مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 848|ئىنكاس: 12

دۇنيادىكى 100مەشھۇر شەخىسنىڭ رەت تەرتىبى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

1

دوست

1158

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
147 سەر
تىللا
35 دانە
تۆھپە
612 سەر
شۆھرەت
155 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 17:41:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاۋارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 18:37  

ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن دۇنيادىكى 100مەشھۇر شەخس ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى
ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بويىچە رەتكە تىزىلغان.
ئىزاھات: ئالدىنقى نۆۋەتتە دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىسنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بولغان بولساممۇ لىكىن تەرجىمىدە بەزى بىر قىسىم خاتالىقلار (25. مارتىن رۇد- گىرمانىيەلىك يەھۇدى ئايال. ئەمەس مارتىن لوتېر. گەرچە ھەر ئىككىسى دىن ئىسلاھاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئىككىسىنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش ئەمەس، ياشىغان دەۋىرمۇ ئوخشاش ئەمەس يەنى مارتىن رۇد مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋىردە ياشىغان، مارتىن لوتېر بولسا مىلادى 1500-يىللاردا ياشىغان، ھەم  دونيادىكى 100مەشھۇر شەخىس قاتارىغا كىرگىنى مارتىن رود ئەمەس مارتىن لوتېر ئىكەن ) نىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بەك ئاددى،  شەخىسلەرنىڭ بىرقىسىم تارىخى ئىش ئىزلىرىنىڭ كەمچىل ئكەنلىكىنى  قاتارلىق بايقاپ تۈزىتىۋېلىش ئىددىيىسىدە قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ كۆپچىللىكە سۇندۇم.
1. مۇھەممەد (Muhammad) ئەلەيھىسسالام - ئىسلام دىنىمىزنىڭ ياراتقۇچىسى ( يەنە باشقا ماتىريالدا توغرا يول بىلەن راۋاجلاندۇرغىچىسىمۇ دىيىلىدۇ)، مەنىۋى دائىسى. رېۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پەيغەمبىرىمىز 570-يىلى مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 12ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىغا ئەگىشىپ  سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلاردا سودا قىلىشقا باشلىغان. 25ياشقا كىرگەن يىلى، مەككىلىك 40ياشلىق ئايال  خەدىچە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتۇنى)گە  ياللىنىپ سودىگەرچىلىك قىلغان ، كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان. 610-يىلى( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40ياشقا كىرگەن يىلى)  بىر كۈنى  ئۇخلاپ قېلىپ  چۈش كۆرگەن. چۈشىدە ئاللادىن كەلگەن ۋەھىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىزنى چەكلەش، سودا سېتىقتا ئادىل بولۇش، يىتىم يېسىرلارغا خەيرىخاھلىق قىلىش، قۇللارنى ئازاد قىلىش، قانلىق ئۆچ ئېلىشنى توختۇتۇش ۋە ئىناقلىق ئەمىنلىكنى تەشۋىق قىلىپ ئاممىنىڭ ھېمايسىگە ئېرىشكەن. 619-يىلى خاتۇنى ۋە تاغىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئىككى موھىم قوغدىغۇچىسى ( ھەر ئىككىسنىڭ مەككىدە بەلگىلىك يۈزى بار ئىدى)دىن ئايرىلىپ قالغان. مەككە ئاقسۆڭەكلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پەيغەمبىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان. 622-يىلغا كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز مەدىنىدىكى كىشىلەرنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن يېقىن دوستى ئابابەكرى خەلپە  بىلەن بىر قىسىم چوقۇنغىچىللىرىنى ئېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ قوغلاپ تۇتۇۋېلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. ھەمدە بۇ يىلنى ئىسلام تارىخى يىلى قىلىپ بىكتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە  مەدىنىدە بىرقىسىم ئەھدىلەرنى تۈزۈپ ھەر قايسى قەبىلىلەرنى زىچ ئىتتپاقلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشنى ئاساس قىلغان، دىن بىلەن سىياسى  بىرلەشكەن ئىسلام ھاكىميىتىنى قۇرۇپ چىققان، ئارقا-ئارقىدىن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ھاكىميەتنى مۇستەھكەملىگەن. 630-يىلى مەككە بېتىمغا خىلاپلىق قىلغان ، پەيغەمبىرىمىز  100مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مەككگە باستۇرۇپ كىرىپ، قىبلىنى ئىسلام دىنىغا كىرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سەجىدە قىلىش مەركىزى قىلغان .631-يىلى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەرنى  زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 632-يىلى پەيغەمبىرىمىز ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن  ئابابەكرى خەلپە، ئۆمەر خەلپە ئۇنىڭ ئىزىنى بېىسپ، نۇرغۇن نۇسرەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ پۈتۈن ئەرەپ يېرىم ئارلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۈنجى ئەرەپ خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ،  ئابابەكرى خەلپە تۈنجى خەلپە بولغان، 634-يىلى ئابابەكرى خەلپە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۆمەر خەلپە خەلىپىلىك ئۇرنىغا چىققان. (خەلىپە -پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى دىگەن مەنىدە)   http://baike.baidu.com/view/2077.htm
2.نىيۇتون(Isaac Newton) - داڭلىق  فىزىكا ئالىمى. 1643-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان، ئۇ قوياش نۇرىنىڭ 17خىل يەككە رەڭلىڭ نۇرنىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولدىغانلىقىنى بايقىغان: رېفلېكتورلۇق (قايتۇرغۇچى)  تېلېسكوپ، دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال، ئىككى ئەزالىقلار، 4چوڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1727-يىلى3-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/1511.htm
3. ئەيسا  پەيغەمبەر- خرىستىئان دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىنجىلنىڭ ياراتقۇچىسى. رىۋايەتلەردە بايان قىلنىشچە ئەيسا پەيغەمبەر مىلادىدىن بۇرۇنلا پەلەستىندە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تاكى 30ياشقا كىرگىچە ھېچكىمنىڭمۇ دېققتىنى تارتمغان. 30ياشقا كىرگەندىن  كىيىن كىشلەر ئۇنىڭ ياخشى ۋەز نەسھەتلىرىنى ئاڭلايدىغان بولغان.چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەز نەسھەتلىرى ئارقىلىق كىشلەرنى ئۆملىككە ئىناقلىققا ، خەيرى ساخاۋەتكە، مىھر مۇھەببەتكە  يىتەكلىگەن. ئۇ بارا –بارا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازەۋەر بولۇپ، خىرستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، خىرسىتىئان دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئەمما دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنى كىرسىت شەكىللىك تاختىغا مىخلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۇنى جازالاۋاتقانلارغا «بۈگۈن سىلەرمۇ مەن بىلەن بىللە جەننەتكە بېرىڭلار»( ماڭغان يولۇڭلاردىن قايتىڭلار دىمەكچى) دىگەن،  لىكىن ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا جازا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى كىشنىڭ پۈتى سۇنۇپ كەتكەن، ئۇلار ئۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋەتمەكچى بولغاندا ئۇ ئاللىقاچان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى. (بۇ ئىككى جازا ئىجرا قىلغۇچىنىڭ بىرسى كىيىن ئەيسا  پەيغەمبەرگە جۇملىدىن خىرىستئان  دىنغا ئىشەنگەن). http://baike.baidu.com/view/762928.htm
4. ساكيامۇنى-قەدىمكى ھېندىستان (ھازىرقى نىپالنىڭ جەنۇبى)دا تۇغۇلغان، بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە كېڭەيتكۈچىسى. ئەسلى ئىسمى گوتاما سىدخاتتا بولۇپ، بۇددا دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ قەبىلىسى بولغان «ساكيا»( سانسىكرىت قەبىلىسى دەپ ئاتىلىشىمۇ  مومكىن) قەبىلىسىنىڭ (释迦    باتۇر، قابىليەتلىك دىگەن مەنىدە ) نامىغا (牟尼  بىلىملىك، رەھىمدىل ) دىگەن خەتنى قۇشۇپ ساكيامۇنى (释迦牟尼)دەپ ئاتىغان، كىشلەر يەنە ئۇنى ساكيا قەبىلىسىنىڭ ئىلاھى دەپ ئاتىغان. تارىخى ماتىرياللاردا ساكيامۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى توغرىسدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلا مەۋجۇت، بىر خىل ئېقىمدىكىلەر  ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى بۇددا دىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 624-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىركى 545-يىلى ئارلىقىدا)بىلەن ئوخشاش دەپ قارسا يەنە بىر ئېقىمدىكلەر  ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى پەرەز قىلىپ مىلادىدىن ئىلگىركى 486-يىللىرى ئەتىراپىدا دىيىشمەكتە). ساكيامۇنى 29ياش ۋاقتىدا( يەنە بىر ماتىريالدا 19-ياش دىيىلىدۇ) ئائىلسىنى تاشلاپ دادىسىنىڭ نەسھەتىگە قۇلاق سالماي، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ تەرىقەت يولىنى تۇتىدۇ، ئۇ ئۆيدىن ئايرلغاندىن كىيىن ئورمانلىقتا ھايات كەچۈرىدۇ، ئۇ دەسلەپتە بىر كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەيدۇ، كىيىن 7كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەپ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئازاپتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپالمايدۇ. كىيىن ئۇنى بىر چارۋىچى قۇتقۇزۋىلىپ يۇيۇپ تاراپ، سۈت بېرىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇ. ئۇ فىكۇس (سانسىكرىت تىلىدا بۇد دەرىخى دەپ ئاتىلىدۇ) دەرىخى ئاستىدۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ، يەتتە كېچە كۈندۈز جىمجىت ئولتۇرۇپ بۇتقا سېغىنىدۇ. تۇيۇقسىز كىشلىك ھاياتتىكى ئازاپنىڭ مەنبەسىنى چۈشەنگەندەك بولىدۇ ۋە دىن تارقىتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ئخلاس بلەن چۈشەندۈرۈپ دىن تارقىتىدىغان مورتىنى 500دىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  بۇددا دىنىنىڭ بۇد، بۇددا تەلىماتى ۋە راھىبتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى (تەييارلىقى) تولۇق پۈتۈپ بۇددا دىنى رەسمى شەكىللىنىدۇ. (پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا بۇددا دىنىنىڭ ئىسىمى ساكيامۇنى ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان ئاشۇ فىكۇس (بۇد)دەرىخنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولىشى مومىكىن). http://baike.baidu.com/view/2078.htm
5.كۇڭزى(Confucius)-ملادىدىن بۇرۇنقى 551–يىلى تۇغۇلغان. داڭلىق مائارىپچى، مۇتەپەككۇر ، يازغۇچى كۇڭزى ئىددىيسىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى بۇلۇپ، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە شەخسى مەكتەپ ئاچقان، ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ بىلىمىلىك زاد دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان. ( كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ ئىلىم-پەن كومىتىتى تەرپىدىن دۇنيادىكى 10بىلىمىلىك ئادەمنىڭ سەركىسى دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن) ئەينى دەۋىردە كوڭزى ئىددىيسى ھازىرقى جۇڭگۇ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى، ياپۇنيە، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە كېڭيىپ، ئۇ دۆلەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. (ئۇنىڭ مورتىلىرى تەرپىدىن رەتلەپ يېزىلغان  «مۇھاكىمە ۋە بايان » دەيدىغان كىتابى تاھازىرغچە ئۆلمەس ئەسەر بولۇپ كەلمەكتە) http://baike.baidu.com/view/71539.htm
6. پاۋىل- خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ تارقاتقۇچىسى.(باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىدى)
7.سەيلون-خەنزۇ (61~121) ، شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ گۈيياڭدىن ، جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى 4چوڭ كەشپىيات ئىچىدىكى، قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئىجادچىسى. ھەرەم ئاغىسى بولغان سەيلون ئىلگىرى يىپەك ۋە بامبۇك چىكچاككا خەت يېزىپ باققان، قەغەز ياساش تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن، ئۇ دەرەخ قوزىقى قاتارلىقلاردىن قەغەز ياساپ خەت يازغان، قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا سەيلوننى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. http://baike.baidu.com/view/5708.htm
8.جوھاننىس گوتېنبېرگ (Johannes Gensfleisch zur Laden zum Gutenberg ) –مىخ مەتبەئە ۋە مىخ مەتبەئە ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى، كېڭەيتكۈچى. (1400-1468)يىللاردا ياشىغان ، 1434-يىلدىن 1444-يىلغىچە  ستراسبۇرگتا تۇرغان بولۇپ، ئۇ يەردە مىخ مەتبئە ئۇسۇلىنى ئىجادى قىلىش بىلەن بىللە ئۇ يەردە باسما زاۋۇتى قۇرغان. گوتېنبېرگنىڭ مىخ مەتبىئە تېخنىكىسى ياۋرۇپادا تىز كېڭىيىپ، 50يىل ئىچىدە 30مىڭ خىلدىن ئارتۇق باسما بويىمىدىن 12مىليۇن دانە بېسىلغان. http://baike.baidu.com/view/315341.htm
9.كىرستوف كولۇمبۇ (christopher columbus)- داڭلىق دېڭىز قاتنىشى ئالىمى، ئېكسپېدىتسىيىچى، 1451-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1492-يىلىدىن 1504-يىلغىچە، ئىسپانىيە ئايال پادىشاھى ئېسابىللاⅠنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىدا  ئاتلانتىك ئوكياننى تۆت قېتىم توغرىسغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا تۇتىشىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ئىلگىرى كىيىن بولۇپ باناما ئارىلى، كۇبا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان ، 1506-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/2079.htm
10.ئالبېرت ئېينشتېين (Albert Einstein ) –داڭلىق فىزىكا ئالىمى. 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گىرمانىيەلىك يەھۇدى.ئۇ ھازىرقى زامان ئىلىم –پېنىنىڭ ۋەكىلى بولغان نىسپىيلىك نەزىريەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يادرو ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالغان، ھەمدە گالېلىي ۋە نىيۇتۇندىن قالسىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم دەپ ئاتالغان. 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ نىسپىلىك نەزىرىيىسى-«ماسسا-ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچى. 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان.
ttp://baike.baidu.com/view/2526.htm
11.لوئىس پاستېر (Louis Pasteur)- فىرانسىيەلىك مىكرۇ جانلىق ئىلمى ئالىمى، خىمىيە ئالىمى.  1822-يىلدىن 1895-يىلغىچە ياشىغان. ئۇ ھاياتلىق مەنبەسى تەلىماتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى، باكتېرىئولوگىيە ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئىجادچىسى. http://baike.baidu.com/view/33424.htm
12. گالىلېي (Galileo Galilei)- فىزىكا ۋە ئاستورنومىيە ئالىمى، پەيلاسوپ. 1564-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان،ئۇ « ماسسى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ، سىرتىقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا، ئوخشاش ئىگىزلىكتىن ئەركىن چۈشۈش ۋاقتى تەڭ بولىدۇ» دېگەن قانۇنىيەتنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى،ئىنېرتسىيە قانۇنى ، سەييارىلەر نەزىريىسىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى، شۇنداقلا قۇياش مەركەز تەلىماتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى، تېرمومېتر  ۋە تېلىسكوپنىڭ ئىجادچىسى، 1642-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4162.htm
13. ئارىستوتېل (ριστοτ?λη?,Aristotélēs)-قەدىمىكى گرېتسىيىدە ياشىغان، ئەپلاتۇننىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئالېكساندىرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسوپ. ئاسترونومىيە، زوئولوگىيە، ئېمبرىئولوگىيە،جۇغراپىيە، گېئولوگىيە، فىزىكا، ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، مېتافىزىكا ئىلىملىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى. http://baike.baidu.com/view/4482.htm
14. ئېۋكىلىد (Ευκλειδης     گىرتىسيە يېزىقى )-قەدىمكى گىرىتسىيىلىك بولۇپ، « گېئومېترىيىلىك ئورىگىنال»نىڭ يازغۇچىسى، گېئومېترىيە ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى. http://baike.baidu.com/view/5841.htm
15.مۇسا(ئىنگىلىچە: MosesياكىMoshe ، ئىبرانىچە:  מֹשֶׁה‎، ئەرەپچە: موسىٰ‎) ئەلەيھىسسالام- مۇسا سۆزى مىسر تىلىدىن كەلگەن بولۇپ مەنىسى ئۆسمۈر، ئوغۇل دىگەن مەنىلەردە ئىدى ( ئىبرانچە مەنىسى سۇدىن سۈزىۋېلىنغان دىگەن مەنىدە بولۇپ ،فىرئەۋىن ئۇنى سۇدىن سۈزىۋېلىپ قۇتقۇزۋالغان).  مۇسا ئەلەيھىسسالام سۇدىن سۈزۋېلىنغاندىن كىيىن خان ئانىسنىڭ ئوغلى بولغان. بىريىلى ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ قۇمغا كۆمۈپ قۇيىدۇ، بۇنى ئاڭلىغان فىرئەۋىن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇ فىرئەۋىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.مۇسا ئەلەيھىسسالام چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۆزىگە مىسىرنىڭ مال مۆلىكىدىن ئۆزىنىڭ ۋە ئىبرانىلارنىڭ شان شەرپى، ئىززت ھۆرمىتىنىڭ موھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ ئىبرانىيلارنى باشلاپ مىسىردىن قېچىپ چقىپ كەتكەن  بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام چۈشدە تەڭىرىنىڭ ۋەھىسىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام  تەڭىرنىڭ  10پەرھىزگە ئېرىشىپ، شۇ 10پەرھىز ئارقلىق يەھۇدى دىنى مورتىلىرىغا يىتەكچلىك قىلغان. ئۇ ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىردىكى يەھۇدىلارنىڭ مىللى رەھبىرىگە ئايلىنىپ  يەھۇدى دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. (ئۇ يەھۇدى دىنى، خىرستئان دىنى، ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنىڭ ھەمىسىدە پەيغەمبەر دەپ تىلغا ئېلىنىپ ئتىراپ قىلىنماقتا. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىسلام دۇنياسىدا ھەتتا مىسردا زور ھۆرمەتكە ئېرىشكەن).رىۋايەتلەردە بايان قىلنىشچە ئەلەمدىن ئۆتكەن چاغدا 120ياشتا بولۇپ كۆزلىرى نۇرلۇق، ئۆزىمۇ شۇنداق روھلۇق ئىدى. http://baike.baidu.com/view/14088.htm
16.دارۋىن (Charles Robert Darwin) – ئەنگىليىلىك داڭلىق بيئولوگ. 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. 1882-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاپات بولغان.  http://baike.baidu.com/view/6739.htm
17.چىن شىخۇاڭ (YingZheng ) –داڭلىق سىياسىئۇن ، ئىنقىلاپچى. ئۇ ئۆمىرىدە جوڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، چىن سۇلالىسىنىڭ خانى بولغان، سەددىچىن سېپىلىنى ياساتقان.http://baike.baidu.com/view/2389.htm
18. ئاۋگۇستۇس (Gaius Julius Caesar Augustus  ) – قەيسەر (كېيىسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) قەستلەپ ئۆلتۈرلگەندىن كىيىن قەيسەرنىڭ  جىيەن قىزى ئاگۇستۇس (ئەسلى ئىسمى ئوكتاۋېئان  Gaius Julius Caesar Octavianus) نى بېقىپ چوڭ قىلغان، كىيىن ئاۋگۇستۇس ئاتونىنى مەغلۇپ قىلىپ،مىلادىدىن ئىلگىرىكى27-يىلى  قەدىمكى رىم ئىمپېريسىنى قۇرۇپ، تۇنجى ئىمپىراتۇر بولغان . http://baike.baidu.com/view/25812.htm
19. كوپېرنىك (Mikolaj Kopernik )-داڭلىق ئالىم.  1473-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى پولشادا تۇغۇلغان، 23-يېشىدا ئىتالىيىگە بېرىپ قانۇن ۋە تىببى ئىلىمدا ئوقۇغان،  ئۇ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى،  1543-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/10537.htm
20. لاۋۇئازيې (A.L.Lavoisier )- فىرانسىينىڭ داڭلىق خىمىيە ئالىمى. 1743-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيىنىڭ پارىژدا تۇغۇلغان يېقىنقى زامان خىمىيە ئىلىمنىڭ ئاساسچىسى، ئۇ خىمىيە ئاساسى نەزىريىسى ۋە ئېلمىنىتلار تەلىماتىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى بۇلۇپ، 1794-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/24214.htm
21.ئىمپېراتور كونستانتىن (Constantine the Great)- مىلادى  272-يىلى تۇغۇلغان (يەنە باشقا ماتىريالدا 280-تۇغۇلغان دەپمۇ يېزىلغان) ، 306-يىلىدىن 337-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. تارىختا تۇنجى بولۇپ خرىستىئان دىنىغا ئىشەنگەن قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى، ئۇ ئۆزى خرىستىئان دىنىغا ئىشىنىپلا قالماستىن يەنە خرىستىئان دىنىغا ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى تۈزگەن، يولغا قويغان. شۇنداقلا ياۋرۇپانىڭ فىئوداللىق جەميەتتىن قۇللۇق جەميەتكە ئۆتىشىگە زور تۆھپە قوشقان. http://baike.baidu.com/view/15698.htm
22.جېمىس ۋات (James Watt ) –ئەنگىلىيىلىك داڭلىق كەشپىياتچى. 1736-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە سانائەت ئىنقىلاۋىدىكى موھىم شەخىس، 1776-يىلى ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە  ھور ماشىنىسى (پار ماشىنىسى)نىڭ ئىجاد قىلغان ، 1819-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/5239.htm
23.مايكول فارادېي (Michael Faraday) –داڭلىق فىزىكا ۋە خىمىيە پەنلىرى ئالىمى.  1791-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان، ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈپ فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىققان كەشپىياتچى، ئۇ  گېنېراتورنى كەشىپ قىلىپ ئىنسانىيەت تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان، 1867-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4241.htm
24. ماكسىۋېل (James Clerk Maxwell) –فىزىكا،ماتېماتىكا ئالىمى.1831-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىليىدە تۇغۇلغان، ئېلېكتر ماگنىت ئوتتۇرسىدىكى ئاساسى قانۇنيەتنى ئىپادىلەيدىغان ،بىر گورۇپپا تۆت تەڭلىمىلىك تەڭلىمىلەر گورۇپپىسىنى تۇرغۇزغان. 1879-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4578.htm
25. مارتىن لوتېر (Martin Luther )-ياۋروپا دىن ئىسلاھاتىنىڭ باشلامچىسى. 1483-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ياۋروپا دىن ئىسلاھاتىنى قوزغىغۇچىلارنىڭ بىرى،1546-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/27405.htm
26. ۋاشىنگىتون(Washington,George) –ئامرىكىنىڭ تۇنجى زوڭتۇڭى. 1732-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان، 1775-يىلدىن 1783-يىلغىچە ئامېرىكا مۇستەققىل ئۇرۇش قىلىش قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ باش قۇماندانى بولغان،ئۇ داڭلىق سىياسىئون، ھەربى ئىشلار ئالىمى بولۇپ،  1797-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تۇنجى زوڭتۇڭى بولغان،1797-يىلى ئىككى نۆۋەت زوڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئستىپا بەرگەن،  ئامېرىكىنىڭ ئازاد قىلغۇچىسى ،  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ نام ئالغان،1799-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/39583.htm
27.كارىل ماركس (Karl Heinrich Marx)-ماركىسىزىم ئىددىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى. 1818-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، گىرمانىيلىك يەھۇدى، ئۇ پۈتكۈل پورۇلتارىيات سىنىپىنىڭ باشلامچىسى، ئىلمى سوتسىيالىزم نەزىريەسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى، ماركىسىزىم ئىددىيسىنىڭ ياراتقۇچىسى، داڭلىق سىياسىئۇن. مۇتەپپەككۈر،ئىقتىسادشۇناس، ئۇ ئۆمرىدە «كاپىتال»،«كوممۇنىسىتىك پارتىيە خىتابنامىسى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ، 1883-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4414.htm
28.رايىت ئاكا-ئۇكىلار(Brother Wright )-  ئاكىسى ۋېرىبو رايىت 1867-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، ئىنسى ئوۋېىر رايىت 1871-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق كەشپىياتچىلار بولۇپ، 1900-يىلى تۇنجى ئەۋلاد ئايروپىلاننى ياساپ چىققان. ئاكىسى ۋېرىبو رايىت 1912 -يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىنسى ئوۋېىر رايىت 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان.
http://baike.baidu.com/view/5401.htm
29.چىڭگىزخان (Genghis Khan)- ئەسلى تۆمۈرچىن بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ جۇرجىت قەبىلىسىدىن، 1162-يىلى تۇغۇلغان، 1206-يىلى پۈتكۈل موڭغۇل يايلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئۆزىنى چىڭگىز قاغان دەپ ئاتىغان. داڭلىق ھەربى ئىشلار ئالىمى، قەدىمكى يۇۋەن سۇلالىسىنىڭ تۈنجى خاقانىبولغان،  1227-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/1503.htm
30.ئادام سمىس (Adam Smith)- داڭلىق ئىقتسادشۇناس.  1723-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شوتلانىدىيدە تۇغۇلغان، ئىقتىسادى نەزىريە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. 1790-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/36852.htm
31.ۋېليام شېكسپېر (William Shakespeare)- دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى.  1564-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىليىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەنگىلىيە ئەدىبىيات سەنئەتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىرامماتورۇگ ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچى، شائىر، 1616-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/2120.htm
32.جون دالتون (John Dalton )- ئەنگىلىيىلىك فىزىكا، خىمىيە پەنلىرى ئالىمى.  1766-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئاتوم ھەققىدىكى پەرەزنى ئاساسى ئېقىم پەن-تېخنىكىسىغا ئېلىپ كىرىپ خىمىيە ساھەسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. 1844-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/54570.htm
33. ئىمپېراتور ئالېكساندر ماكېدونىيى(Alexander) -  ياۋرۇپا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەربى ئالىم، ماكېدونىيى ئىمپېريىىسى دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستلا قىلغۇچى، ماكېدونىيى ئىمپېريسىنىڭ ئىمپېراتورى . http://baike.baidu.com/view/22881.htm
