ئىگىسى: سىرداش

بايقاشتىكى مۇكاپاتلىق سۇئال- جاۋاپلار(قاتناشقۇڭىز بارمۇ؟)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-26 16:29:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سىنىپىمدا ئىنتايىن كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى بار، بىر مىنىتمۇ جىم تۇرالمايدۇ، دەرسنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۇنى ئاز دىگەندە 10 قىتىم تەرتىپكە چاقىرىمەن،››غا تەكلىپ
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشى نىمىدۇ؟كىملەر بىلەن ئويناشنى خالايدىغاندۇ؟ئاتا -ئانىسىنىڭ كەسپى نىمە؟مۇشۇ نۇقتىلارنى كۈزىتىپ بېقىڭ.ئاتا-ئانىسى زىيادە ئەركىلەتسە سىزنىڭ ئامال قىلمىقىڭىز تەس.مومىلىرى بېقىپ ئارچىلايدىغان بالا بوپقالسا تېخىمۇ تەس،ئەگەر قىزىقىشىنى تېپىۋالالىسىڭىز شۇنى لېنىيە قىلىپ تەربىيە ئۇسۇلى جەھەىتتە ئىزلىنىپ باقسىڭىز ئۈنۈمى بولىشى مۈمكىن.كۆپ جاپا چېكىپسىز...مېنىڭچە ئۇنى تەسىرلەدۈرەلىگىدەك بىر ئىش قىلىپ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتكە ئەكىۋالسىڭىزمۇ كېيىنكى تەربىيەلەش جەريانىغا ئاسانلىق تۇغۇلىدۇ...
ۋاقتى: 2015-4-12 14:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزۈم  بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،ئوقۇغان كەسپىم تىل - ئەدەبىيات ، لېكىن ھازىرقى ئۈئىتىۋاتقان دەرسىم خەنزۇتىلى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى،دەرس ئۈتۈش ، گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ،دەرس ئۆتۈش جەھەتتە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىمەن ، خەنزۇچە يېزىقچىلىقتىمۇ ئانچە قىينالمايمەن، لېكىن ئېغىزچە پاراڭلىشىشتا ئويلىغىنىمنى دىيەلمەيمەن،باشقىلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنىمەن ئەمما جاۋاپ قايتۇرۇشتا بەكلا قىينىلىمەن، ئادەتتە خېلى ماتىريال كۆرۈپ تۇرىمەن ، لېكىن بۇجەھەتتە ھەل قىلغۇدەك ئامال تاپالمىدىم، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار دوستلار .
ۋاقتى: 2015-4-12 20:18:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىرىنچى سىنىپتىلا چىڭ تۇتۇپ بىر سىنىپقا بىر ئوقۇتقۇچى دەرىس بېرىپ ئامال بار %98
بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش كېرەك .بىزنىڭ مەكتەپتە ھەربىر سىنىپتا 45 تىن كوپ بالا بار ،بىر ئوقۇتقۇچى ئىككى سىنىپقا دەرىس بەرسە ،يىتىشىپ بولالماسمىكى دەپ ئويلايمەن.ھەربىر سىنىپتىن 6   7  سى ساۋاتسىز قالىدىكەن .
ۋاقتى: 2015-4-12 22:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلال1 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 14:42
مەن ئۆزۈم  بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،ئوقۇغان ك ...

ئۇنداقتا خەنزۇچە كېنولارنى كۆپراق كۆرۈڭ پايدىسى بار!
ۋاقتى: 2015-4-13 09:03:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىدە بىر ئاز قىيىنچىلىققا يۇلۇقىۋاتىمەن . مەسىلەن : بىر ئوقۇغۇچىلار ئۇرۇشۇپ ھەر ئىككىلىسى يىغىلشپ ئاتا- ئانىسىنى باشلاپ كېلىدىغان ، ئۇرۇشۇپ قالغان ئوقۇغۇچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش. ئەگەر مەن قاتتىقراق گەپ قىلسام ئازىراق ئۇچۇقداپ قويسام شۇ ھاماتلا كەچتە ئات-ئانىسىغا دەپ بېرىپ ئاتا- ئانىسى ماڭا نىمىشقا بالامغا گەپ قىلدىڭ دېگەن. گەپ قىلمىسا بۇ باللار يا ساۋادى يوق. ئىنتىزام مەسىلدىن ئېزىر ئاچقىلى بولمىسا بۇنداق باللارغا زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +2يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-4-19 12:19:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز شۇ كەپسىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىر ئىگەللەپ بېقىڭ ،سىلەر ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئېغىر بېسىق بۇلۇشىڭلار كىرەك ، مىنىڭ بىلىشىمچە ئەر ئوقۇتقۇچىلار سەل قىززىق قان كىلىسىلەرغۇ دەيمەن ، چۇقۇم ھەر قانداق ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھەل قىلىڭ ،ئاتا - ئانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاڭ، مىنىڭچە شۇنداق قىلسىڭىزلا شۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا سىز ھەم ئاتا - ئانىسى بىرلىكتە تەربىيە ئىشلىسەڭلار ياخشى بۇلىدىغۇ دەيمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 3 + 3

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-7-8 22:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن!مەنمۇ قاتنىشاي دىگەن....بىراق قانداق ئۇسۇلدا قاتنىشىدۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش