ئىگىسى: سىرداش

بايقاشتىكى مۇكاپاتلىق سۇئال- جاۋاپلار(قاتناشقۇڭىز بارمۇ؟)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-23 22:50:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئال: ماتىماتىكا نەتىجىسى ناچار ئۇقۇغۇچىلارنى قانداق يىتەكلەش ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ؟
ۋاقتى: 2014-3-24 18:13:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىكەن، قانداق قاتنىشىمەن
ۋاقتى: 2014-3-25 21:25:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاتسىز قالسا ھەممىلا ئادەم ئېچىنىدۇ،سىزنىڭچە قانداق ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك.تەپسىلىرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2014-3-26 13:36:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال:قانداق قىلغاندا ساۋادى چىقماي،يوقىرى يىللىققا سۆرەپ ئېلىپ چىقىرىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى ئوڭاي چىقارغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:1.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئىگىلەپ شۇ قىزىقىشى ئاساسىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ،مەن چوقۇم ساۋادىمنى چىقىرالايمەن دېگەن تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
2.تىل -ئەدەبىيات دەرىسىدە ئۇلارغا ئايرىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش يەنى دەسلىپىدە بىر ئابزاسنى ئىزلاپ كىتابقا يېزىش ياكى باشقا ئەدەبى كىتابلارغا ئىزلاپ يېزىپ كېلىش،ئىزلاپ يېزىش جەريانىدا ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ،تەدرىجى مىقدارىنى ئاشۇرۇش.
3.ھەججىلەپ ئوقۇش مەشقىنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇش،دەرس ۋاقتىدا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىپ ئاۋال يەڭگىل ۋەزىپە بېرىپ ئاستا -ئاستا سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇش دائىرىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ دەرس ئۆتكەچ پات-پات يېنىغا كېلىپ ئورۇنداش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش.
4.شېېرلارنى ئاۋال يادلىتىۋېتىپ ئاندىن ئۇنى ھەرپ،بوغۇم،سۆز بويىچە يادلىغىنى بويىچە پەرىقلەدۈرۈپ ئوقۇش مەشىقىگە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.
5.يادئىملا يازدۇرۇش مەشىقىدەسۆزلەرنىڭ قۇرۇلما سىزىقلىرىنى دوسكىغا يېزىپ،قۇرۇلما بەلگىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە يېزىشقا قويۇپ توغرا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش(شۇ سۆزنى ئېنىق قىلىپ قايتا -قايتا ئوقۇپ بېرىش كېرەك)بۇ ئارقىلىق ھەربنى تونۇپ بوغۇم قوشۇپ ئوقۇشنى ئىگىلىيەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ،قوشۇپ يېزىش قائىدىسىنى توغرا ئىگىلىيەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ،ھەربنى تولۇق ئىگىلىيەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىپ يىغىلىپ ناچار ئوقۇغۇچى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6.ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى پۇقتا ئىگىلەپ ھەرب،بوغۇم،سۆز،سۆز بىرىكمىسى،جۈملە...قاتارلىقلارنىڭ پەرقىنى پۇقتا ئىگىلىتىپ مېڭىشى زۆرۈر.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى بىلىمىنى يېتىلدۈرۈپ ساۋاد چىقىرىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭدا ھەر بىر سائەتلىك دەرستە بۇ بىلىملەر ئەسكەرتىلىپ مېڭىلسا ئاستا -ئاستا ئوقۇغۇچىلاردا تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچە،چوڭقۇر ئىشتىياق شەكىللىنىدۇ.
7.ئوقۇتقۇچىدا ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەش تىلى،يۇمۇرىستىك ھەرىكەت تىلى،ئوبرازلىق تەپەككۈر تىلى،خىلمۇ خىل ئوقۇتۇش ماھارەتلىرىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلىشى تولىمۇ زۆرۈر.
8.زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.چۈنكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوبرازلىق تەپەككۈرنى ئاساس قىلىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيقتاندا ئوقۇتقۇچىدا يۈكسەك ئوقۇتۇش ماھارىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق ۋېجدانى ،ئوقۇتقۇچىلىق ئىمانى زىچ بىرلەشتۈرۈلسە،زېرىكمەي ئۆگىنىش بىلەن زېرىكمەي ئۆگىتىش روھى مۇجەسسەملىشىپ يوقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللانسا ئەقلى ئاجىز بالىلاردىن باشقىلارنىڭ ساۋادى تولۇق چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئەمىلى ئوقۇتۇش تەجرىبەم ،ئىلمىي ماقالە سەۋىيىسىگە توشماسلىقى مۈمكىن تەنقىدىي پايدىلىنارسىلەر.باشقا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،تەجىربىلىرى كىتابلاردا كۆپ ،ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاش،ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى تاللاش،ئوقۇتۇش جەريانىنى لايىھىلەش جەھەتلەردە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئوقۇتۇش ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىلمىي لايىھىلەمنىسە ئۆز نىشانىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ تېمىنى يورۇقلۇققا چىقارغۇچى كەسىپدىشىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.مۇشۇنداق ئېسىل سوئاللار ئارقىلىق مېنى دائىم غىدىقلاپ تۇرغايسىز!!!!!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +4يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 3 + 4