34.ناپالېئون (Napoléon Bonaparte )-فىرانسىيە شۇنداقلا دۇنيادىكى داڭلىق ئىمپېرىيىنىڭ ئىمپېرارتۇرى. 1769-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى فىرانسىيىدە تۇغۇلغان، فىرانسىيە ئىپېريسىنىڭ تۈنجى ئىمپېراتورى، ئۇ كۆپ قېتىم فىرانسىيىگە قارشى كۈچلەرنىڭ بېسىپ كىرشىىگە قارشى تۇرۇپ، فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ قالغان،ئۇ يەنە ئۆز دەۋىرىدىكى  داڭلىق بويسۇندۇرغۇچى بولۇپلا قالماستىن يەنە داڭلىق سىياسىئون، ھەربى ئالىم، ماتىماتىك، ئۇ 1821-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/5292.htm
35.توماس ئېدىسۇن (Thomas Alva Edison)-كەشپىيات شاھى. 1847-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان،داڭلىق كەشپىياتىچى، ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا 2000خىلدىن ئارتۇق كەشپىيات يارتىپ،دۇنيادا كەشپىيات شاھى دەپ ئالغان، 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/69200.htm
36.ئانتونى لېۋېنخوك (Antoni van Leeuwenhoek)-گوللاندىيەلىك، 1632-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، مىكروئورگانىزىمنى بايقىغۇچى،مۇسكۇل ھۆجەيرىسى،باكتىريە، قىل قان تومۇر ئىلىمى ئالىمى، يۇقىرى ھەسسىلىك مىكروسكوپنىڭ ئىجادچىسى.ئۇ ئۆمرىدە 400خىلدىن ئارتۇق مىكروسكوپنى ياساپ چىققان( بۇنىڭ ئىچىدە تۇققۇزى ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىۋاتىدۇ)،  1723-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان. http://zh.wikipedia.org/wiki
37. ۋېليام مارتىن (William Morton) - ئامېرىكىلىق داڭلىق چىش دوختۇرى.  1919-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ناركوز تېخنىكىسىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى، ناركوز قىلىشنى ئوپراتسىيەگە تۇنجى باشلاپ كىرگۈچى.  1968-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاپات بولغان . http://zhidao.baidu.com/question/491710180.html
38.ماركونى (Guglielmo Marchese Marconi)- ئىتالىيىلىك ئېلىكتېر ئىنژىنېرى.  1874-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان، كەشپىياتچى، سىمسىز تېلېگرامما تېخنىكىسى ۋە رادىئونىڭ كەشپىياتچىسى، ئۇ سىمسىز تېلېگرامما سىگىنالىنى كەشىپ قىلىپ، 1897يىلى لوندۇندا ماركونى سىمسىز تېلېگرامما شىركىتىنى قۇرغان، 1909-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. 1937-يىلى ۋاپات بولغان . http://baike.baidu.com/view/25989.htm
39. ئادېلوف گىتلېر  (Adolf Hitler ) – داڭلىق ئىستىلا قىلغۇچى.  1889–يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، داڭلىق دىكتاتۇرچى، ھاكىم مۇتلەقچى، ئىستىلا قىلغۇچى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىئون، تاكتىكىچى، پىسخولوگىيە ۋە ھەربى ئىشلار ئالىمى. 1933-يىلى دۆلەت باشلىقى بولغاندىن كىيىن، 1939-يىلدىن باشلاپ ئىزچىل كېڭەيمىچىلىك ھەركىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 2-دۇنيا ئۇرشىنى قوزىغىغان. 1942-يىلى 11-ئايدىن   1943-يىلى 2-ئايغىچە بولغان  سىتالىگىراد جېڭىدە ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، چېكىنگەن 1944-يىلى سوۋېىت ئىتپاقى بىرلەشمە قوشۇنى گىرمانىيە دۆلەت چىگرىسىغا بېسىپ كىرىپ، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېرلىننى  قورشىۋالغان، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان موسىلىن (Benito Mussolini) نى پارتىزانلار ئۆلتۈرۋەتتى، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سوۋېىت ئىتتىپاقى قوشۇنىنىڭ تانكىللىرى گىرمانىيىگە ھوجۇم قىلىپ كىرىدى، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سوۋېىت ئىتتىپاقى قوشۇنى پارلامىت بىناسىنى ئىگەللىۋالدى. بۇ ئەلەمگە چىدىمغان  گىتلېر 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى . http://baike.baidu.com/view/4690.htm
40. ئەپلاتۇن (Plato,Πλτων) – قەدىىمكى گىرتىسىيلىك پەيلاسوپ، غەرب ئاساسى ئېقىم پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى. http://baike.baidu.com/view/996.htm
41. ئولۋېر كرومۋېل (Oliver Cromwell)- ئەنگلىيلىك، 1599-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان . 1642-يىلى ۋە 1648-يىلى ئىككى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتا غەلبە قازانغان،ئەنگلىيە پالاتاسى دېموكراتىيە تۈزۈمنىڭ ئاساسچىسى، ئۇ 1658-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋاپات بولغان. http://www.baidu.com/link
42.ئالېكساندر بېل (Alexander Graham Bell) – ئامېرىكىلىق ئالىم، 1847-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، بېل تېلېفون شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۆز ئۆمرىدە تېلېفوننى كەشىپ قىلىپ ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشقان، 1922-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/63988.htm
43.ئالېكساندر فېلايمىنگ  (Alexander Fleming ) –ئەنگلىيىلىك باكتىرىيە شاھى، ئۇ 1881-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان،ئانتىبىئوتىكنى ياساپ چىققان، باشقا ئىككى ھەمراھى بىلەن نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مدىتسىنا مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. 1955-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/53615.htm
44.  جون لوك (John Locke) - داڭلىق پەيلاسوپ.  1632-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىليىدە تۇغۇلغان، دىمۇكېراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاساسى قانۇن تۇرغۇزۇش ئىددىيسىنىڭ دەسلەپكى تۆھپىكارى. http://baike.baidu.com/view/51406.htm
45. بېتخوۋىن  (Ludwig van Beethoven ) –داڭلىق مۇزىكانىت.  1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان،8يېشىدىن باشلاپ مۇزىكا ئورۇنلاشقا باشلىغان، 17ياش ۋاقتىدا تاساددىبى پۇرسەتتە موزارت بىلەن قىسقىغىنە بىللە بولغان. 1792-يىلى ھېيدۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇزىكا شەھىرى ۋىناغا بېرىپ  مۇزىكا ئىشلىگەن، ئۇ 26ياشقا كىرگەن يىلى قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى بارغانسىرى ئاجىزلاپ، 45ياشقا كىرگەندە پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن مۇزىكا ئىشلەپ دۇنيا مۇزىكىشۇناسلىقى پېشىۋاسى. مۇزىكا ئىلاھى، ۋىنادىكى 3تالانىت ئىگىسى (قالغان ئىككىسى ھېيدۇن ۋە موزارت) دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ناھىل بولغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئايدىڭ مۇزىكىسى» قاتارلىقلار بار. ئۇ 1827-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان.  http://baike.baidu.com/view/3160.htm
46.ۋېرنېر ھېيزېنبېرگ (Werner Heisenberg) –گىرمانىيەلىك فىزىكا ئالىمى، ئۇ 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، كۋانت مېخانىكىسىنى ياراتقۇچىسى، 1932-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/9551.htm
47. لوئىس داگرېر (Louis Jacques Mand Daguerre )- داڭلىق كەشپىياتچى. 1787-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى فىرانسىيىدە تۇغۇلغان،سەنئەتكار، خىمىيە ئالىمى، ئۇ  سۈرەتكە تارتىش تېخنىسكى ۋە  سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتىنى ئىجاد قىلىپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان، 1851-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغان . http://baike.baidu.com/view/53561.htm
48. سىمون بولىۋار (Simón Bolívar )-داڭلىق ھەربى ئىشلار ئالىمى.  1783-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋېنېسۇئېلادا تۇغۇلغان، لاتىن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقىلاپچى، ھەربى ئالىم  ، ئۇ كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋادور، پېرۇ، بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشتىكى چوڭ تۆھپىكارى، شۇنداقلا ئازاد قىلغۇچىسى، ئۇ 1830-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/138445.htm
49.رېن دىكارت (Rene Descartes)- داڭلىق فىزىكا، ماتېماتىكا پەنلىرى ئالىمى،پەيلاسوپ.  1596-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان فىرانسىيىدە تۇغۇلغان، غەرىب ھازىرقى زامان  پەلسەپە ئىددىيسىنىڭ  ئاساس سالغۇچىسى، ھازىرقى زامان پەلسەپە ئىددىيىسى ئاتىسى، ئۇ  1650-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4704.htm
50. مىكېلانجېلو (Michelangelo Simoni ) – دۇنياغا داڭلىق رەسسام. 1475-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىتالىيدە تۇغۇلغان، داڭلىق ھەيكالتىراش، قۇرلۇش ئىنژېنىرى، رەسسام، شائىر،  مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق سەنئەتكار. http://baike.baidu.com/view/15706.htm
51. ئۇربان (2)  (UrbanⅡ )- رىم پاپىسى.  1042-يىلى تۇغۇلغان ،  1088-يىلدىن 1099-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن تۆت چوڭ لاتىن ئاتىسىنىڭ بىرى. ئەھل سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىنىڭ چاقرىقچىسى.ئۇ ئەھل سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىنى قوزغاپ، رىم پاپىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1099-يىلى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/53553.htm
52.ئۆمەر(خەلپە) (Umar ibn al-Khattab) –ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگىنىڭ خەلىپىسى. 586-يىلى تۇغۇلغان،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ بىرسى،ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مەدىنىدىن ئايرىلىپ جەڭ قىلىپ ، جەڭلەردە زور غەلبىلەرنى قازىنىپ،ئابابەكرى خەلىپە  بىلەن بىرلىكتە «پەيغەمبەرنىڭ ئىككى چوڭ نائىبى»دىگەن نامغا ئېرىشكەن. 632-يىلى پەيغەمبىرىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن نۇرغۇن نۇسرەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى ئەرەب خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ چىققان. ئابەكرى خەلپە بىرنچى خەلىپە بولغان. 634-يىلى ئابابەكرى خەلپە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۆمەر خەلپە ئىككىنچى ئەۋلات خەلپە بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ ئىتتپاقىنى قوغداپ، قۇدرەتلىك ئەرەپ دۆلىتنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە خەلىپە بولۇپ، 644-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. (خەلىپە -پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى دىگەن مەنىدە). http://baike.baidu.com/view/15468.htm
53.ئاسۇكا (Ashoka)- ماكادخا  خاندانلىقىنىڭ (ئىنگىلىزچە Maurya   خەنزۇچە 孔雀王朝 دەپ ئاتىلىدۇ،) ئۈچىنچى ئەۋلات خانى، مىلادىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ھېندىستان يېرىم ئارىلىنى بىرلككە كەلتۈرگەن، ھېندىستان تارىخدىكى ئەڭ قابىل پادىشاھنىڭ بىرى،كىيىن   ھېندىستان ئىمپىريسىنى قۇرۇپ چىققان . http://baike.baidu.com/view/15400.htm
54. ئاۋگۇستىن (Aurelius Augustinus )- تېئولوگىيە (ئىلاھىيەت ئىلمى) ئالىمى. 345 -يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، قەدىمكى رىم ئېمپىريسى شۇنداقلا دۇنيانىڭ  تېئولوگىيە ئىلىمىگە زور تۆھپە قوشقان.  430-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/35058.htm
55. ۋېلىيام خاۋېى (William Harvey) –ئەنگىليىنىڭ داڭلىق فىزىئولوگىيە ئالىمى.  1578-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگىليىدە تۇغۇلغان، ئۇ تۇنجى بولۇپ قاننىڭ ئايلىنىش قانۇنيىتى ۋە يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى بايقىغان، 1657-يىلى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/54542.htm
56. ئېرنېسىت رېزېرفورد (Ernest Rutherford )-داڭلىق خېمىيە ئالىمى. 1871-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭى زىللاندىيىدە تۇغۇلغان، 1908-يىلى خېمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،شۇنداقلا  20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تەجىربە فىزىكىسى ئالىمى، 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/6147.htm
57. جون كالۋىن (Johannes Calvin)- ئەخلاق پەلسەپىسى ئالىمى. 1509-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، فىرانسىيلىك پروتېستانت دىنى تېئولوگىيە (ئىلاھىيەت ئىلمى) ئالىمى،  ئۇ پروتېستانت دىنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، نەزىريە جەھەتتىن ئەنئەنىگە قايتىشقا ئاساس سالغان، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئېتىقاد ئاتىسى دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن، 1564-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/615322.htm
58. مېندېل (Gregor Johann Mendel)- ئېرسىيەت ئىلمى ئالىمى. 1822-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋىستىريىدە تۇغۇلغان، ئېرسىيەت ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى،  ئۇ ئۆمرىدە ئېرسىيەت قانۇنيىتى، ئايرىلىش قانۇنيىتى ۋە ئەركىن بىرىكىش قانۇنيىتىنى بايقاپ، ھازىرقى زامان ئېرسىيەت ئىلىمى ئاتىسى دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن،1884-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/5634.htm
