| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 12:26
ساۋاتسىزلىق ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئەمەس بەلكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت. (مىنىڭ سىنىپىمدىمۇ ئۈچ نەپەر ساۋاتسىز بار).ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتسىز قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەر تەرەپتىن كۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: (خۇتەنگە نىسبەتەن)1. يېزا مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن ئاز، بىر ئوقۇتقۇچى 5-6پەندىن دەرس تەييارلاپ كام دىگەندە 25-20سائەت دەرس ئۈتىدۇ. تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە كەسپى ئۈگىنىش، مەدەنىيەت ئۈگىنىش، سىياسى ئۈگىنىش.........دىگەندەك بىر تالاي ئۈگىنىشلەر....بۇنداق بولغاندا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ بىر سائەتلىك دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق ئۆزلەشتۇرۈشىگە سەرپ قىلىدىغان مۇزاكىرە ۋاختى نەدە بولسۇن. ھازىر قارايدىغان بولساق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۈتۈلىدىغان پەنلەرمۇ بەك كۆپ، ئۇقۇغۇچىلارمۇ بۇ بىر مۇنچە پەنلەرنى چۈشىنىش ، ئۈگىنىش، تەكرارلاش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارمىسا بولمايدۇ، ئەمما يېزىلاردا ئۇنداق ۋاقىت نىمىش قىلسۇن. ئەتىگىنى مەكتەپكە كەلسە ئوقۇپ كەچلىكى ئۆيگە بارسا مال-چارۋىلارنى باقىدىغان، ئوت ئالىدىغان، ئېتىز ئىشلىرىغا قارايدىغان ئىشلار تۇرسا. 2.يېزىلاردا تېخى دىھقانلارنىڭ مائارىپنى چۈشىنىش ئىدىيىسى تېخى ئايدىڭ ئەمەس. ئۇلار پەرزەنتلىرىنى نىمە ئۈچۈن ئۇقۇتىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ، قىسقىسى ئۇلار پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ توققۇز يىللىق ‹‹ئالۋان›› ئۈچۈنلا، دىپلوم ئۈچۈنلا ئوقۇتىدىغان كۆز قاراش بولغاچقا ئۆز پەرزەنتلىرىگە بولغان ھەقىقى تەلىم تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرۋېلىش كۇيىدا يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ‹‹جىگدە ياغىچى بادىرا بولماس، دىھقان بالىسى كادىر›› دىگەن ئىدىيە يەنىلا مەۋجۇت. .......مۇشۇنداق بولغان يەردە قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا بولغان ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرالايدۇ. ئۇقۇشقا قىزىقىپ كىرىشەلەيدۇ. 3.ئارىمىزدا بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزغا بولغان كەسپى مەسئۇليەت قارىشى تۆۋەن، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بارماي پەقەت قىسمەنلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مائارىپ ئىدارىسى بىكىتىپ بەرگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزسەملا بولدى دەپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى يوق. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز-ئۈزىنى كەمسىتىش، چۈشكۈنلىشىش كەيپىياتى تۇغۇلۇپ، ئۈزىدىكى قىزىقىش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلىق ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئويلىغانلىرىم: 1.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىش ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىغا ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇتۇش كىرەك . يەنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا خەت يازالمىسا، كىتاپ ئۇقىيالمىسا كىيىن جېنىنى باقالمايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تۇنۇتۇش كىرەك. 2.ئۇقۇتقۇچى سىنىپتىكى ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىقا بولغان ۋاقىتنى كۆپرەك چىقىرىپ ، شۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىشغا ياردەم قىلىشى، ئوقۇتقۇچى ئۈزىنىڭ مىھرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنى تەسىرلەندۈرىشى لازىم . 3.ئوقۇتقۇچى ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك كارتۇن ئوقۇشلۇقى، رەقەملىك چىقىدىغان پىلاستىنكىلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغاش لازىم. 4. ئوقۇتقۇچى ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك كىتاپ ،گېزىت قاتارلىقلارنى ئوقۇش مۇسابىقىسىگە تەشكىللەپ ئۇقۇغۇچىلارنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھانلاندۇرىشى لازىم. 5.ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغان سۆھبەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۈگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىشى، ئاتا-ئانىسىنىغا شۇ پەرزەنتىنىڭ ساۋادىنى چىقارمىسا بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تۇنۇتۇش لازىم. 6. مەكتەپتە ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا بەلگىلەپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت مىقدارى ھىسابلاپ بىرىش، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا چىقىرىپ بولالىسا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلەش، چىقىرىپ بولالمىسا چارە تەدبىر قوللىنىش لازىم . (ئۆز مىللىتىمىز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئازراق جاپا تارتساق ئەرزىيدۇ) 7.مەكتەپتە 2-دەرسخانا ۋە پىئونىرلار پائالىيەت مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ، ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن ئازادە ھالدا باشقا تەڭتۈش دوستلىرى بىلەن پىكىرداش بولۇش شارائىتى يارىتىپ بىرىش، قىسقىسى شۇ ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلارنىمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلدە بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش لازىم .
ماڭا كەلسەك سىنىپىمدىكى بۇ 3نەپەر ساۋتسىز ئوقۇغۇچى ئەمدىلا 7-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا ئۇلارغا بىردىن ئېلىپبە كىتابى تېپىپ بەردىم، ھەمدە تەتىل مەزگىلدە ئۇلارغا كۈندە ھەرپ ۋە سۆز كۈچۈرۈش تاپشۇرۇقى بەردىم . ئائىلىسى يېقىن بولغان ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارغا يىتەكچى قىلىپ ئولارنىڭ خەت يېزىش ۋە ئۇقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدىم. ئۇندىن باشقا ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ پەرزەنتىگە ياخشى ئۈگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردىم . ئاخىردا مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن بارلىق مائارىپچىلارنىڭ ساۋاتسىزلىقتەك ئېغىر كىسەلنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|