
ھەرىدەش ئوغلىنىڭ سەنئەت تالانتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئامان ئوغلىنى تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكا كېچىلىكىگە ئاپاردى. مۇزىكا ئورۇنلاش بىرەر سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن،ئىچى پۇشۇپ كەتكەن ئوغلى ئاماندىن سورىدى: -دادا،ئاۋۇ ئادەملەر قولىدىكى ياغاچ قۇتىنى زادى قاچانلىققا ھەرىدەپ بولىدۇ؟ قاۋىمايدىغان ئىت گۈلزار كەپسىز ئوغلىنى قورقۇتۇپ مۇنداق دېدى: -يەنە كەپسىزلىك قىلىدىغان بولساڭ مەن سېنى ئىتنىڭ كاتىكىگە ئىت بىلەن بىللە سولاپ قويىمەن! -ئىت بىلەن بىللە سولاپ قويساڭ مەيلى،بىراق مەن ئۆيگە ئوغرى كىرسە قاۋىماي جىم تۇرۇۋالىمەن. قايسى تەرەپتە تۇرىسەن تۇرسۇنجاننىڭ مومىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرسۇنجاننى سىناپ بېقىش ئۈچۈن سورىدى: -ئەگەر ئاپاڭ بىلەن داداڭ ئۇرۇشۇپ قالسا سەن قايسى تەرەپتە تۇرىسەن؟ -مەن بىر چەتتە قاراپ تۇرىمەن شۇ. يوغان باش پەرىنىڭ ئوغلى پەرىگە يىغلاپ دەرد ئېيتىشقاباشلىدى: -قارا ئاپا،مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنى يوغان باش دەپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. -بالام،ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما،سېنىڭ بېشىڭ دېگەن شۇنداق ئەپچىل،شۇنداق چىرايلىق.بولدى يىغلىما قوزام،يۈرە مېنىڭ بىلەن ماڭ،بازارغا چىقىپ10كىلو پەمىدۇر ئەكىرەيلى! -ماقۇل ئاپا،خالتا ئېلىۋاماپسەنغۇ،پەمىدۇرنى نېمىگە سالىمىز؟ بولدى،خالتىنىڭ لازىمى يوق،10كىلو پەمىدۇر دېگەن سېنىڭ شەپكەڭگە ئازادە پاتىدۇ. نېمە دېيىش كېرەك مەرىپەت قىزىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان ئىدى،بىر تونۇشى ئۇچىراپ قىلىپ قىزىغا بىر قۇتا قېتىق بەردى. -تاغاڭ ساڭا قېتىق بەردى،سەن ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىڭ كېرەك؟ قىزى بىر ھازا تېڭىرقاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: -ھە راست تاغا،قېتىق ئىچىدىغان نەيچە قېنى،-دېدى. تېمىدىن چەتنەپ كېتىش زەپەر گېزىت كۆرۈۋېتىپ بالىسىدىن سورىدى: -ئۆتكەندە مەن ساڭا يېزىپ بەرگەن ماقالە ئەلا بولۇپ باھالانغاندۇ؟ -ياق،مۇئەللىم ئۇ ماقالىنى تېمىدىن بەكلا چەتنەپ كېتىپتۇ دەيدۇ. -ئۇنداق ئەمەستۇ،مەن تاپشۇرۇقتىكى تەلەپ بويىچە"مېنىڭ دادام"دېگەن تېمىدا يېزىپ بەرگەن ئىدىمغۇ؟ -ئۇغۇ شۇنداق،بىراق سەن پۈتۈنلەي بوۋامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى يېزىپسەن ئەمەسمۇ؟ ئاپىسىنى چاقىرىش بايخېنىم كەچتە بالىسىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىتالمىدى.ئەمدىلا كۆزى ئۇيقۇغا بارغان ماھىنۇر قىزىنىڭ"ئاپا"دېگەن ئاۋازىنى يەنە ئاڭلاپ جۇدۇنى ئۆرلىدى: -ھەي شۇم،مەن سېنى ئۇخلا دەۋاتىمەن،يەنە ئاپا دەيدىغان بولساڭ كانىيىڭنى بوغۇپ قويىمەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بالىسى جىمىپ قالدى.ماھىنۇر ئەمدى ياتاي دەپ تۇرسا،بالىسى پەس ئاۋازدا ئۇنى چاقىردى: -بايخېنىم خانىم،ماڭا بىر ئىستاكان سۇ ئەكىرىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. ئۆگىتىش سىرداش كارۋاتتا ئۇخلاۋاتاتتى،قىزى ئۇنىڭ يېنىغا ئويناپ كېلىپ،توك كۆرپىسىنىڭ چاتقۇسىنى چىقىرىۋەتتى. ئاپىسى قىزىغا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: -قىزىم،قولىڭىزدىكى توك كۆرپىسىنىڭ چاتقۇسى،ئۇنى يەنە ئىككى تۆشۈك بار يەرگە سانجىپ قويسىڭىز بولىدۇ. قىزى بىردەم ئۇياقنى-بۇياقنى ئىزدىگەندىن كېيىن،توك كۆرپىسىنىڭ چاتقۇسىنى كارۋاتتا ئۇخلاۋاتقان سىرداشنىڭ بۇرنىغا سانجىپ قويدى. ئاق كۆڭۈل بالا بالىسى ئادمىندىن ئىككى مو سورىغانىدى،ئادمىن يەنە خاپا بولۇپ كەتتى: -كۈندە پۇل سورايسەن،بۇ پۇللارنى نەگە ئىشلىتىسەن زادى؟ -دادا،مەن ئۇ پۇللارنى بىر نامرات مومايغا بېرىمەن. ئادمىننىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى: -ۋۇي،مېنىڭ بالام نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ناھايىتىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم بوپتۇ،مە ماۋۇ بەش موچەننى ئالغىن،ھە راست ئۇ موماي نېمە ئىش قىلىدىكەن؟ -بىزنىڭ قورۇنىڭ ئالدىدا ماروژنى ساتىدىكەن. |