| پىكىرىڭىز ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ . مەن قوللايمەن بىراق دائىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلىشىدا ،دەرىسخانىدا دەرىس ئۆتىۋاتقاندا زۇرۇر لازىم بولىدىغان ماتىرياللارنى يەنىلا كۆپچىلىك پايدىلنىش ئۇچۇن يوللاپ قويغىنىمىز ياخشى دەپ قارايمەن ،چۇنكى جىددى لازىم بولغاندا قايسى تور بەتتە بارلىقىنى بىلەلمەي ،دەماللىققا تاپالماي ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ،بۇ ماتىرياللارنى ئىشلەتكەندە ئاپتۇر ھەرگىزمۇ ئەمگەك مىۋىسى ئوغۇرلانغانلىق ھىس قىلمايدۇ ،ئەكىسچە ئۆزىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققانلىقىغا خۇشال بولىدۇ دەپ قارايمەن . بىر قىسىم دەرىس تەييارلىقلىرى نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىدە بار ئىكەن لىكىن تەھرىرلىنىشى ھازىرىقى دەرىسلىك كىتابقا ماسلىشىشى ئوخشاش ئەمەسكەن .بۇنىڭ ئىچىدە پۇچەك ماتىرياللار بىرقەدەر كۆپ ئىكەن ،بۇنىڭغا قارتا مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى تۇلۇق قوللايمەن . |
|