| ئەسسىىلامۇ ئەلەيكۇم تۇققانلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن بۇ تور بەتنىڭ يېڭى ئەزاسى ، بۇ توربەتكە مەنمۇ تىما يولاي دىگەن بىراق قانداق يوللاشنى بىلەممىدىم، ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، يەنە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ تور بەتنى ياساپ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتكەن ئۇستازلارغا چىن كۆڭلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ،رەھمەت سىلەرگە! ۋە يەنە مۇشۇ تور بەتكە ئەزا بۇلۇپ ھارماي تىما يوللىغان مىھنەتكەش ئۇستازلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، رەھمەت سىلەرگە ! ئەڭ ئاخىرىدا مەن مۇشۇ تور بەتنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا مۇنداق بىر تەكلىپ پىكىر بەرمەكچىمەن ،ئەگەر مۇمكىن بولسا ھەر يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا سىلەر توختىماستىن مۇشۇ تور بەتكە تۆھپە قوشىۋاتقان مىھنەتكەشلەرگە ، ئاۋاتلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان تىمىلارغا ، مېغىزلىق ، قوللىنىشچان تىمىلارغا سىتاستىكا قىلىش ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىش ئارقىلىق تەڭگە مۇكاپات بەرگەن بولساڭلا بەك ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن. ئەگەر بۇ تەكلىپىم ئارتۇكچە بوپ كەتكەن بولسا كەچۈگەيسىزلەر ! |
|