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-26 16:29:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سىنىپىمدا ئىنتايىن كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى بار، بىر مىنىتمۇ جىم تۇرالمايدۇ، دەرسنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۇنى ئاز دىگەندە 10 قىتىم تەرتىپكە چاقىرىمەن،››غا تەكلىپ
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشى نىمىدۇ؟كىملەر بىلەن ئويناشنى خالايدىغاندۇ؟ئاتا -ئانىسىنىڭ كەسپى نىمە؟مۇشۇ نۇقتىلارنى كۈزىتىپ بېقىڭ.ئاتا-ئانىسى زىيادە ئەركىلەتسە سىزنىڭ ئامال قىلمىقىڭىز تەس.مومىلىرى بېقىپ ئارچىلايدىغان بالا بوپقالسا تېخىمۇ تەس،ئەگەر قىزىقىشىنى تېپىۋالالىسىڭىز شۇنى لېنىيە قىلىپ تەربىيە ئۇسۇلى جەھەىتتە ئىزلىنىپ باقسىڭىز ئۈنۈمى بولىشى مۈمكىن.كۆپ جاپا چېكىپسىز...مېنىڭچە ئۇنى تەسىرلەدۈرەلىگىدەك بىر ئىش قىلىپ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتكە ئەكىۋالسىڭىزمۇ كېيىنكى تەربىيەلەش جەريانىغا ئاسانلىق تۇغۇلىدۇ...
ۋاقتى: 2015-4-12 14:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزۈم  بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،ئوقۇغان كەسپىم تىل - ئەدەبىيات ، لېكىن ھازىرقى ئۈئىتىۋاتقان دەرسىم خەنزۇتىلى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى،دەرس ئۈتۈش ، گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ،دەرس ئۆتۈش جەھەتتە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىمەن ، خەنزۇچە يېزىقچىلىقتىمۇ ئانچە قىينالمايمەن، لېكىن ئېغىزچە پاراڭلىشىشتا ئويلىغىنىمنى دىيەلمەيمەن،باشقىلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنىمەن ئەمما جاۋاپ قايتۇرۇشتا بەكلا قىينىلىمەن، ئادەتتە خېلى ماتىريال كۆرۈپ تۇرىمەن ، لېكىن بۇجەھەتتە ھەل قىلغۇدەك ئامال تاپالمىدىم، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار دوستلار .
ۋاقتى: 2015-4-12 20:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىرىنچى سىنىپتىلا چىڭ تۇتۇپ بىر سىنىپقا بىر ئوقۇتقۇچى دەرىس بېرىپ ئامال بار %98
بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش كېرەك .بىزنىڭ مەكتەپتە ھەربىر سىنىپتا 45 تىن كوپ بالا بار ،بىر ئوقۇتقۇچى ئىككى سىنىپقا دەرىس بەرسە ،يىتىشىپ بولالماسمىكى دەپ ئويلايمەن.ھەربىر سىنىپتىن 6   7  سى ساۋاتسىز قالىدىكەن .
ۋاقتى: 2015-4-12 22:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلال1 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 14:42
مەن ئۆزۈم  بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،ئوقۇغان ك ...

ئۇنداقتا خەنزۇچە كېنولارنى كۆپراق كۆرۈڭ پايدىسى بار!
ۋاقتى: 2015-4-13 09:03:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىدە بىر ئاز قىيىنچىلىققا يۇلۇقىۋاتىمەن . مەسىلەن : بىر ئوقۇغۇچىلار ئۇرۇشۇپ ھەر ئىككىلىسى يىغىلشپ ئاتا- ئانىسىنى باشلاپ كېلىدىغان ، ئۇرۇشۇپ قالغان ئوقۇغۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش. ئەگەر مەن قاتتىقراق گەپ قىلسام ئازىراق ئۇچۇقداپ قويسام شۇ ھاماتلا كەچتە ئات-ئانىسىغا دەپ بېرىپ ئاتا- ئانىسى ماڭا نىمىشقا بالامغا گەپ قىلدىڭ دېگەن. گەپ قىلمىسا بۇ باللار يا ساۋادى يوق. ئىنتىزام مەسىلدىن ئېزىر ئاچقىلى بولمىسا بۇنداق باللارغا زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +2يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-4-19 12:19:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز شۇ كەپسىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىر ئىگەللەپ بېقىڭ ،سىلەر ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئېغىر بېسىق بۇلۇشىڭلار كىرەك ، مىنىڭ بىلىشىمچە ئەر ئوقۇتقۇچىلار سەل قىززىق قان كىلىسىلەرغۇ دەيمەن ، چۇقۇم ھەر قانداق ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھەل قىلىڭ ،ئاتا - ئانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاڭ، مىنىڭچە شۇنداق قىلسىڭىزلا شۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا سىز ھەم ئاتا - ئانىسى بىرلىكتە تەربىيە ئىشلىسەڭلار ياخشى بۇلىدىغۇ دەيمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 3 + 3

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش