| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۇزلىكسىز تىرىشىشقا ،توختىماي كەسپى ۋە ئۇنۋىرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاشقا توغرا كىلىدۇ، مەن بۇ مۇنبەرگە تېخى يېڭىلا كەلدىم لىكىن تۇرلىك ماتىرياللار ۋە ئىنكاسلار مىنى تولىمۇ سۆيۇندۇردى. بىز ھەممىمىز يىلتىزى بىرتۇتاش بولغان تەربىيلىگۇچى ،كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش بۇرچىمىز ۋە ۋەزىپىمىز، ئورتاق ئىلگىرلەش، ئورتاق پايدىلنىش،ئورتاق كۇچ چىقىرىش بىزنىڭ شۇئارىمىز بولۇپ قالغۇسى . بىزدە يوللايدىغان تىما يوق ئەمەس ناھايىتى كۆپ ،ئولتۇرساقلا نۇرغۇن تىمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بارالايمىز ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۇرۇش ،يېڭى دەۋىردە تەرەققىيات بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئۇچۇن ھەممەيلەن بىركىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشىمىز لازىم دەپ قارايمەن .ئۆزىدىكىنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن سۇنۇش يۇكسەك ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھارماي-تالماي بىزگە تېخىمۇ ياخشى تىما،ئۇگۇنىش پۇرسىتى ۋە مەيدانى يارىتىپ بىرىشىنى ئۇمىت قىلىمەن . ئاخىرىدا مەنمۇ تىما يوللىماقچى ( ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھاكىمە ماقالا، دەرىس لاھىيەسى دىگەندەك ) قانداق يوللىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ۋاقىت بولسا كۆرسەتمە بىرەرسىز بولمىسا مەن ئۆزۇم ئۇگىنىۋالساممۇ بولىدۇ . بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!. |
|