ئىگىسى: سىرداش

بايقاشتىكى مۇكاپاتلىق سۇئال- جاۋاپلار(قاتناشقۇڭىز بارمۇ؟)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-1-29 15:52:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورچى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 14:08
ياخشى ئۇسۇل ئىكەن،بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئايرىم سىنىپ قىلى ...

     ساۋادى چىقمىغان ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى رويوندىكى مەكتەپلەر ئاساسەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چۈشۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا - ئانىلار ھەم ئوقۇتقۇىچلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ  كەلمەكتە. ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى ۋاقتىدا چىقىرلمىسا مائارىپىزنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىغا  زور چىكىنىشلەر ئەكەلگۈسى .  
مەنمۇ بۇرۇن بىر سىنىپنى 3- يىللىقتىن باشلاپ تۇتقان ئىدىم بۇ سىنىپتا ساۋادى چىقمىغان 5 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقارغان ئىدىم . ئۇنداق بولسا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش توغرىسىدكى تەجرىبە ھەم كۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام ئەزالارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

1 ›ئالدى بىلەن ساۋادى چىقمىغان  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ئىگەللەش كېرەك  
  ساۋادى چىقمىغان بالىلار ئاساسەن جىمغۇر  ئىچ مىجەز كېلىدۇ .  بۇنداق  بالىلار جىمغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن  بالىلار بىلەن ئارلاشمايدۇ ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا ئاكتىپ ماسلاشمايدۇ شۇڭا بۇلار مۇشۇ جىمغۇرلىقى تۈپەيلى بىلگىنى دىيەلمەي بىلمىگىنى  سورىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ساۋاتسىز بولۇپ قالىدۇ .يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قارىسىڭىز شوخ بولغان بىلەن ئەمما شۇنداق تارتىنچاق ھەم غۇرورى بەك كۈچلۈك بولىدۇ بۇ ئوقۇغۇچلار   شوخ بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەم ئاتا - ائنىلارنىڭ دائىم ئەيىپلىشىگەھەم تەنقىدلىشىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساۋاقداشلىرىنىڭ چەتكە قىقىشىغا ئۇچرايدۇ شۇ سەۋەپلىك بۇ ئوقۇغۇچىلار  تارتىنچاقلىقى ھەم غۇرۇلىقى بىلەن بىلەلمىگەن جايلىرىنى سوراشتىىن قورقىدۇ شۇنداق قىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ساۋاتسىز قالىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل خارەتكتىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئايرىم سۆھبەتلىشىش  ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك .
2 ›   قىزىقىشىغا ئاساسەن دەرس ئۆتۈش
  ھەر بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ شۇڭا مۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئىگەللەش كېرەك ، ئۇلارنىڭ شۇ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش كېرەك .
3 › ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش
  بالىلارنىڭ ھېكايە ئاڭلاش، پىلاستىنكا كۆرۈشتىن ئىبارەت تەبىي قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇلارغا ھېكايە ، چۆچەك ، يۇمۇر ۋە يېڭىلىتماقلارنى ئېيتىپ بېرىش ھەم  ئېلىپبە ئوقۇتۇش پىلاستىنكىسىدىن پايدىلنىپ ئۇلارنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ھەم خەت  ئوقۇش ۋە يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىتىش كېرەك .
4 › ئاتا - ئانىلارنىڭ ماسلىشىش بىلەن قوللىشنى قولغا كەلتۇرۇش
ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلىۋى تاپشۇرۇقى بېرىشتە ئەتراپىمىدىكى شەئىلەرنىڭ ناملىرىنى ، ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ ئىسىملىرىنى  بىلىش ھەم يېزىش شەئىلەرنى كۈزۈتۈش ھەم ھېس قىلغانلىرىنى ئاتا - ئانىلىرىغا سۆزلەپ بېرىش ھەم ئاتا - ئانىلىرىڭ  كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن  باھاسىنى يازدۇرۇش . مەكتەپكە كېلىپ ئۆگەنلىرىنى ئوقۇتقۇچىغا سۆزلەپ بېرىش   ئۇسۇللىرنى قوللىنىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا بالىدا ئاشۇ نەرسىلەرنى قايتا - قايتا تەكرار قىلىشلا بولۇپ قالماي يەنە كېلىپ .ئاتا -ئانىسىنىڭ ھەم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ يۈكى يىنىكلەيدۇ .

5 ›  رىقابەتلىشى ۋە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش
     ئوقۇغۇچىلارغا كۈندە بىر قانچە ھەرپ ياكى سۆزنى  ئوقۇش ۋە يېزىپ كېلىشتە مۇسابىقە شەكلىنى قوللىنىش ھەم توغرا ، ئۆلچەملىك ئورۇنلىغانلارنى مۇكاپاتلاش ھەم رىغبەتلەندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش  ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك .

  

باھا سۆز

ئەمىلىيەتھانلىققا ئىگە، ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى بېرىپسىز خانقىز. مېنىڭچە، بالىلارنىڭ يەسلى ۋە باشلا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-29 16:30

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +13تىللا +13تۆھپە +13شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 3 + 3 + 3ياخشى پىكىر
سىرداش + 5 + 5 + 5 + 5
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى پىكىر.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-1-29 16:30:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 17:03  
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 15:52
ساۋادى چىقمىغان ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى رويوندىكى م ...


ئەمىلىيەتچانلىققا ئىگە، ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى بېرىپسىز خانقىز.
مېنىڭچە، بالىلارنىڭ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى دەۋرى ساۋات چىقىرىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ، شۇڭا بۇ دەۋرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ دەۋردىن ئېشىپ قالغان ساۋاتسىز، چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش بەك تەس.

باھا سۆز

پىكرىڭىزنى قوللايمەن. ‹‹بارىلىق بالىلار تۇغۇلۇشىدىلا تالانت ئىگىسىدۇر. ئەمما ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ دەسل تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-30 23:59
دىگىنىڭىز توغرا ، شۇڭا ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك ، بولمىسا كېيىن مىڭ قا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-29 16:58
ۋاقتى: 2013-1-29 16:58:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 16:30
ئەمىلىيەتھانلىققا ئىگە، ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەر ...

دىگىنىڭىز توغرا ، شۇڭا ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك ، بولمىسا كېيىن مىڭ قاھشىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ھەم جاپامۇ ھەسسىلنىپ كېتىدۇ .
رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-1-29 17:20:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 18:50  

ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلار ھەممە يەردە بار،يۇقىرقى تورداشلارنىڭ دىگىندەك بۇلارنىڭ ئىچدىكى ئاز ساندىكىللىرنىڭ ئەقلى ئىختىدارى ۋە باشقا سالاماتلىك ئەھۋالى سەۋەپ بولسىمۇ،لىكىن كوپ ساندىكىللىرى يەنلا ئەقىللىك باللار.بۇ باللارنىڭ ساۋاتسىز بۇلۇپ قېلشىدا مەسئۇليەت يالغۇز ئوقۇتقۇچىلاردا بولماستىن بەلكى ئائىلە باشلىقلىردىمۇ بار.
1›ئاشۇ ساۋاتسىز باللارنىڭ ئاتا-ئانلىرى باللىرنى ئاھىلدە ياخشى تەربىيلىمەيدۇ،ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇليىتى دەپلا قارايدۇ.
2›ئاشۇ ساۋاتسىز باللارنىڭ ئاتا-ئانلىرى ئوقۇتقۇچى سۆھبەتكە چاقىرغاندا باھانە سەۋەپ كورسۇتۇپ كەلمەيدۇ.
3›ئاشۇ ساۋاتسىز باللارنىڭ ئاتا-ئانلىرى ئاھىللىردە باللىرغا يىتەكچىلىك قىلمايدۇ.
4›ئاشۇ ساۋاتسىز باللارنىڭ ئاتا-ئانلىرى باللىرىنى مەكتەپكە ئىبەرتمەسلىكنىڭ باھانىسنى ئىزدەيدۇ.
ۋاقتى: 2013-1-29 17:58:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىغا رەھمەت،باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ماۋسۇمدا چوقۇم سىناپ باقىمەن.
ۋاقتى: 2013-1-29 18:30:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەسىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 19:17  

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاشتىكى باغۋەنلەر...

  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەر بولغانلىقىنى كۆرۈپ،ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم...

  توغرىسىنى دېسەم مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئىدىم.شەرەپلىك ئەمما جاپالىق خىزمىتىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتىم.ھېرىپ چارچاشتىن قورقمايتتىم.ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا 1-يىللىقنىڭ ئېلىپبە،ھېساب  دەرسىنى ئۆتۈپ يۇمران نوتىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.ئەينى چاغدا سىنىپىمدا بىر  ئوقۇغۇچى تولىمۇ غەللىتە ئىدى.ئەمما مەن ئۇ ئوقۇغۇچۇمنى دۆت ياكى گالۋاڭ دەپ قارىمايتتىم...........

بۇنىڭ مىسالى:

   مەن:       1. س+ۈ+ت=؟

   ئوقۇغۇچۇم: جاۋاب(قايماق)

   مەن:     2.ئى+س+س+ى+ق=؟

   ئوقۇغۇچۇم: جاۋاب(ئاپتاپ)

   مەن:نېمىشقا ئەينى جاۋابنى يازماي مەنىداش سۆزنى يازدىڭ؟

   ئوقۇغۇچۇم:ھەممىسى بىر سۆزغۇ؟

   مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچۇمنىڭ دەرمانلىققا ساۋاد چىقىرىشتا قېيىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقانلىقىنى، كۆپرەك ئۆگىتىش،كۆپ مەشق قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ھەم قاراشتىنلا بالىنىڭ يەنىلا ئەقىللىق بالا ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆرۈنىپ تۇرغاچقا زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم-چۈشەندۈردۈم.

   تىرىشچانلىقنىڭ نىتىنجىسى ھامان ياخشى چىقىدىكەن.ئۇ بالام ئاخىرى ساۋادى چىققان ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولدى.ئۇنىڭ نەتىنجىسى ئەلۋەتتە تەر تۆكۈش بەدەلىگە كەلدى.

  مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن 1-يىللىقتىن باشلاپ تۇلۇقسىزلارنىڭ ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر دەرسلىكلىرىنى ئۆتۈشنىلا ئەمەس بەلكى،تەنتەربىيە،موزىكا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش دەرسلىكلىرىنىمۇ ئۆتتۈم.نەتىنجەم ئالاھىدە ياخشى چىقاتتى. بۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن مەكتەپتە،مائارىپتا كۆزگە كۆرۈنىپ مۇكاپاتلىنىپ تۇراتتىم.شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشۇمدا ناكاھلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان تاللاشقا دۇچ كەلدىم.تويىمىزدىن كېيىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى.ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ جەريانى بەكمۇ كۆپ،مۇرەككەپ جاريان خالاس!يۇقارقى دېگەنلىرىم بىر قىسقا جەرياندىن ئىبارەت بولسۇمۇ ئۇ قىممەتلىك مىنوتلارنى ھاياتىمدىكى ئەڭ...ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن قىسمى دەپ ئەسلەيمەن   
              

   
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-29 18:48:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tursunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 12:24
مەن  بۇنداق  مەكتەپ  ئىشلىرىنى تازا بىىلمەيدىكەنمەن شۇ ...

تىمىنى  ياخشى  ئوقۇڭ   سىزگە  تەئەللۇق    مەزمۇنلارمۇ  بار.
ۋاقتى: 2013-1-29 20:26:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراق ئوقۇتقۇچىلاردىن پۇل تۇتۇش مېنىچە توغرا ئەمەس . بۇ قانۇن جەھەتتە خاتا قىلمىش ھىساپلىنىدۇ .
ۋاقتى: 2013-1-29 23:11:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ساۋاتسىزلىق ھەقىقەتەن بار ، بۇرۇن 1- 2 - يىللىقتا تىل ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا ۋە باشقا پەنلەر بار ئىدى ، 3 -يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇتىلى قوشۇلاتتى ، لىكىن ھازىر 1 - يىللىقتىن باشلاپلا بۇ ئۈچ خىل پەن ۋە باشقا پەنلەر بار ، دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ پارچىلاندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوش تىل مائارىپ يولغا قويۇلۇلدى ، خەنزۇتىلى دەرسىنىڭ قىيىنلىق دەرجىسى خەنزۇتىلىغا بولغان كۈچەشنىڭ تېخىمۇ زور بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەملىكى يەنە بىر مەسلە ، 1 - يىللىق ئوقۇتقۇچىللىرىغا بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىككى ئاساسلىق پەننى ئۆتۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان مەكتەپلەرمۇ بار ، شۇڭا 1 - يىللىققا ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇشتا سىنىپ مودىرى چوقۇم تىل ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىش ، ماتىماتىكا ۋە خەنزۇتىلى دەرسىنىمۇ ئايرىم - ئايرىم ئوقۇتقۇچى بېرىش لازىم ، ئۇندىن باشقا چوقۇم ئىچ - ئىچىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان سىنىپ مودىرى بولۇش لازىم ، مەكتەپ داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك ، بۇ ساۋاتسىز قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ ، ئەمدى ساۋاتسىز قالغانلارغا كەلسەك نونى مۇئەللىمنىڭ دىگىنىگە قوشۇلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +1تىللا +1تۆھپە +1شۆھرەت +1يىغىشسەۋەبى
سىرداش + 1 + 1 + 1 + 1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-1-29 23:14:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتىمىز ، 1 -گۇرۇپپىدا مەكتەپ مودىرى بار ، 2 - گۇرۇپپىدا ياچايكا شۇجىسى بار ، 3 - گۇرۇپپىدا مەن بار ، مەن 2013-يىلى 2 - ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتە ئوقۇتىمەن ، توردىن چۈشۈرىۋالغان ئېلىپبە ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى يۇمشاق دىتالدىن پايدىلىنىشنى ئويلاۋاتىمەن . بۇمۇ بىر خىل ئۇسۇل
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش