| تۈنۈگۈن بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ يوللىغان ئىدىم،تورنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن يوللانمىغان ئوخشايدۇ.تۈنۈگۈنكى بۇ تېمىنى كۆرگەندىكى ئوي-پىكىرلىرىم گەرچە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ،تاغدىن -باغدىن بولۇپ قالسىمۇ ئەمما يازماي تۇرالمىدىم.
بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى نورمال تۇرۇپمۇ يەنىلا ساۋادى چىقمايدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سىنىپىدا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، لېكىن ، جانباقار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپىدا كۆپرەك بولىدۇ. بۇ پىكىرنى مەن تازا قوللاپ كەتمىدىم.مائارىپ سېپىمىزدە ھەقىقەتەن كۈن ئۆتكۈزۈپ مائاش ئېلىشنىڭ كويىدا يۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مەۋجۇت،ئۇلار خۇددى گۈلزارلىقتا ئۈنگەن ئزغاندەك كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. ئەمما،ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋادىنىڭ چىقمىغانلىقىغا ئوقۇتقۇچىنىڭ جانباقارلىقىنى ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىش مېنىڭچە توغرا ئەمەس. ئەڭ ئاددىي بىر مىسال:مەن بۇ يىل 2-يىللىق ئەدەبىيات دەرسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم،چۈنكى بۇ سىنىپنىڭ ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىسى مۇقىم بولماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەل يەكلەش ئوبيېكتى بولۇپ قالغىلى تۇردى.دەرسنى قولۇمغا ئېلىپ بىر ھەپتە بولماي بۇ سىنىپتا مەسىلىنىڭ خېلى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.بۇ سىنىپتا پەقەتلا ساۋادى يوق ئوقۇغۇچىدىن تۆت نەپەر بار ئىكەن.بىرى سىز دىگەندەك ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال ئەمەس،پەقەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كېلىپ-كېتىپ،خۇشال-خۇرام ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش مەقسىدىدە ئۇلارنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سۈرۈشتۈردۈم،بىرى ئېيتىپ بېرەلىدى،قالغان ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى پەقەتلا يېزىپ كەلمىدى،ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ بىلەلمىدىم.تېكىستنى ئاتا-ئاناڭلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار،ئىمزا قويۇپ بەرسۇن دىسەم يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىمزا قويۇپ بەرمەپتۇ.ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلمەپتۇ.تېلېفۇندا ئالاقىلاشقان بىر بالامنىڭ ئەھۋالىدا خېلى ئىلگىرلەش بار،ئۆگىنىش قىزغىنلىقى خېلىلا يۇقىرى كۆتىرىلدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ ماسلىشىپ كەچتە سۆزلەرنى يازدۇرۇپ،ئابزاسلارنى يازدۇرۇپ ئەۋەتسە مەن تەكشۈرۈپ بېرىمەن. قالغان ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى بولسا بىر ئىزدا تۇرىۋاتىدۇ،ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ پەقەتلا كۆرۈشەلمىدىم.ئېيتىپ بەرسەم باھانە-سەۋەبى تۈگىمەيدۇ.بۇنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ ‹‹ يارامسىز ئوقۇغۇچى يوق،يارامسىز ئوقۇتقۇچى بار›› دىگەن بۇ گەپنى يىغىنلاردا تولا ئاڭلاپ قۇلاقلار پۈتۈپ قالاي دىدى.ھەر قېتىم مۇشۇ گەپنى ئاڭلىغاندا ئىچىمگە ئاچچىق خىياللار توشۇپ كېتىدۇ،ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپتىن بىراقلا ۋاز كەچكۈم كېلىدۇ.‹‹ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە ئىش بار، مۇئاش بار،ئۇلار بولمىسا قوسىقىڭغا نان تېپىپ يىيەلەمسەن؟›› دىگەن بۇ گەپلەرجان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. يېزا مەكتەپلەر بىلەن شەھەر مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ئوخشىمايدۇ.ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزقارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ،ئاتا-ئانىلىرى ماسلىشىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىمۇ ياخشى،سىنىپ ئىچىدىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى. يەنە بىر مىسال: بىر ئاتا-ئانا يەتتە ياشقا كىرگەن بالىنى مەكتەپكە ئېلىپ كەپتۇ،ئۆز ۋاقتىدا بۇ بالىنى تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇتقاندا بىر كۈن ئەۋەتسە ئۈچ كۈن يوق،سۈرۈشتۈرسە ئۆزلىرى بىلەن ئىشلىگىلى ئېلىپ كەتكەن ياكى تۈرلۈك باھانە -سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن.مەكتەپ يېشىغا توشقاندا يەنە‹‹ تەييارلىقتا ئوقۇتىمەن،بالام بىر نەرسە بىلمىسە 1-يىللىققا چىقسا قانداق قىلىدۇ؟›› دەپ كەپتۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كىرىپتۇ. ‹‹ سىز بالىڭىزغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىڭ،ئائىلىدە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىتىپ بېرىڭ،مەكتەپكە ئىزچىل ئەۋەتىپ بېرىڭ›› دەپ بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇ بالىنىڭ ئاتىسى نىمە دىدى دىمەمسىلەر،‹‹ بىز بالىمىزغا ئۆيدە يېتەكچىلىك قىلالمايمىز،ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ،ئىشىمىز بەك كۆپ›› دەيدۇ. بۇنىڭغا نىمە دەيمەن،بالىنى ماڭا بېرىۋېتىڭ،مەن باقاي دىگىلى ئاز قالدىم،كۈلەي دىسەم يەنە تېخى، يىغلاي دىسەم يەنە تېخى...يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا دىيىلگەن بىر ئىشنى مىسالغا ئالاي:ئۆگىنىشى ياخشى ئەمەس،ئائىلىدىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن بىر بالىنىڭ كىچىك ئاتىسى(ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىنىسى) بالىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئەمەس ئىكەن،نەق گەپنى دىيىشەيلى،مەۋسۈم ئاخىرىدا نەتىجىسى ھازىرقىدىن يۇقىرى كۆتىرىلمىسە ئوقۇتقۇچىنى ئالماشتۇرىمىز›› دىدى.بۇ شۇ سنىپقا يېڭىدىن سىنىپ مەسئۇلى بولغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىغا دىگەن گەپ ئىدى.ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى يۇقىرى،ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق يېپىشىپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى،ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ،شۇنداق دىدىم:‹‹ سىز بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ،تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىتىپ،سومكىسىغا دەپتەرنى سېلىپ ئەۋەتەلىسىڭىز بىز چوقۇم يۇقىرى كۆتىرەلەيمىز›› دىسەم،‹‹ بىزنىڭ ۋاقتىمىز چىقمايدۇ›› دىدى.‹‹ بالىنى ماڭا بەرسىڭىز،مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ،ئۆزۈم يېتەكچىلىك قىلىپ،نەتىجىسىنى ياخشىلاپ بېرەي›› دىدىم. يېزا مەكتەپلىرىدە بۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ،كۆپىنچەئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىغىلا تايىنىۋالىدۇ.تۆگىگىمۇ يۈكنى ئارتىۋەرسە كۆتۈرەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى چەكلىك تۇرسا ،ئۇ ئۈستى-ئۈستىلەپ ئارتىلغان يۈكنى كۆتۈرۈپ بولالامدۇ؟ ئائىلە بالىنىڭ بىرىنچى مەكتىپى. بۇ ھەممىمىزگە ئايان.شۇڭا ساۋاد چىقىرىشتا چوقۇم ئۈچ تەرەپنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. ساۋاتسىز قالغان بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 2-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 10 يۈەن ، 3-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 20 يۇەن، 4-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 30يۈەن، 5-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 40 يۈەن، 6-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 50 يۈەن مەسئۇلىيەت پۇلىنى تۇتۇپ، ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنى بىر سىنىپ قىلىپ ئايرىم تەشكىللەپ ، ساۋات چىقىرىشقا ئەڭ ئۇستا ئوقۇتقۇچىدىن بىرنى مەسئۇل قىلىپ ، ئوقۇتۇش ئېلىپ باردۇق.ئوقۇتقۇچىللاردىن تۇتۇلغان مەسئۇلىيەت پۇلىنى ساۋات چىقىرىش سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ساۋاتلىق بولغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ سانىغا قاراپ مۇكاپات قىلىپ بېرىۋەتتۇق ئوقۇتقۇچىنى مەنپەئەتپەرەس،بىر موچەننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان،شەخسىيەتچى قىلىپ ئۆزگەرتىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ پۇل تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسى.ئەسلى ئوقۇتقۇچى روھى‹‹ ئېسىل،شەخسىيەتسىز،مىننەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى›› ئىدى.يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باغلانغان‹‹ پۇل تۇتۇپ قېلىش›› ئوقۇتقۇچىلاردا پۇلنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ قويىۋاتىدۇ. بېرىلگەن سان-سىفىرلار ئەمەلىيەت بولسا ئۇسۇلىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بوپتۇ دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما مېنىڭچە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ يەنە بىر ئوقۇتقۇچىغا مۇكاپات بەرگەندە پۇلى تۇتۇپ قېلىنغان ئوقۇتقۇچى خۇش بولمايدۇ،مۇكاپات ئالغۇچىنىڭمۇ خۇشال بولالىشى ناتايىن.ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ ماڭا بەرسە مەن ئەلۋەتتە خۇشال بولالمايمەن. نىمىشقا پۇل مۇكاپات قىلىپ ساۋات چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئادىمىيلىك،مىللەت،ئەۋلاد قارىشىنى تۈرتكە قىلمايمىز؟شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرالىغۇدەك ئىقتىدارى بار بولغاندىكىن نىمىشقا ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەۋلاد ئۈچۈن شەخسىيەتسىز بېغىشلاش روھىنى جارى قىلدۇرمايدۇ؟ توغرا،ئىشلىگەنلەر ئىشلىگىنىگە چۇشلۇق ھەق ئېلىشى،ئەجرىگە يارىشا مېۋىسىنى يىغىشى كېرەك. ئەمما كىچىكتىن چوڭغىچە‹‹ پۇل ئېڭى›› سىڭىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزدىن ،مەكتەپتىن باشلاپ بۇ قاراشنى توغرىلاشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرمۇ چىقىپ قالدى،بۇ پەقەتلا مېنىڭ قارىشىم،مۇنازىرە تېمىسى بولغاندىكىن دەپ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويدۇم. بەلكىم قاراشلىرىم بىر تەرەپلىمە،ھېسسىياتقا بېرىلگەن بولۇشى مۈمكىن.ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى ئاخىرقى ھېسابتا بىر : ئەۋلادلار ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن. ھەممە ئادەمنىڭ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. يەنە ئورتاقلاشساق بولىدۇ. ئەگەر خاتا كەتكەن بولسا ئۆگىنىپ تۈزىتىشكە تىرىشىمەن. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|