59.ماكىس پىلانك (Max Karl Ernst Ludwig Planck ) –گىرمانىيىنىڭ فىزىكا ئالىمى.  1858-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان، كۋانت مېخانىكىسى باشلامچىللرىنىڭ بىرى، ئۇ دىنامىكا ،رادىئاتسىيە ئىلمى قاتارلىق جەھەتتىمۇ بەلگۈلىك قانۇنيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ 1918-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/54540.htm
60. لېستېر (Lister,Joseph) - داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى.  1827-يىلى ئەنگىلىيدە تۇغۇلغان، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ ئىجادچىسى، دېزىنفېكسىيىلەش ئۇسۇلىنى تاشقى كىسەلىكلەر ئوپراتسىيىسگە ئېلىپ كىرگۈچى تىببى ئالىم. ئۇ 1912-يىلى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/20210.htm#1
61. نىكولاس ئوتتو (Nicolais August Otto) –داڭلىق كەشپىياتچى.  1832-يىلى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان. 1861-يىلىدىن 1864-يىلىغچە بولغان قىسقىغىنە 3يىل جەريانىدا بىر نەچچە خىل ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ياساش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، گىرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1872-يىلى تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى كەشىپ قىلغان، ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. 1875-يىلى ئوتتۇ شىركىتى تېخىمۇ سىپتا بولغان تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى لايھەلىگەن. 1877-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ تۈرنىڭ پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1891-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان. http://joy1324.blog.163.com/blog/static/795058952012102302057300/
62. فىرانسىسكو پىزاررو (Francisco Pizarro)- داڭلىق  تەۋەككۈلچى.1471-يىلى (1476-يىلى دەپمۇ قويۇلىدۇ)  ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان. ئىسپانىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىلا قىلغۇچى، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىللىرى جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىگە قارتا ئىستىلا ھەركىتىنى يۈرگۈزگەن دەۋىرىدە، پىزاررو تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان ئېنىكالار ئىمپىريسىگە ھوجۇم قىلىپ،  پېرۇنى ئىستىلا قىلغان، پېرۇنىڭ ھازىرقى  پايتەختىنى قۇرغان، 1541-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان. http://zh.wikipedia.org/wiki/
63.ھېرناندۇ كورتېس (Hernándo Cortés)-داڭلىق تەۋەككۈلچى.  1485-يىلى ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تەۋەككۈلچىلىكنى ياخشى كوردىغان كورتېس،1511-يىلى كۇبانى ئىستىلا قىلىش ھەركىتىگە قاتناشقان، 1518-يلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مىكسىكىنى ئىستىلا قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى. 1519-يىلى 4-ئايدا مىكسىكىنىڭ ھازىرىقى ۋېراكىرۇز شىتاتىدا قۇرۇقلۇققا  چىقىپ، ۋېراكىرۇز شەھرىنى قۇرغان. ھەمدە ئاستىك (Aztec )  قەبىلىسى (ئاستىك ئىمپېرىيسى –شۇ دەۋىرىدىكى خىلى چوڭ ئىمپېرىيە) گە ھەربى  يۈرۈش قىلىپ مەغلۇپ بولۇپ، 1521-يىلى قايتىدىن ھەربى يۈرۈش قىلىپ، 1524-يىلى ئاستىك  ( پۈتكۈل مىكسىكا)قەبىلىسىنى ئىستلا قىلدى. بۇنىڭغا كۆزى قىزارغان ئىسپانىيە خان جەمەتى مىكسىكىغا باشقا مۇپەتتىش تەيلىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن كورتېس1547-يىلى نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن. http://baike.baidu.com/view/117155.htm
64. توماس جېففىرسۇن (Thomas Jefferson ) –داڭلىق سىياسىئون.   1743-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، داڭلىق سىياسىئون، مۇتەككۈر،پەيلاسۇپ، ئالىم، مائارىپچى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، بۇ مەزگىلدە ئۇ يېزا ئىگلىك ۋە كاپتالستىك سانائەت يۈكسەك دەرجىدە تەرەققى قىلغان. فىرانسىيە ئىگىدارلىقىدىكى لوئىس ئاننا ئىشتاتىنى سېتىۋالغان. زىمىنى دەسلەپكى چاغدىكى زىمىندىن بىر ھەسسىگە يېقىن كېڭەيگەن. 1826-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/2520223.htm
65.ئېسابىللا  ( 1 )  (Isabella)- تارىختا ئۆتكەن ئىسپانىيە ئايال پادىشاھى. 1451 -يىلى تۇغۇلغان، كىرستوف كولۇمبۇنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن كېسىپ ئۆتىشىگە ياردەم قىلغان ئىسپانىيىنىڭ  ئايال پادىشاھى، ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق، قابىليەتلىك ئايال پادىشاھ بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىر قاتار ھەل قىلغۇچ تەدبىر سىياسەت تۈزۈپ دۆلەت باشقۇرغان، ئۇ تۈزگەن تەدىبىر ۋە تۈزۈملەر نەچچە ئەسىردىن بۇيان  ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامرىكىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە يەنىلا يۈرگۈزلىۋاتىدۇ. ئۇ 1504-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. http://baike.baidu.com/view/53570.htm
66. سىتالىن ( روس يېزىقى -: Иосиф Виссарионович Сталин)، ( ئىنگىلىزچە- Joseph Vissarionovich Stalin  ) – داڭلىق سىياسىئون. 1879-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ئۆز دەۋرىدە سوۋېت ئىتپاقى قىزىل ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرشىدا گىرمانىيىنى مەغلۇپ قىغان، 1924-يىلدىن 1953-يىلغىچە سوۋېت كومىنىستلار ئىتىپاقىنىڭ شۇجىسى، سوۋېت ئىتىپاقى مىنىسترلىقلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، سوۋېت ئىتپاقى مارشالى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ گەرچە چوڭ تازلاش ھەركىتىنى قوزغاپ خەلىقنى ئاچ-يالىڭاچىلىقتا قويغان بولسڭمۇ، لىكىن ئىنسانىيەتكە قۇشقان تۆھپىسى چوڭ بولغاچقا دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان 100شەخس قاتارغىغا تىزىلغان. ئۇ 1953-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4879.htm
67. قەيسەر (كېيسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)- (Gaius Julius Caesar/Jules César) – رىم جەمھۇرىيىتنىڭ باش ھەربى ئىشلار قۇماندانى، داڭلىق سىياسىئون، مىلادىدىن ئىلگىركى 49-يىلى پامپېئوس (GnaeusPompeius ) نى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 44-يىلى بورۇتۇس (Lucius Junius Brutus ) تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. قەيسەر  قەستلەپ ئۆلتۈرلگەندىن كىيىن قەيسەرنىڭ جىيەن قىزى ئاگۇستۇس (ئەسلى ئىسمى ئوكتاۋېئان  Gaius Julius Caesar Octavianus) نى بېقىپ چوڭ قىلغان، ئاۋگۇستۇس ئاتونىنى مەغلۇپ قىلىپ،مىلادىدىن ئىلگىرىكى27-يىلى قەدىمكى رىم ئىمپېريسىنى قۇرۇپ، تۇنجى ئىمپىراتۇر بولغان.  http://baike.baidu.com/view/17531.htm
68. ۋىلىيام  (1 )   (William the Conqueror;Guillaume le )-تەخمىنەن 1028-يىللاردا تۇغۇلغان، فىرانسىيلىك نورماندى ئاقسۆڭىكى، ئەنگىلىيدىكى تۇنجى نورماندى خان، ئۇ 8يېشىدا دادىسىنىڭ ئاقسۆڭەكلىك ئورنىغا ۋارىس بولغان، 15-يېشىدا چەۋانداز بولۇپ،ھاكىميەت باشقۇرۇپ،  سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان، 1060-يىلى ئەنگىلىيىگە ھوجۇم قىلىپ، شۇ يىلى 10-ئايدا ئەنگىليىنى  ئىستىلا قىلغان، ھەمدە ئەنگىلىيە خانى بولغان، كىيىن ئىزچىل كېڭەيمىچىىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، شۇتلاندىيە، ۋېلىش قاتارلىق جايلارنى ئىستىلا قىلۋالغان. 1035-يىلدىن 1087-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان، 1087-يىلى 9-ئايدا ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/125514.htm
69. فىرېد (Sigmund Freud )-داڭلىق چۈش ئىلمى ئالىمى.  1856-يىلى ئاۋىستىريىدە تۇغۇلغان، نېرا كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيىسىدە ئىشلەش بىلەن بىللە يەنە فىزىئولوگىيە تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1895-يىلى ۋە 1900-يىلى «ۋابا»، «چۈش تەبىرى»دىگەن كىتابنى يېزىپ، نېرۋا ئانالىز ئىلمىگە ئاساس سالغان ، ھەمدە دۇنياغا داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالغان. 1923 –يىلى ئېغىز بوشلىقى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، 1938-يىلىغىچە 30قېتىمدىن ئارتۇق ئوپراتسىيىگە قاتنىشىپ، 1939-يىلى ۋاپات بولغان. http://zhidao.baidu.com/question/511132156.html
70. ئېدۋارد جېننېر (Edward Jenner )-چېچەك ۋاكسىنىسىنىڭ ئىجادچىسى.  1749-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ بىر كىچىك بازىرىدا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيىلىك دوختۇر، 18-ئەسىرىدە ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە چېچەك كېسلى تارقىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتتا  ئۇ ئادەملەردە بولىدىغان چېچەك كېسلى بىلەن كالا چېچىكىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنى تەتىقىق قىلىپ، چېچەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنى ياساپ چقىپ كىشىلەرگە ئەملىگەن، 1798-يىلى  « كالا چېچىكىنى ئەملەش سەۋەبى ۋە ئۈنۈمى توغرىسدا مۇلاھىزە» دىگەن كىتابىنى ئىلان قىلىپ، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇپ، ئىممۇنولوگىيە ئاتسى دەپ ئاتالغان، ھەمدە كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. ئۇ 1823-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/147350.htm
71. رېنتگېن ( گىرمانچە- Wilhelm Conrad Röntgen ) –گىرمانىيىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى. 1845-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ 3ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گوللاندىيىگە كۆچۈپ بارغان، 1865-يىلى شۋېيتسارىيىنىڭ سيۇرىخققا كۆچۈپ بېرىپ سىيۇرىخ سانائەت پەنلىرى ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مىخانىكا قۇرلۇشى ئىلمىدا ئوقۇغان، 1895-يىلى ئېكىس نورىنى بايقىغان، 1901-يىلى تۇنجى بولۇپ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، كىيىنكىلەرنىڭ ئېكىس نۇرى تەتقىقاتى ۋە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئېلىشىغا زور تۈرۈتكە بولغان. 1923-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 78يېشىدا ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/5051.htm
72.جون سىباستىيان باخ (Johann Sebastian Ba ) –داڭلىق مۇزىكانىت. 1685 -يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، تۇغۇلغاندىن تارتىپ مۇزىكا ئىچىدە چوڭ بولغان، چۈنكى ئۇنىڭ بوۋىسى، دادىسى ۋە ئاكىسى ھەممسى داڭلىق مۇزىكانتلاردىن ئىدى. شۇلارنىڭ تەسىرىدە باخمۇ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانىت بولۇپ يىتىشىپ چىققان (ئۇنىڭ تۆت ئوغۇلىنىڭ ھەممسى مۇزىكانىت)، ئۇ ئالدىنقىلار تەرەققى قىلدۇرغان ئۇسلۇپ شەكىل بىلەن ئەنئەنىۋىلىكنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ مۇزىكا ئىشلەپ، غەرىبنىڭ مۇزىكا ئاتىسى دەپ ئاتالغان، شۇڭا ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكانىتلىرىدىن بولغان ھېيدۇن ، موزارت، بېتخوۋىنلارمۇ ئۇنىڭ تالانتىدىن ھوزۇر ئالاتتى. ئۇ 1750-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4602.htm
73. لاۋزى - يەنە بىر ئىسمى لى ئېر  جۇڭگۇنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن، ئۇ جۇڭگۇ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى داڭلىق  مۇتەپەككۈر، پەيلاسۇپ، ئۇ داۋجىياۋ (تەرىقەتچىلىك )دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى،  ئۇ يېزىپ قالدۇرغان  «ئەخلاق دەستۇرى» كوڭزىنىڭ مورتلىرى قالدۇرۇپ قويغان  «مۇھاكىمە بايان»،«易经» غا ئوخشاشلا جۇڭگۇغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچ چوڭ كىتاب بىرى ھېسابلىنىدۇ. http://baike.baidu.com/view/2237.htm#sub5236581
74. ۋولتائىر (Voltaire ) –ئەسلى ئىسمى مارىي ئارۇت (François-Marie Arouet )، فىرانسىيە ئاقارتىش ھەركىتىدىكى داڭلىق مۇتەپەككۈر، پەيلاسۇپ، يازغۇچى . 1694-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھرىدە تۇغۇلغان، ۋولتېر ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ،18-ئەسىردىكى بۇرۇئازىيە ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، باشلامچىسى. شۇڭا ئۇ «فىرانسىينىىڭ مۇتەپەككۈر شاھى»، «فىرانسىيىدىكى ئەڭ داڭلىق شائىر»، «ياۋرۇپانىڭ ۋىجدانى» دىگەن شەرەپىلىك ناملارغا ئېرىشكەن.  1778-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4782.htm
75. جوھاننىس كېپلېر (Johanns Kepler ) - گىرمانىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاستورنومىيە ئالىمى. 1571-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى گىرمانىيىدە تۇغۇلغان، ئۇ سەييارىلەر ھەركىتىنىڭ 3چوڭ قانۇنيىتى ( سەييارىلەرنىڭ ئوربىتاسى، يۈزى، دەۋرىلىكىدىن ئىبارەت) تىنى بايقاپ، «بوشلۇق قانۇنيەتچىسى»دىگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا كوپېرنىكنىڭ «قوياش مەركەز تەلىماتى» ئىشەنچىلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە يورۇقلۇق ئىلىم، ماتېماتىكا ئىلىمى قاتارلىقلارغىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ھازىرقى زامان نۇر ئېلىمىغا ئاساس سالغان. 1630-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاپات بولغان.  http://baike.baidu.com/view/4416.htm
76. ھېنىرىك فېرمىي (Enrica Fermi ) - ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى. 1901-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىتالىيىنىڭ رىمدا تۇغۇلغان، ئۇ نەزىريە ۋە تەجىربە جەھەتتە كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجە قازىنىپ، ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىملىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا خىمىيەدىكى 100-نومۇرلۇق ئېلمىنىت (فېرمىي)نىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان.1938-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالغان.  ئۇ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 1949-يىلى ئالەم نۇرىدا ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ ھەركىتىنى تىزلىتىش مىخانىزىمىنى ئېچىپ بەرگەن. ھەم ئاساسى زەرىچىنىڭ بىرىكمە مودىلىنى ئوتتۇرغا قويغان.Л مېزۇن،  μ زەرىچە ۋە يادىرونىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ ، ئالەم نۇرىنىڭ كېلىپ چىقىشنى نەزىريە ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن. 1952-يىلى بىرىنچى گادرون زېزونانس –تۆت خىل ھالەتلىك ئىزوسپىننى بايقىغان.1854-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/19565.htm
77.لېۋىنخارد ئېيلېر (Leonhard Paul Euler ) –كۆپ تەرەپتىن تەڭ يېتىشكەن ئالىم. 1707-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شۋېيتسارىيىدە تۇغۇلغان، 18-ئەسىردىكى داڭلىق ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىمى. دىفېرېنسىئال-ئىنتېگرال ۋە گىرافىك نەزىريىسى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردە زور بايقاشقا ئېرىشكەن. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئالگېبرالىق ئاتالغۇ ۋە بەلگىلەرنى ماتېماتىكا ساھەسىگە بولۇپمۇ ماتېماتىكىلىق ئانالىز دائىرسىگە باشلاپ كىرگەن. (بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىدىن ماتېماتىكىلىق فۇنكسىيە بەلگىللىرى بار) . بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېخانىكا، ئاقار جىسىملار دىنامىكىسى، ئوپىتكا (يورۇقلۇق ئىلمى)، ئاستورنومىيە قاتارلىق ساھەلىرىدىكى تەتىقاتتىمۇ بەلگۈلۈك نەتىجە قازانغان. ئۇ 1783-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سانپېتىربورۇگدا ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/424552.htm
78.روسسۇ (فىرانسۇزچە- Jean-Jacques Rousseau)- فىرانسىيىلىك ئەڭ داڭلىق مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۈر، پەيلاسوپ، مائارىپچى، يازغۇچى.  1712-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى شۋېيتسارىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ  18-ئەسىردىكى فىرانسىيە ئىنقىلابى ۋە ئاقارتىش ھەركىتىدىكى ئەڭ قابىل ۋەكىللەرنىڭ بىرى. 1778-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/6499.htm
79. ماكياۋېللى (ئىتالىيىچە-  Niccolò Machiavelli )- داڭلىق سىياسئون، مۇتەپەككۈر، تارىخچى، يازغۇچى، مۇزىكانىت. 1469-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىتالىيىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن دۆلەت مەنپئەتىنى قانۇننىڭ ئاساسى قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1513-يىلى 12-ئايدا دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان ئەسىرى «شاھلار دەستۇرى» بارلىققا كەلگەن. ئەسەردە «شاھلار چوقۇم پۇخرالار بىلەن ياخشى مۇناسۋەتنى ساقلىشى، چوقۇم ھەربى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىشى،ئەمىليەتكە بېقىپ ئىش قىلىشى، مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستە تاللىماسلىقى، ھەمدە دۆلەت ئەھۋالىنى ئويلىشىشى، خوشامەتچىلەردىن يىراق تۇرىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتلگەن . كىيىنكى دەۋىرلەردە ناپالىئون، گىتلېر، مۇسسىلىن قاتارلىقلار «شاھلار دەستۇرى» نى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى سۈپتىدە ئىشلەتكەن. 1527-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/61608.htm
80. توماس مالتوس (Thomas Robert Malthus ) –داڭلىق نوپۇسشۇناس، سىياسى ئىقتىساد ئالىمى. 1766-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىليىدە تۇغۇلغان،ئۇ ئەسلى بىر باستېر بولسىمۇ، دېموگراف (نوپۇسشۇناس) ئىلىمىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. 1798-يىلى مالتوس 18-ئەسىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگىلىيىدىكى ئېغىر ئىشسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان نامراتلىق قاتارلىق بىرنەچچە مەسلىنى ھەر خىل يول ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ « نوپۇس پىرىنسىپى» دىگەن ئەسىرىنى ئىلان قىلغان. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئىسانلارنىڭ تۇغما قابليىتى چەكسىزلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويغان. 1834-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.  http://baike.baidu.com/view/163505.htm
81. كېننېدى (Kennedy )-ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.ئامرىكىدىكى داڭلىق جەمەت كېننېدى جەمەتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ 1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان، 2-دۇنيا ئۇرىشى مەزگلىدە ئەسكەر باشلاپ جەڭگە قۇماندانلىق قىلىپ ئېغىر يارلانغان، شۇنداق بولسىمۇ دۈشمەن ئارقا سېپىدە پاراكەندىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، كىيىن  ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قايتىپ كەلگەن، 1946-يىلى  ئاۋام پالاتاسى (تۆۋەن پالاتا)غا كىرىپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1958-يىلى كېڭەش پالاتا (ئالى پالاتا)ئەزالىقىغا سايلىنىپ، 1960-يىلى 1-ئايدا(43يېشىدا) زوڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ ئامېرىكا تارىخدىكى ئىككىنچى (بىرىنچىسى 26-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭ روزۋىلىت،42ياش) ياش زوڭتۇڭ بولۇپ قالغان. ئۇ زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەندىن كىيىن ئاپوللۇ (Apollo Project) پىلانى (ئادەملىك ئايغا چىقىش پىلانى) تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنى  تۇنجى بولۇپ ئادەملىك ئايغا چىقىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. 1963-يىلى 11-ئايدا تېكساس شىتاتىنىڭ داللاس شەھرىدە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان. http://baike.baidu.com/view/100413.htm
82. پىكوس (Gregory Goodwin Pincus)- داڭلىق  بيئولوگ. 1903-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، 1951-يىلى پىكوس باشچىلىقىدىكى تەتىقات گورۇپپسى ئىستىمال قىلىدىغان ھامىلدارلىقىتىن ساقلىنىش دورسى ( نورېتىنودرېل ) نى ياساپ چىققان، 1960-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى نورېتىنودرېلنى ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمى تەستىقلىغان. ئۇ يەنە «تۇغۇت چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى» دىگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ ئىجاد قىلغان  ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى- نورېتىنودرېل  ئاتۇم بومبىسى، كىرستال لامپا، كومپيۇتېر بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 1967-يىلى 64يېشىدا ۋاپات بولغان.
http://www.baidu.com/link
83.مانى (Mani ) - مانى دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى. 216-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. مانى دىنىنىڭ كېلىش مەنبەسى  بۇددا دىنى ۋە خىرىستئان دىنى تەركىبىدىكى پېرىسىيە دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىبارەت. مانى ئۆزىنىڭ ئاز ساندىكى مورتىلىرىنى ئېلىپ، پىرىسىيەدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق ھېندىستانغا بېرىپ  تۇران خانىنى مانى دىنىغا كىرگۈزگەن، ھېندىستاندىن قايتىپ كېلىپ، مانى دىنىنىڭ دىننى ئەقىدىسى تەسۋىرلەنگەن كىتابىنى يېزىپ پېرىسىيە خانىغا بېرىپ مانى دىنىنىڭ قاپلىنىش دائىرسىنى كېڭەيتكەن. ئۈزلىكسىز كېڭىيىش نەتىجىسىدە مانى دىنى دۇنيا خاراكتىرلىك دىنغا ئايلانغان. رىم ئىمپىرىيسىنىڭ ئارلىيۇس ئاۋگۇستۇس (AureliusAugustinus) (9يىل مانى دىنى مورتى بولغان) دەۋرىگە كەلگەندە رىم ئىمپېرىيسى خىرستئان دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ مانى دىننى چەتكە قاققان. 600-يىلىغا كەلگەندە مانى دىنى غەرىب ئەللىرىدىن تامامەن  يوقالغان،  7-ئەسىردە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرىق رايۇنلىرىدا سەل پەس كويغا چۈشۈپ قالغان، 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باغداد خەلىپىسى ئابباس مانى دىنىنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرغان . لىكىن مانى دىنى داۋاملىق تۈردە  ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگۇ قاتارلىق جايلارغىچە تارقاپ. 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت دىنىغا ئايلانغان. 13-ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ ھوجۇم قىلىپ كىرىشى بىلەن مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارسىدىن تامامەن يوقالغان. (شۇنداقلا دۇنيادىن ئاسا جەھەتتىن يوقالغان). http://baike.baidu.com/view/53587.htm
84.لېنىن – لېنىن ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ئەسلى ئىسمى ۋىلادېمىر ئىلىچ ۋېليانوف  (  روسچە : Владимир Ильич Ульянов) ئۇ داڭلىق پورۇلتارىيات ئىنقىلاپچىسى، سىياسىئون، مۇتەپەككۈر ئالىم ، ماركىسىزىم ئىدىيسىنىڭ راۋاجلاندۇرغۇچىسى، لېنىئىزىم ئىددىيسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپلا قالماستىن يەنە بولشىۋىكلار پارتىيسىنىڭ، سوۋېت ئىتپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ  1870-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى رۇسىيدە تۇغۇلغان. 1917-يىلى 3-ئايدا چار پادىشاھنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ شۇ يىلى 10-ئايدا ئومۇمىيۈزلۈك غەلبە قىلغان،بۇ تارىختا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى دەپ ئاتالدى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىللغاندىن كىيىن ىسوۋېت ئىتپاقى رەسىمى قۇرۇلغان. لېنىن رەئىس بۇلۇپ، ئىقتىسادى قۇرلۇشنى تىز سۈرئەتتە ئىزىغا سالغان. 1918-يىلى لېنىن بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن ئامان قالغان بولسىمۇ سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ، 1923-يىلى بارلىق سىياسى پائالىيەتتىن قول ئۈزگەن. 1924-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 54يېشىدا بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/4911.htm
85. سۈي ۋېندى – ئەسلى ئىسمى ياڭ جىيەن (Yang Jian) خەنزۇ، 541-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان. سۇي سۇلالىسىنىڭ دەسلەپىكى خانى. ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان دەۋىردە 100يىلدىن ئارتۇق بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئىلغار بولغان ھاكىميەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ ئىقتىساد مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرغان، ھەمدە جۇڭگۇنى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى دىگەن نامغا ئىگە قىلغان. ئۇ يەنە زىمىن كېڭەيتىپ ئاھالىسىنى 700تۈمەنگە يەتكۈزگەن. دىھقانچىلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ، تارىختىن بۇيان دىھقانچىلىقى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى. سۈي ۋېندى غەرىبلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ بولۇپ قالدى ھەم دانىشمەن قاغان دەپ ئاتالدى. ئۇ تەخىتتە 23يىل ئولتۇرغاندىن كىيىن 604-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى 64يېشىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/5817.htm
86. گاما (Vasco da Gama)-داڭلىق دېڭىز قاتنىشى ئالىمى.  1460-يىلى پورتىگالىيىدە تۇغۇلغان، ياۋروپادىن ھېندىستانغا باردىغان دېڭىز يولىنى ئاچقۇچى. ئۇ 1497-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى پورتىگالىيە خانىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن لىسىبوندىن يولغا چىقىپ، ئىسپانىيىنىڭ (Islas Canarias) ئارىلى ئارقىلىق، ئۈمۈد قولتۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، مۇزاممبىك ئارقىلىق 1498-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ھېندىستاننىڭ غەربى جەنۇبى قىسمى بولغان كالاكوتتاغا يىتىپ بارغان.شۇ يىلى ھېندىستاندىن ئايرىلىپ، 1499-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى لىسىبونغا قايتىپ كەلگەن. 1502-يىلى ۋە 1524-يىلى يەنە ئىككى قېتىم ھېندىستانغا بارغان ( كىيىنكى قېتىم بارغان ۋاقىتتا ھېندىستاننىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ بارغان).شۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانىڭ سودا ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپە قوشقان. 1869-يىلى سۈۋەيىش قانىلى قېزىلغان چاغدىمۇ، ياۋرۇپادىن ھېندىستانغىچە بولغان قىسمى گاما تۈنجى قېتىم ماڭغان شۇ لىنىيە بويچە قېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىردەك گاما ئاچقان بۇ  دېڭىز يولى ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرنىڭ ئاسىيا ئەللىرىنى ئىستىلا قىلىشنغا شارائىت يارتىپ بەرگەن. ئۇ 1524-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/1165621.htm
87. ئىمپېراتور كىرۇس (Cyrus the great )- پىرىسىيە ئىمپېريسىنىڭ  ئىمپېراتورى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 590-يىلى پىرىسىيىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئىراننىڭ غەربى جەنۇبى قىسمىدىكى بىر كىچىك قەبىلىدىن باش كۆتۈرۈپ چقىپ، بىر قاتار غەلبىلەر ئارقىلق، ئاستىياگىس (Astyages ) باشچىلىقىدىكى مېدىس (Medes) ئىمپېرىيسىنى، كىرويىس باشچىلىقىدىكى لودىيا (Lydia ) ئىمپىريىسىنى، خالىد (يەنە بىر ئىسمى كاسدىم  Kasdim ) باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر بابىلۇن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قەدىمكى ئوتتۇرا شەرىقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھېندىستاندىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان چوڭ ئىمپېرىيىنى قۇرۇپ چىققان. ( ھازىر ئىرانلىقلار ئۇنى دۆلەت ئاتىسى دەپ ئاتايدۇ) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 529-يىلى ۋاپات بولغان. http://www.baidu.com/link?url
88. ئىمپېراتور پېتىر ( روسچە-  Пётр Алексеевич Романовы) - رۇسىيە چار پادىشاھى رومانوۋنىڭ ئوغلى. 1672-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇسكىۋادا تۇغۇلغان. ئۇ 4-ئەۋلاد چار پادىشاھ ۋە رۇسىيە ئىمپېريسىنىڭ باش قۇمادانى بولغان. پېتىر 3ياشقا كىرگەن يىلى ئاتسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ پېتىرنىڭ ئاكا ئىنىلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، 1689-يلغا كەلگەندە ئاندىن ئۇنىڭ خانلىق ئورنى موقۇملاشقان (دۆلەت نامىنى روسىيە ئىمپېريىسىگە ئۆزگەرتكەن).پېتىر تەخىتتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا دۆلەت كۈچى ئاجىزلاپ، چىڭ سۇلالىسىدىنمۇ خاراپ ھالغا چۈشۈپ قالغان. پېتىر 1797-يىلىدىن 1798-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ئىشلىرى،مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سانائەت ئىشلىرىنى  تىرشىپ ئۈگۈنۈپ، غەرىبلەشتۈرۈش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يۈرگۈزۈش بىلەن، شىۋىتسارىيە پادىشاھى چارلىز 12، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلار بىلەن غەلبىلىك جەڭ قىلىپ،  قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى تارتىۋېلىپ . 20 يىل ئىچىدە  دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، تارىختىكى كۈچلۈك ئىمپېرىيىگە ئايلاندى. 1712 -يىلغا كەلگەندە ئىمپېرىيە پايتەختىنى مۇسكىۋادىن سىياسى، ئىقتىساد مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان سانك پېتىربورۇگقا يۆتكىدى.ئۇ بىر ئىمپېراتور بۇلۇپلا قالماستىن يەنە  دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان دەۋىر ئەركىسى ئىدى. ئۇ 1725-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سانك پېتىربورۇگتا ۋاپات بولغان .  http://baike.baidu.com/view/14000.htm
89. ماۋزېدوڭ ( خەنزۇ )- ئەسلى ئىسمى رۈنجى، 1893-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان، جۇڭگۇدىكى داڭلىق ئىنقىلاپچى، ئىستاراتىگىيىچى، نەزىريىچى، شائىر، يازغۇچى، جۇڭگۇ كومىنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ، جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ، جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى. 1949-يىلىدىن 1976-يىلغچە جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى بولغان. ئۇ 4-ماي ياشلار ھەركىتى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ماركىسىزىم ئىدىيسى بىلەن ئۇچراشقان شۇنداقلا ئۇنى قوبۇل قىلغان. 1920-يىلى 11-ئايدا خۇنەندە جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن، 1921-يىلى 7-ئايدا جۇڭگۇ كومىنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان، كىيىن جۇڭگۇ كومىنىسىتىك پارتىيسى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1928-يىلى 4-ئايدا قىسىمنى قوزغاپ ئىشچى، دىھقان قىزىل ئارمىيە(قىزىل ئارمىيە)سىنى قۇرغان. 1930-يىلى «كىتاببازلىققا قارشى تۇرايلى » دىگەن ئەسىرىنى ئىلان قىلىپ «تەكشۈرمىگىچىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ» دىگەن داڭلىق ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويغان. 1933-يىلى 1-ئايدا مەركىزى كومىتىت سىياسى بىرۇنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. 1934-يىلى 10-ئايدىن 1935-يىلى 10-ئايغىچە ئۇزۇن سەپەر تاماملىدى. 1936-يىلى 10-ئايدا قىزىل ئارمىيىنىڭ 3چوڭ قوشۇنى ئۇچراشتى.1936-يىلى 12-ئايدا جوۋئېنلەي بىلەن بىللە شىئەن ۋەقەسىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلدى. 1937-يىلى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگۇغا باستۈرۇپ كىردى . مازېدوڭ جۇڭگۇ خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش،  ئايلىنىپ يۈرۈپ قەڭ قىلىش قاتارلىق تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ 1945-يىلى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنى جۇڭگۇدىن قوغالاپ چقاردى، بۇ مەزگىلدە ئۇ جۇڭگۇ كومىنىسىتىك پارتىيسىنىڭ مەملىكەتلىك 6-7-نۆۋەتلىك  قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدى، مەركىزى كومىتىت سىياسى بىرۇسىنىڭ رەئىسى بولدى. 1949-يىلى 10-ئايدا ئىچكى ئۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك غەلبە قىلىپ جۇڭگۇنىڭ زور كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئازاد قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتنى قۇرۇپ رەئىس بولدى. 1950-يلىدىن 1952-يلىغىچە يەرئىسلاھاتى ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ جۇڭگۇدا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇرپ دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىپ جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. 1966-يلى 5-ئايدا  10يىلغا سوزۇلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى قۇزغىدى، بۇ ۋاقىتتا لىن بىياۋ قاتارلىق يامان نىيەتلىك كىشىلەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ جۇڭگۇ خەلقىگە زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولدى. http://baike.baidu.com/view/1689.htm
90. فىرانىس باكۇن (Francis Bacon ) - ئەنگىلىيە ئەدەبىيات  سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى نەسىرچى، پەيلاسوپ،مۇتەپەككۈر، ئالىم. 1561-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 1618-يىلى سوتچى بولغان كىيىنكى يىلى سىياسى سەھنىدىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ئىلىم پەن تەتقىقاتى ۋە پەلسەپە تەتىقاتى بىلەن غۇغۇللانغان. پۈتۈن ئۆمرىنى تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋىر پەلسەپىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ كىيىنكىلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئىلىم پەن ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان . 1626-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاپات بولغان. http://www.baidu.com/link?url
91. ھېنرى فورد (Henry Ford ) – فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.  1863-يىلى مىچىگان ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كارخانىچىسى، 1903-يىلى فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنى قۇرۇپ، 1908-يىلى تۇنجى   T شەكىللىك ئاپتوموبىلنى ياساپ چققان، 1913-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ شىركەت دۇنيادا 1-بولۇپ ئاقما لىنىيە (بەلگىلىك لىنىيە ئارقىلىق ئۈزلىكىسز توشۇش مىخانىزىمى ) نى ياساپ چىقىپ، ئىشلەپچىقرىش سۈرئىتىنى 8ھەسسە تىزلەتتى. ھەم 8-سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىشچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەققىنى 5ئامېرىكا دوللىرىغا ( ئەسلىدە 9سائەت 2.34 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى) ئۆستۈرۈپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.ھەمدە  «دۇنياغا بالۇن ئورناتقان كىشى » دەپ نام ئالغان.  بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان داڭلىق ئاپتوموبىللاردىن فورد (Ford )، لىكولىن (Lincoln )، مېركۇرىي (Mercury ) قاتارلىقلار بار. فورد 1947-يىلى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/2368678.htm
92.مېڭزى (Mencius )-مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى داڭلىق سىياسىئون، مائارىپچى. 372-يىلى ھازىرقى شەندوڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. پىرۇزا شاھى،كوڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ ۋەكىللرىدىن بىرى. ئۇ كوڭزىدىن 100يىلچە كىيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئىزچىل كوڭزى ئىددىيسىگە ۋارسلىق قىلىپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە داڭلىق ئەسەر «مېڭزى»نى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئەسەر جۇڭگۇنىڭ كىيىنكى مەدەنىيەت تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ مىلادىندىن ئىلگىرىكى 289-يىلى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/2655.htm
93.زورۇ ئاستېر (Zoroaster) –مىلادىدىن ئىلگىرىكى 628-يىلى پىرىسىيىدە توغۇلغان. ئىرانلىقلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئىلاھى زورۇ ئاستېر زورۇ ئاستېر دىنى (ئوتقا چوقۇنىدۇ)نىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى.(بۇ دىن دۇنيادا 2500يىلغا يېقىن دەۋىر سۈرگەن). ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان دىننى تەشۋىق قىلغان ئەمما ئېغىر قارشىلىققا ئۇچرىغان. ئۇ جاپاغا چىداپ تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە 40ياشلار ئەتراپىغا بارغاندا غەلبە قىلغان. ھەمدە ئىراننىڭ شەرقى شىمال رايۇندىكى بىر خانلىقنىڭ خانى ئۇنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پادىشاھ ئۇنىڭ يېقىن دوسىتىغا ئايلانغان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 551-يىلى 77يېشىدا ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/53591.htm
94.ئېلزابىت ( 1)   (Elizabeth Tudor) –ئەسلى ئىسمى ئېلزابىت تۇدۇر بولۇپ، 1533-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان. 1558-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 1603-يىلغىچە ئەنگىليە پادىشاھى، ئىرلاندىيە ئايال پادىشاھى بولغان، ئۇ تۇدۇر خانلىقىنىڭ 5-ئەۋلاد شۇنداقلا ئاخىرىقى پادىشاھى بولغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ياتلىق بولمىغان. ئۇ ئۇستازىدىن سېستىمىلق بىلىم ئالغان بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى، فىرنسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، ئىسپان تىلى، لاتىن تىلى، گىرتسىيە تىلى قاتارلىق ئالتە خىل تىل ۋە يېزىقنى بىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە تارىخ، ماتىماتىكا، شىئېريەت قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە ئىدى.  ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئەنگىليىنىڭ بىرلىكىنى غەلبىلىك  ساقلاپلا قالماستىن بەلكى، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ھوكۇمرانلىق ھاياتىدا ئەنگىليىنى ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ئەنگىليىنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ، شېكىسپېر ۋە فىرانىس باكۇنغا ئوخشاش داڭلىق شەخىسلەر بارلىققا كەلگەن.( شۇڭا ئېلزابىت Ⅰ دەۋرىنى  ئەنگىلىينىڭ ئالتۇن دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ). ئۇ 1603-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/14059.htm
95. گورباچۇف  (رۇسچە:  Михаил Сергеевич Горбачёв)- سوۋېت ئىتپاقىنىڭ داڭلىق سىياسىئونى، سوۋېت ئىتپاقى ئىنقىلابىنىڭ باشلامچسى. 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيىدە تۇغۇلغان. سوۋېت ئىتپاقى كوممىنىسىتك پارتىيىسى مەركىزى كوممىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شۇجىسى(1985-يلدىن 1991-يلغىچە)، شۇنداقلا تۇنجى ۋە ئاخىرقى نۆۋەتلىك (1990-يىلدىن 1991-يلغىچە) قوشۇمچە زوڭتۇڭ. لېنىن ئوردىنىغا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ئوردىنغا، شۇنداقلا ئەمگەكچى قىزل بايراق ئوردىنغا ئېرىشكۈچى. 1978-يىلى11-ئايدا سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ شۇجىسى بولغان، 1980-يىلى سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى سىياسى بىرۇنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1985-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ باش  شۇجىسى بولغان، 1986-يىلى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سوۋېت ئىتپاقى ئالى سوۋېتىنىڭ تۈنجى نۆۋەتلىك رەھىسى بولغان.1990-يىلى نوبېل تىنچىلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ باش  شۇجىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1991-يىلى 19-ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن گورباچۇف پۈتۈن كۈچى ئىتپاق تۈزۈش خىزمتىنى ئىشلدى. لىكىن  12-ئ%D

95. گورباچۇف  (رۇسچە:  Михаил Сергеевич Горбачёв)- سوۋېت ئىتپاقىنىڭ داڭلىق سىياسىئونى، سوۋېت ئىتپاقى ئىنقىلابىنىڭ باشلامچسى. 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيىدە تۇغۇلغان. سوۋېت ئىتپاقى كوممىنىسىتك پارتىيىسى مەركىزى كوممىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شۇجىسى(1985-يلدىن 1991-يلغىچە)، شۇنداقلا تۇنجى ۋە ئاخىرقى نۆۋەتلىك (1990-يىلدىن 1991-يلغىچە) قوشۇمچە زوڭتۇڭ. لېنىن ئوردىنىغا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ئوردىنغا، شۇنداقلا ئەمگەكچى قىزل بايراق ئوردىنغا ئېرىشكۈچى. 1978-يىلى11-ئايدا سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ شۇجىسى بولغان، 1980-يىلى سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى سىياسى بىرۇنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1985-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ باش  شۇجىسى بولغان، 1986-يىلى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سوۋېت ئىتپاقى ئالى سوۋېتىنىڭ تۈنجى نۆۋەتلىك رەھىسى بولغان.1990-يىلى نوبېل تىنچىلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقى مەركىزى كوممىتىتىنىڭ باش  شۇجىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1991-يىلى 19-ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن گورباچۇف پۈتۈن كۈچى ئىتپاق تۈزۈش خىزمتىنى ئىشلدى. لىكىن  12-ئاينىڭ 8-كۈنى رۇسىيە، ئوكرائىنا، بىلىرۇسيە مۇستەققىل دۆلەتلىك باياناتىغا ئىمزا قويۇپ مۇستەققىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.سوۋېت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى گورباچۇف زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. http://baike.baidu.com/view/24636.htm
96. مېنېس (MENES) – مىسرنىڭ تۈنجى خانلىقى قۇرۇلغان ۋاقىتتى تۈنجى پادىشاھى . ئۇ پۈتۈن مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،فىرئەۋىن ھوكۇمرانلىقىنى باشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا تەسىرى ئۇزۇن ۋە چوڭقۇر بولغان دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3100-يىلى ئەتراپدا، تۆۋەن مىسىرنى ئىستىلا قىلىپ، پۈتكۈل مىسىر دۆلىتىنى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدىمكى مىسىردىكى تۇنجى خانلىقنى بەرپا قىلىپ پادىشاھ بولغان. مېنېس يۇقىرى تۆۋەن مىسىرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن سىرتقا قارتا ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇردى. كىيىن تارىختا ئىستلا قىغۇچى مېنېس دەپ ئاتالدى. ئېيتىشلارغا قارغاندا مېنېس 26يىل تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاشتا بەخىتكە قارشى ۋاپات بولغان. http://baike.baidu.com/view/75726.htm
97. ئېمپېراتور چارلېمان (Charlemagne、Carolus Magnus) - مۇقەددەس رىم ئىمپىريسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. 742-يىلى تۇغۇلغان، يەنە بىر ئىسمى چارلى كارلۇس. فىرانك پادىشاھلىقى ( ھازىرقى فىرانسىيە، بىلگىيە، شىۋىسسارىينى شۇنداقلا گوللاندىيە، گىرمانىيىنىڭ خىلى كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىىچگە ئالىدۇ)نىڭ  پادىشاھى، ئۇ غەربى ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئىمپېريىنى قۇرۇپ چققان. 772-يىلدىن 804-يىلغىچە گىرمانىيىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كەڭ زىمىن-ساكسېىنغا تۆت قېتىم ھوجۇم قىلىش ئارقىلىق ساكسېننى ئىستىلا قىلدى.  800-يىلى رىم پاپىسى( 罗马教皇) ئۇنىڭغا مۇقەددەس رىم ئىمپېريسىنىڭ تۇنجى ئىمپېراتورى دەپ  تاج كەيدۈردى. كىيىن ئۇ يەنە گىرمانىيىنىڭ جەنۇبى قىسمى، فىرانسىيىنىڭ غەرىب جەنۇپ قىسمىنى ئىستىلا قىلىپ، پۈتۈن ياۋرۇپانىڭ يېرىمدىن كۆپرەك زىمىنىنى ئىستىلا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقى كۈچەيتكەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدە مەمۇرىيەت، تەپتىشلىك، ھەربى تۈزۈم، ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجە يارتىش بىلەن تەڭ، ئەڭ ئالدى بىلەن ياۋرۇپا مەدەنىيتىنى كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىدۇرغان. 814-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن  كىيىنكىلەر تەرپىدىن «ياۋرۇپانىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. http://baike.baidu.com/view/15413.htm
98. ھومېر ( گىرتىسىيىچە-  ?μηρο?)-رىۋايەتلەردە بايان قىلنىشچە ھومېر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 873-يىلى تۇغۇلغان ئەما شائىر. ھومېر مىلادىدىن ئىلىگىرىكى 9-8-ئەسىرلەردە، خەلق ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن تېرۇي جېڭى ۋە ئودىيوسنىڭ دېڭىزدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى ( ھەر ئىككى ۋەقە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 12-11-ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلق ئارسىدا قوشاق بولۇپ تارقىلىپ يۈرگىنىگە 200يىلچە بولغاندا ئاندىن ھومېر ئېپۇس شەكلىدە رەتلەپ چىققان)  ھەققدىكى قىسقا قوشاقلارنى رەتلەش ئارقىلىق  «ئېلئادا»ۋە «ئوۋدىسا» داستانىنى رەتلەپ چىققان . بۇ ئەسەر دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان. كىيىنچە كىشلەر بۇ ئىككى داستاننى بىرلەشتۈرپ «ھومېر داستانى» دەپ ئاتىغان . ( يەنە بىر رىۋايەتلەردە ھومېر ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس دىيلگەن، لىكىن مىلادى 4-ئەسىردە ئۆتكەن داڭلىق ئالىملاردىن ئەپلاتون، ئارسىتوتىل قاتارلىقلار «ئېلئادا» ۋە «ئودىسا» نى ھەقىقەتەنمۇ ھومېرنىڭ رەتلىگەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرگەن).
99. جاستىنىيان (1) (Justinian ) - جاستىنىيان قانۇنىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى. 483-يىلى تۇغۇلغان، 518-يىلى ۋىزانتىيە پادىشاھى كېسەل بولۇپ قېلىپ جاستىنىياننىڭ تاغسىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، جاستىنىياننى تەخت ۋارىسى قىلىپ تەينىلەيدۇ. 527-يىلى جاستىنىياننىڭ تاغىسى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردىنبىر پادىشاھ بولىدۇ. 527-يىلى ئۇ غەربى رىمىنىڭ زىمىنىنى قايتۇرۋېلىش ھۆكۈرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىرىسىيگە ھوجۇم قىلىدۇ.بەش يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق پىرسىيىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇ يىلى يەنە نىكا قوزغىلىڭىنى تىنجىتىپ، سانسوفىيە چىركاۋىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ. 533-يىلىدىن 534-يىلىغچە  ئەسكىرى كۈچىنى توپلاپ شەرىققە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ بىر قىسىم قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.  552-يىلى ئىسپانىيىگە ھەربى يۈرۈش قىلىپ  554-يىلغىچە بىرقىسىم خانلىقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىنى ئىستىلا قىلدۇ . ھەمدە  ئوخشاش بولمىغان دىننى مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ ھەر قايسى دىننى مەزھەپلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. لىكىن سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ھەركىتىنى ئۈزلىكسىز ئېلىپ بارغاچقا دۆلەتنىڭ ھەربى كۈچى ۋە ئىقتىسادى كۈچى بەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان سىلافلار، بولغارلار، ھونلار ۋە ئاۋارلار باستۇرۇپ كىرىدۇ. 565-يىلى جاستىنىيان ۋاپات بولىدۇ. ئىستىلا قىغان رايۇنلار ھەممسى قولدىن كېتىپ، دۆلەت مۇنقەرىز بولىدۇ. جاستىنىيان پادىشاھلىققا تەيىلەنگەندىن كىيىن 528-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ بارلىق قانۇنشۇناسلارنى يىغىپ، رىم پادىشاھلىق دەۋرىدىكى پادىشاھلارنىڭ پەرمان بۇيرۇقلىرىنى يىغىش توپلاش رەتلەشكە بۇيرۇيدۇ. 533-يىلى 4بۆلەكتىن تەركىب تاپقان قانۇن تۈزۈلۈپ،  يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن « جاستىنىيان قانۇنى» دەپ ئاتىلىپ، غەرىب ئەللىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قورالى بولۇپ قالغان. بۇ قانۇن  غەرىب ئەللىرىنىڭ قانۇن تۈرلۈك قانۇن تۈزۈملىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، بەلگىىك تەسىر كۆرسەتكەن. http://baike.baidu.com/view/54574.htm
100. ۋارد خامانا (ۋاخاۋىرا (Vardhamana)- جائىن دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. كىيىن جائىن دىنى مورتلىرى تەرپىدىن ۋاخاۋىرا (Mahavira )  دەپ ئاتىلىپ ، تارىخ كىتابلاردىمۇ ۋاخاۋىرا دەپ تىلغا ئېلىنغان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 599-يىلى ساكيامونى بىلەن بىر رايۇندا تۇغۇلغان، ھەمدە ساكيامونى بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغان. قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ياخشى بولغان تۇرمۇش موھىتى ئىچىدە چوڭ بولغان. 30ياشقا كىرگەن يىلى ئائىلىسى(ئايالى ۋە بىر قىزى بار ئىدى)، ئائىلە ئىگلىكىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كەلگەن . 42ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئويغانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ دىن تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇ مۇشۇ تەرقىدە 30يىل دىن تارقىتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 527-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ گەرچە جائىن دىنىنىڭ 24-ئەۋلادى بولسمۇ، لىكىن ۋاخاۋىرا زامانىسىدە مورتلىرى كۆپىيىپ 4مىليۇنغا يەتكەن، ھەمدە جائىن دىنىنى كىشلەرگە ھەقىقى تونۇتقان بولغاچقا ھازىرغا قەدەر جائىن  دىنى ( بىر خىل چەكلەش خاراكتىرلىك دىن بولۇپ، ئاسالىقى ھېندىستاننىڭ غەربى قىسىم رايۇنلىرىغا تارقالغان، بۇ دىن  مورتلىرىنىڭ تىرىك جاننى ئۆلتۈرشىنى چەكلەيدۇ، دىھقانچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ، سودا سېتىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسىلا بولىدۇ) نىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. http://baike.baidu.com/view/169583.htm
مەنبە : http://www.douban.com/group/topic/23689255 /
تەرجىمىدە: ئۆزۈم
پايدىلانغان ماتىرياللار: خەنزۇچە ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى، كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى، دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخى قاتارلىقلار
تور سەۋىيەمنىڭ چەكلىك، ماتىرياللارنىڭ تولۇق بولماسلىقى، چەتئەللىك كىشى ئىسىملىرى، خاندانلىق، يەر جاي نامى، پەن تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەڭ مۇھىمى بۇ شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دەۋىر ھەر قايسى سائەلىرىگە چېتىلىش سەۋەبىدىن تەرجىمىدە توغرا بولىمىغان، ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا تەكلىپ –پىكىر بېرىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 5 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

12

تېما

1

دوست

1158

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
147 سەر
تىللا
35 دانە
تۆھپە
612 سەر
شۆھرەت
155 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 18:21:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولۇق يوللسام نىمە ئۈچۈن قالغان قىسمى چىقمايدۇ.

باھا سۆز

گۈلزار ئاخىرىنى تەھرىرلەپ چىقرىپ قويدۇم . ياردەم كېرەك بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلشىڭ .رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 20:15
گۈلزار ياخشىمۇسىز ؟ تېما تولۇق چىقمىغان بولسا باشقىدىن تەھرىرلەپ بېقىڭ . ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ چىقمىسا ئىنكاس شەكلىدە تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 22:39

75

تېما

32

دوست

9344

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2189 سەر
تىللا
361 دانە
تۆھپە
1750 سەر
شۆھرەت
1632 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 20:34:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .بىلىۋالدىم .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

102

تېما

39

دوست

8569

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1780 سەر
تىللا
535 دانە
تۆھپە
1692 سەر
شۆھرەت
1677 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 20:50:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت،يەنىمۇ تىرىشىڭ!
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

191

تېما

91

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6710 سەر
تىللا
1362 دانە
تۆھپە
7229 سەر
شۆھرەت
5186 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 20:58:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تخشى تېمىكەن .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

287

تېما

101

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6638 سەر
تىللا
1700 دانە
تۆھپە
10700 سەر
شۆھرەت
5663 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 22:39:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋارى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-28 18:21
مەن تولۇق يوللسام نىمە ئۈچۈن قالغان قىسمى چىقمايدۇ.

ياخشىمۇسىز ؟
تېما تولۇق چىقمىغان بولسا باشقىدىن تەھرىرلەپ بېقىڭ .
ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ چىقمىسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ .
مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنىلا تەھرىرلەڭ .
  پايدىلنىش قىممىتى يوقۇرى بولغان ماتىريال ئېلىپ كەپسىز رەھمەت .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

441

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5906 سەر
تىللا
3175 دانە
تۆھپە
9078 سەر
شۆھرەت
4233 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 23:21:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى، ياخشى تېما يوللاپسىز. ساقلىۋالدىم، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 23:22:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 23:22:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش قىممىتى يوقۇرى بولغان ماتىريال ئېلىپ كەپسىز رەھمەت .  
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

561

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6928 سەر
تىللا
2801 دانە
تۆھپە
7630 سەر
شۆھرەت
5543 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 11:37:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم تىمىكەن
بايقاش مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز  بىرلىكتە تىرشايلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 16:54, Processed in 0.546522 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش