ئىگىسى: گۈلزار

سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ (5 )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-1 00:37:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كۆڭۇلدىكىدەك گەپلەرنى قىپسىز .گۇلزار خانىم . مەن پىكرىڭىزنى تامامەن قوللايمەن .
1 ›بۇندىنن كېيىن  باشقا مۇنبەرلدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن پايدىلنىش قىممىتى بولمىغان تېمىلار بىردەك ئكچۈرۈلىدۇ شۇڭا تېما يولىغاندا دىققەت قىلىڭ .
2 ›  باشقىلارنىڭ تېمىسىنى ئۆزىنىڭ  قىلىۋالغانلارنىڭ تېمىسى ئۆچۈرۈلدۇ .
3 › قالايمىقان ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۈلدۇ


ئەگەردە ھۇقۇق بېرىلسە مەن مەخسۇس  ئەخلەت ئىنكاس،تىمىلارنى ئۆچۇرىدىغان‹‹ تازىلىقچى›› بولايمىكىن دەيمەن .  

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .  ۋاقتى: 2013-2-1 00:49
ۋاقتى: 2013-2-1 03:13:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوتلۇق ئەپەندىمنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ،بايقاشنىڭ پىدائىيسى بولۇشنى خالايمەن.

باھا سۆز

قوللىغنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-2-1 11:47
ۋاقتى: 2013-2-1 11:19:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللۇغۇچى، سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەمىلىيەتتە بۇنداق مەسلىنىڭ ساقلىنىشى يەنىلا بايقاشنىڭ مۇنبەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە، يەنە دىسەم يەنە شۇ بايقاشتىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتىرياللارنىڭ ھەقلىق قىلىپ قۇيۇلىشى سەۋەبىدىن، باشقىلار مۇنبەر پۇلىغا ئىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ماتىرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈنلا ئەخلەت تىما ، ئىنكاسلارنى يوللاۋاتىدۇ. ئۇلارغا  مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق، چۇنكى ئۇلار دەرسلىك ماتىرياللارنى چۈشۈرۈۋېلىشى ، ئۇلاردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئۆزلىرىدە باشقا پۇل تاپقىدەك تىما بولمىغانلارنىڭ ئەخلەت تىمىلارنى يوللىشىنى تۇسىغانلىق مەسىلىنى نىگىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس.

باھا سۆز

سىز بايقاش مۇنبىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئويلىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىكى تېمىنى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-1 12:21
ۋاقتى: 2013-2-1 12:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxa يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 11:19
تىما يوللۇغۇچى، سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋ ...
كونا-يېڭى تورداشلار مۇنبەردىكى بىر قىسىم ھەقلىق(تىللالىق) ماتىرىياللارغا نىسپەتەن ئىلمىي، توغرا پوزۇتسىيەدە بۇلۇشى كېرەك. مۇنبەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەييارلىغان، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتاللىرى، ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك پىلان-خۇلاسىلار ۋە لېكسىيەلەر توپلىمى قاتارلىق بىر قىسىم ماتىرىياللار ھەقلىق(تىللالىق) قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان. بۇ ھەرگىزمۇ ماتىرىيال چۈشۈرگۈچىلەردىن نەپ ئېلىشنى كۆزلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپتىن باشقىلار ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتكەن جاپاكەش تورداش دوستلارغا ئېيتىلغان مىننەتدارلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىمۇ ئەنە ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ، مۇنبەرگە تېما سۈپىتىدە يوللاشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

سىز بايقاش مۇنبىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئويلىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىكى تېمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىققايسىز:
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5892

باھا سۆز

قوللايمەن .  ۋاقتى: 2013-2-3 12:29
قوللايمەن  ۋاقتى: 2013-2-2 21:29
ئورۇنلۇق!  ۋاقتى: 2013-2-2 15:18
ۋاقتى: 2013-2-1 16:29:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەسىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-4 17:26  

  گۈلزارخانقىزنىڭ دادىل پىكىر-تەكلىپلىرىگە قايىلمەن.مۇنبەردە مۇشۇنداق مۇسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچىنىڭ بولىشى مۇنبەر تەرەققىياتى،خاسلىقى شۇنىڭدەك سەھىپىلەرنىڭ ساپلىقى ئۈچۈنمۇ ۋاستىلىك رول ئوينايدۇ.

   مەنمۇ بايقاش مۇنبىرىگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم.تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم.بۇندىن كېيىنمۇ دىققەت قىلىمەن!
  
تېمىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.... رەھمەت سىزگە!

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .  ۋاقتى: 2013-2-3 12:30
ۋاقتى: 2013-2-2 14:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxa يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 15:19
تىما يوللۇغۇچى، سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋ ...


بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى پەقەتلا تېمىلارنى تىلالىق قىلشقا ئارتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. تورىمىزدىكى %98 ماتىرىيال ھەقسىز. قالغان %2 ھەقلىق. بۇ ھەقلىق دېگەندە ھەرگىزمۇ پۇل تۆلەيسىز دېگەنلىك ئەمەس. تىللا پەقەت مۇنبەر ئىچىدە ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان مەۋھۇم نومۇردىنلا ئىبارەت.
تىللالىق قىلىشتىكى مەقسەت: تېما ئىگىسىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تېمىلارنى باشقا تېمىلاردىن پەرىقلەندۈرۈش، باشقىلارنى مۇشۇ تىللا ۋاستىسى ئارقىلىق ماتېرىيال يوللاشىغا رىغبەتلەندۈرۈش، «ماتېرىيال يوللىسا تىللاغا ئېرىشكىلى بۇلىدىكەن، تىللا بولسا ياخشى ماتىرىياللارنى چۈشۈرگىلى بۇلىدىكەن» دېگەن ئىدىيىنى تورداشلارغا ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق مۇنبەردىكى ماتېرىيال ئامبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ياخشى قاراپ بېقىڭ رايۇنىمىزدىكى  باشقا مائارىپ تورىدىمۇ مۇشۇنداق تىللالىق تېما تۈزىمى يولغا قۇيۇلغان شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تورى بولغان بەيدۇ (www.baidu.com) تورىدىمۇ ياخشى ماتىرىياللارنى تىللالىق قىلىپ تەڭشەلگەن.

تىللاسى يوق ئەزالارغا كەلسەك: ئۇلار بايقاشقا لازىم بولغاندىلا كىرمەي، ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم كىرىپ زىيارەت قىلىپ تۇرسا يىتەرلىك تىللاغا ئىگە بۇلالايدۇ.  چۈنكى بىر چوڭ-كىچىك بايرام، بايقاش خاتىرە كۈنلىرى، مۇكاپاتىلىق تېما، مۇكاپاتلىق ئىنكاس دىگەندەك پائالىيەتلەرنى دائىم ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى قولدىن بەرمىسە چۇقۇم يىتەرلىك تىللاغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
باشقا ۋاقىتتا كۈندە كىنو، كۈڭۈل ئېچىش تورلىرىدىن چىقماي، ھاجىتى چۈشۈپ بولالمىغاندا بايقاشقا كىرىپ ماتىرىيال چۈشۈرىمەن دېسە ئەلۋەتتە تىللا مەسىلىسىگە دۇچ كىلىدۇ. قارىسام سىزمۇ شۇنداقكەنسىز. ئارخىۋىڭىزغا قارىسام  5 تال نارازىلىق ئىنكاسىدىن باشقا ھېچ نېمىڭىز يوقكەن. سىز ئالدى بىلەن «مەن باشقىلارغا قانچىلىك نەپ يەتكۈزدۈم،  مائارىپ تور ئىشلىرى ئۈچۈن نېمىش قىلىپ بەردىم »دىگەننى ئويلاپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بىزدە شۇ ئېغىزدا قاقشاش كۆپ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمايمىز. ئەگەر باشقىلارنى قايىل قىلىمەن دەيدىكەنسىز ئۆز ئەمىلىيىتىڭىزدىن باشلاڭ.....................

باھا سۆز

قوللاشقا تېگىشلىك ئىنكاس.  ۋاقتى: 2013-2-4 18:16
ئورۇنلۇق گەپ ، قوللايمەن .  ۋاقتى: 2013-2-3 12:39
قوللايمەن  ۋاقتى: 2013-2-2 21:39
ئورۇنلۇق ئىنكاس، قوللايمەن.  ۋاقتى: 2013-2-2 15:12
ۋاقتى: 2013-2-2 16:01:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا باشقۇرغۇچى سىز بولسىڭىزمۇ ئىملاغا دىققەت قىلىسڭىز.
ۋاقتى: 2013-2-2 19:50:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرگە تولۇق قۇشۇلمەن. كوپچىلىككە پايدىلىق تېمىلاردىن باشقا تېمىلارغا بۇندىن كىيىن دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-2-3 12:41
ۋاقتى: 2013-2-2 21:48:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم  گۈلزار ياخشىمۇ سىز؟ سىز دېگەندەك ئەھۋاللار مۇنبەردە ھەقىقەتەن مەۋجۈت. ياخشى پىكىر بوپتۇ، پىكرىڭىزنى قوللايمەن.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-2-3 12:41
ۋاقتى: 2013-2-3 22:32:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار مۇئەللىمەنىڭ پىكرىنى مەنمۇ قۇللايمەن.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  ۋاقتى: 2013-2-4 20:25
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش