| بۇرۇن بولۇپ بولغان ئىشلارنى مىڭ سۆزلىگەن بىلەنمۇ ئىزىغا كەلمەيدۇ. شۇڭا،ئوقۇتقۇچى بولغۇچى چوقۇم ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەيدىغان، ھەم ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولسا ، ئاندىن بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. ھازىر،(1) ئانا تىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ بولماسلىقى ۋە دۆلەت تىلى سەۋىيىسىگە ئاساسەن خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان بولغاچقا، بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ باشقا تىلدا سۆزلىيەلىشىگە قاراپلا، بالىلىرىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىشىدۇ-دە، ساددا پەرزەنتلىرىنى شۇ يولغا ئارتۇقچە زورۇقۇپ قىستايدۇ. شۇڭا، بۇ تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بولغان بىر ئىش بولۇپ روشەن گەۋدىلىنىۋاتماقتا. (2) بەزىبىر «ئەقىللىق» كەسپداشلىرىمىز بۇخىل باش قېتىمچىلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، قىينالمايلا ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھەقىقى نىيىتى بىلەن يۇقۇرقىدەك ئەھۋالنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار بولسا بۇ ئىش تۈپەيلىدىن، خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلەر بىلەن قىزىرىشىپ قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يىل ئاخىرىدا باھالاشتا، ئىلغارلارنى سايلاشتا، تۈرلۈك ئۇششاق-چۈششەك ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولۇشتا، جىددىي ئەھۋاللاردا رۇخسەت سوراشتا، كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشتا....يەنىلا ئەشۇ«ئەقىللىق»لار بەھرىمەن بولغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنالمايدۇ. (3)ئۇلارنىڭ كەسپ، خىزمەت، ئائىلە...دەپ مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىشكە ياكى ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدۇ. (4) مەكتەپلەردىكى رەھبەرلەرمۇ مەكتەپتىكى تۇرلۈك خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، يۇقۇرى-تۆۋەن ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈش ...شەخسىي تۇرمۇش ۋە باشقا ھەر خىل بېسىملار سەۋەبىدىن، بۇنداق ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىبى دەپ ھىسابلاپ، ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلارمۇ چارچىغاندا، باشقىلارنىڭ چىرايلىق ياغلىما گەپلىرىگە بىلىپ-بىلمەي خۇشتار بولۇپ قالىدۇ. يۇقارقىدەك ئەمىلىي قىيىنچىلىقلارنى دىيىش ئۈچۈن سىز ئۇلارنى ئىزدەپ تاپقاندا، ئۇلارمۇ بەلكىم ئاللىقاچان كۆڭۈلسىز گەپلەرنى خالىماس بولۇپ قالغان ۋاقتى بولۇشى مۈمكىن، ئەلۋەتتە. قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدا:«ياشلار كەلگۈسىگە ئىنتىلىشچان كېلىدۇ، چوڭلار بولسا تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ»،ديىلگەن ئىكەن. ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئاتالمىش»ئىقتىساد« نىڭ قاينىمىدا،مۇناسىۋەت تورىدا. كەسپداشلىرىمىز بولسا، ئۆز كەسپىنى دەپ، غىژ-غاژ پاراڭدا.خۇددى »ئات بىلەن ئىشەك تېپىشسە، ئارىدا قالغان تەخەي ئۆلۇر« دىگەندەك ، بار زىيان ئەشۇ نارەسىدىلەرگە بولىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، 1› ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تولىمۇ مۈشكشل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك بۇ ئىشتا باشتىن باشلاپلا بارلىق كىچىك ئىشلاردىمۇ، بالىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ياخشى. 2› ناۋادا،سىز يېرىم يولدا تۇتقان بالىلار بولۇپ قالسا، چوقۇم ئۇلارنى مەكتەپتە ۋە دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا (دەرسخانىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ)، چوقۇم ئايرىم يېتەكلەڭ ۋە رىغبەتلەندۈرۈڭ. چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئادىدا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان ۋە غورۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ. 3› كەسپنى سۆيسىڭىز ۋە ئەشۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرىگە ئىشتىياق باغلىسىڭىز، يەنىمۇ كۆپ قۇربانلارنى بېرىپ، ئائىلە سۆھبىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ، ھەقىقى ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ. 4› مىلىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشى توغرىسىدا چوقۇم چوڭلارغا قايىل قىلارلىق دەرس سۆزلەڭ.(بىلىڭكى، سىز دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغازىت بولغان سۆزلەردىن ساقلانسىڭىزلا، تۇتقان يولىڭىز خاتا بولمايدۇ.) 5›ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ۋىجدانى قاينايدىغان خىزمەتداشلىرىڭىزنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن قەرەللىك ۋە قەرەلسىز پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.(ئەمما، گەپ- سۆزلىرىڭىز مەلۇم خىزمەتداش ياكى رەھبەر ئۈستىدە بولۇپ قالمىسۇن. بولمىسا، سىزنىڭ نىيىتىڭىز ياخشى بولسىمۇ، يېنىڭىزدا يوق بىراۋنىڭ گېپىنى قىلىش_غەيۋەت) 6›مۇۋاپىق پەيت تېپىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئوچۇق-يورۇق ھالدا، ئۆزخىياللىرىڭىز ۋە كۆزقارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياخشى يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىڭ. ھەم ، ئۇلار بىلەن قورۇنماي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پات-پات تەكلىپ بېرىپ تۇرۇڭ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردىمۇ بىرخىل مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قىزغىنلىقنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىشلارمۇ تەدرىجى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|