| ئەپسۇس يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 19:43  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلۈدىكى گەپنى قىلىپسىز ،دىمىسمۇ بەزىلە ... راستىنى ئېيتقاندا مەن دەسلەپتە دەرس دېتالى، دەرس تەييارلىقلىرىدىن پايدىلىناي دەپ بۇ مۇنبەرگە كىرگەن. چۈشۈرەي دىسەم تىللا يوق،ئاسمانغا قارىسام ئاسماندىن چۈشمىدى،تېما يوللاي دىسەم ۋاقتىم چىقمىدى.باشقىلاردىن سوراي دىسەم يۈزۈم چىدىمىدى. قانداق قىلاي؟ ئامالسىز بىر شېئىرىمنى يوللىدىم،يوللاپ بولۇپلا تىللا دەۋاسى قىلدىم،خىجىل بولدۇم.ئۆلەيمۇ ئۆچەيمۇ؟ تەلىيىمگە يارىشا باشقۇرغۇچىلار تېمامنى باھالاپ لايىقىدا تىللا بەردى.شۇنىڭ بىلەن خېلى ئىلھاملىنىپ قالدىم. ئەممازە،شۇ بىر شېئىرىم بار ئىكەن كومپىيوتېرغا كۆچۈرۈپ قويغان، قاملاشمىسىمۇ يەنە بىر پارچە ئۈزۈندە بار ئىدى،يوللاپ قويسام باشقۇرغۇچىلارغا ياقمىدىمۇ تېخىچە جاۋاب يوق،يەنە تىللا سوراشتىن خىجىل بولدۇم. ئەگەردە ۋاقتىم بولغان بولسا دەرس تەييارلىقىمنى كومپىيوتېردا ئۇرۇپ يوللىۋەتكەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى.چۈنكى ئۆزۈمنى دەرس تەييارلىقىنى خېلى مۇكەممەل تۈزدۈم دەپ ئويلايمەن. ئويلاپ بېقىڭلار ئىلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىلىپ،12 سائەت دەرس ئۆتۈپ،يەنە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى قىلىپ ،مەكتەپكە كەلسەم موكىدەك قاتناپ يۈرۈپ،كەچتە يەنە كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئولتۇرسام چارچاپ ئۆلۈپ قالسام مەندەك بىر ئەزا كەملەپ قالسا كۆڭلۈڭلار يېرىم بولار . ماڭا ئوخشاشلارغا رەھىم قىلىڭلار،ياردىمىڭلارنى ئايىماي،بار ماتېرياللىرىڭلارنى يوللاپ بېرىڭلار. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى چاقچاق دېگىلىمۇ بولمايدۇ،ھەممىسىنى راست دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ھەممە ئادەم ئەجرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.ئەجىر قىلماي ئېرىشكەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەجىر قىلايلى. تاما-تاما كۆل بولار. |
|