرەك. ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن دەرىسخانا سىناقلىردا ئاددىي سۇئاللارنىڭ كۆپ سوراش،ئايرىم تاپشۇرۇق لايھلەش،ئىلھام ۋە رىغەبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھىيمەت بېرىش كېرەك.ئۆگىنىشتە قېينلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش سەۋھيسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققياتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بىر قاتاردا مۇئاملە قىلىشقا بولمايدۇ.كۆپ سوئال سوراش،جاۋاب بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش،ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىش كېرەك. 5. |