ئىگىسى: پەتتار

power point 2010نى ئۆگىنىش سۆرەتلىك دەرسلىكى(ھەقسىز)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-18 23:05:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ « Power Point 2010 » نى ئۆگىنىش سىن دەرسىنى دەسلەپتە « روھلان » تور بېكىتىدە ئۇچراتقان ئىدىم. ئىلگىرى مەن « Power Point 2010 » نىڭ ئىلغار، ئەپچىل تەرەپلىرىنى باشقىلاردىن ئاز – تولا ئاڭلاپ قىزىقىپ يۈرگەن بولساممۇ، لېكىن خەنزۇ تىلى سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنى قانداق ئۆگىنىش بىر غەم ئىدى. مانا، ئۇيغۇر ئانا تىلىمدىكى ئۆگىنىش سىن دەرسى كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ئەرزانكەن ئەمەسمۇ! شۇنىڭ بىلەن دەرھال تۈزگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، QQ ئارقىلىق سېتىۋالدىم. ( مەن بۇ يەردە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سېتىش – سېتىۋېلىش جەريانىنى شۇنچە ئاسانلاشتۇرۇۋەتكەن ئىنتىرنېت دۇنياسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. )
  مەن بۇ سىن دەرسىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن دەرستىن كېسىپ ئېلىنغان  رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ۋە ئۈلگە ئورنىدا كۆرسىتىلگەن قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپلا، بۇ دەرسنىڭ يېڭى، چۈشىنىشلىك ۋە ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئۆز كۈزۈم بىلەن ھەممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ رازى بولدۇم، خوشال بولدۇم، ھۇزۇرلاندىم. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىم تۆۋەندىكىچە:
  « Power Point 2010 » نىڭ « Power Point 2003, 2007 » نۇسخىلىرىغا قارىغاندامۇنداق ئىلغار، ئارتۇقچە تەرەپلىرى باركەن:
كۆزنەك ئاددىيلاشتۇرۇلغان، مەشخۇلات قىلىش بەك قولايلىق.
« 2003 » تە كۆپ مەشخۇلاتلار تىزىملىك ئارقىلىق بولاتتى، « 2010 » دا بولسا نۇرغۇن مەشخۇلاتلار قوراللار ئارقىلىق بولىدۇ. قوراللار ھەر خىل سىن بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئىشلىتىش ئاسان ھەم قولايلىق.
      2. نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلغان. مەسىلەن، سۈرەتنىڭ ئارقا تەگلىكىنى چىقىرىۋېتىش، كېسىپ تەھرىرلەش، رەڭنىڭ قېنىق – سۇسلىقىنى ئۆزگەرتىش ... قاتارلىق «  PHOTOSHOP» تىكى ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
      3. تەييار ئارقا تەگلىكلەر كۆپەيتىلگەن، تېخىمۇ چىرايلىق ھەم كۆركەم. ھەرىكەت بېرىش ئۈنۈملىرى تېخىمۇ سەرخىللاشقان.
     4. ئاۋاز، سۈرەتلەرنى قويۇش ئىقتىدارى يېڭىلانغان. ئاۋاز، سۈرەتلەرنى كېسىش، تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ( بۇرۇن مەخسۇس فىلىم تەھرىرلەش قورالى ئىشلىتەتتۇق، ھازىر بۇنىڭ ھاجىتى قالمىدى. )
     5. سىن دەرسى ئارقىلىق سىز « Power Point 2010 » نى ئۆگىنىشنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرىنى بىرمۇ بىر ئەگىشىپ قىلىسىز. ئەگەر خاتا قىلىپ قويسىڭىز، سىن كۆرۈنۈشىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ يەنە قايتا قىلسىڭىز بولىدۇ.
     6. ...
     قىسقىسى، بۇ « Power Point 2010 » نى ئۆگىنىش سىن دەرسى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆگىنىش سىن دەرسى كەمچىل بولۇشتەك چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. تۈزگۈچى بۇ سىن دەرسىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. 40 يۈەن ئەرزان بولۇپ قاپتۇ، دېگەن ئويغا كېلىپ قالىدۇ كىشى. ئۆگىنىش جەريانىدا تۈزگۈچىنىڭ « ئەگەر بىر ئايغىچە ئۆگىنەلمىسىڭىز، پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ » دېگەن سەمىمىي سۆزىگە تېخىمۇ قايىل بولىسىز.
    خوش، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ قانداق؟ خۇددى ئېلانغا چىققاندەك. نەق گەپ، ماڭا بۇ ئۆگىنىش سىن دەرسى يارىدى. بەك ئاسان ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىكەن. پات ئارىدا « Power Point 2010 » دا تۈزۈلگەن دەرس دېتاللىرىمنى تورداش، كەسىپداشلارغا سۇنىمەن. بۇ سىن دەرسى « Power Point 2010 » نى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ياخشى ئۇستازى بولۇشىدا گەپ يوق.
   مەن ئاخىرىدا « Power Point 2010 » نى ئۆگىنىش سىن دەرسىنى تۈزگۈچىگە ئوخشاش پەردە ئارقىسىدىكى مېھنەتكەشلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ھەم باشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇ مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەمگىكىنى قوللاپ ئىلھام بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
   بايا بۇ مۇنبەردە پەتتار مۇئەللىمنىڭ ئىككى سائەتلىك ئوچۇق دەرسىنى كۆرۈپ، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىستىداتىغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ ۋۇجودىدىن بىر خىل قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك ۋە كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تور دەرسلىكى ۋە كومپيوتىر يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-2-18 23:17:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەتتۇردى ئەپەندى: بىزدە: « ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدرى بولماس » دېگەن گەپ بار. 40 يۈەننى قىممەت كۆرۈۋاتامسىز قانداق؟ پۇل پاخاللىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شۇ 40 يۈەننىڭ نېمە كۈچى بار دەيسىز!؟ ھېچ بولمىسا ئاپتورنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەكقۇ ئاخىر.
ۋاقتى: 2013-2-20 21:23:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي
مەنمۇ بىرنى سېتىۋالاي ...مەن ئىزدەپ يۈرگەن بۇنداق دەرسلىكنى
ۋاقتى: 2013-2-21 11:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆگىنىش ماتىرىيالى ياخشى لايىھەلىنىپتۇ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى سوغا ئىكەن. كۆپ رەخمەت.
ۋاقتى: 2013-4-1 10:07:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەتتار مۇئەللىم بەك ياخشى ئىش قىپسىز، ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2013-4-1 22:10:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرسلىكىڭىز ھەقىقەتەن ئەتراپلىق  تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بولۇپتۇ ، رەھمەت ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2013-4-4 02:14:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر؟بۇدەرىسلىك دىتالى ھەقىقەتەن ياخشىكەن .مۇشۇنداق ياخشى ماتىرياللار بايقاش تورىدا داۋاملىق يوللىنىپ ھەق مەسىلىسىگە كەلسەك، مىنىڭچە مۇشۇنداق قىممىتى يۇقۇرى ماتىرياللارنى ھەقلىق قىلىش مۇۋاپىق. 40يۇەنگە بىر كىلو گۆش كەلمەيدۇ. جاپا تارتقانلارنىمۇ ئويلاپ قۇيايلى.

باھا سۆز

كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپسىلە ئاداش!  ۋاقتى: 2013-4-4 02:19
ۋاقتى: 2013-4-11 01:23:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرسلىكىڭىز ھەقىقەتەن ئەتراپلىق  تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بولۇپتۇ ، رەھمەت ھارمىغايسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
ۋاقتى: 2013-4-14 21:40:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سېتىۋالاي دىگەن قانداق پۇل تۆلەيمەن پەتتار مۇئەللىم ياردەم قىلىڭ .........................!
ۋاقتى: 2013-5-19 01:28:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز پەتتار مۇئەللىم ؟ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيوتىر ئۇگۇنىىش دولقۇنى كۈتۇرۇلۇپ ،قانداق قىلسام ياخشى ئۈگۈنەلەيمەن دەپ غەم-قايغۇدا قېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھەقىقەتەن ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز.سىزگە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سىزگە بەخت ۋە ئوزۇن ئۈمۇر تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش