ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچىلىقتا 36 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى - [راس گەپ]

    2010-11-15 | خەتكۈچتۇنۇشتۇرۇپ سېتىش 推销 مال ساتقۇچا

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/baydadam-logs/83919282.html

    تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچىلىقتا 36 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى

    ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.

    تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن ئالدىنقى كۈنى تىلىۋۇزۇر كۆرىۋىتىپ بىر پىروگىراممىنى كۆرگەن ئىدىم ئىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ بۇ پىروگىراممىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچى بولۇپ ئايلىق مائاشىنىڭ 36 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم يەنە كىلىپ بۇ بالىنىڭ ئىككى قولى مىيىپ بولۇپ كالتا ھەم ئىنچىكە ئىكەن ( ئاللاھ ھەممىمىزگە ساق سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن 7 ئەزايىمىزنى ساق سالامەت قىلىپ ياراتقىنىغا مىڭ شۈكرى) بۇ بالا مۇشۇنداق تۇرۇپ ئايلىقى 32 مىڭ يۈندىن مائاش ئالىدىكەن مىنىڭ بۇ بالىغا ھەيران قالغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مائاشى ئەمەس بەلكىم ئارىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مائا ئالىدىغانلار باردۇر، مەن بۇبالىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ھەيران قالدىم بۇ بالا بىر گىرىم بويۇملىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى شىركىتىگە دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كىرگەن ئىكەن. بۇ بالا بۇ شىركەت بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن ئىزچىل 6 ئاي توختىماي تىرىشىپ شۇنداق ماللارنى تەشۋىق قىلىپتۇ، لىكىن 6 ئايغىچە 1 موچەنمۇ كىرىم قىلالماپتۇ، يەنى ھىچ قانداق بىر مال ساتالماپتۇ. بۇ شىركەتتە مال ساتالمىغانكەن كىرىمى بولمايدۇ، چۈنكى شىركەت ساتقان مىلىغا پىرسەنىت ئايرىپ بىرىدىغان شىركەت ئىكەن. دوسلار ئويلاپ بىقىڭلار 6 ئاي ھىچ قانداق كىرىم قىلالماي تۇرۇپمۇ بۇ بالا يەنە توختاپ قالماپتۇ، بۇ ئىشتىن كىيىن ھەتتا بىر ۋاخ تاما ق ئىلىپ يىگۈدەكمۇ پۇلى قالماي 3 ۋاخ نان ئىلىپ يەپ يۈرگەن كۈنلىرىمۇ بوپتۇ. مانا مۇشۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە مانا بۇ بالىغا 7 - ئايدا بىشىغا ئامەت قۇشى قونۇپ 7 -ئىيى شۇ ئايدىلا بۇ بالىغا 8 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق مائاش چىقىپتۇ، مانا بۇ تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەن .دوسلار ئەمدى ھازىر بولسا بۇ جىسمى مىيىپ بولغان بىلەن روھى ساغلام بولغان بۇبالا 26 بالىنى باشقۇرۇۋىتىپتۇ . ئايلىق مۇقىم مائاشى 28 مىڭ يۈەن ئىكەن، مۇكاپاتلىرى بىلەن قوشۇپ 36 مىڭ يۈەندىن يىقىرى مائاش چىقىدىكەن ، مانا بۇ نەتىجىلەر ئىزچىل تىرىشىش ،بوشاشماسلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرغاندا مەيۈسلىنىپ كەتمەي تىخىمۇ تىرىشىشنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن مۇۋەپپىقىيەتتۇر. ئاخىردا دوسلىرىمىزغا دەيدىغىنىم مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ بىر ئىشنى ئۇزۇن مەزگىل قىلىڭ، سەۋەبسىزلا كەسىپ ئالماشتۇرماڭ، مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ چىدامچان غەيرەتلىك بولۇڭ، نەغلۇبىيەتگە ئۇچىرسىڭىز يىقىلسىڭىز ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ << مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى>>  << جاپادىن قورقىدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئۆتىدۇ  جاپادىن قورىقمايدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر راھەتتە ئۆتىدۇ>>

    ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.

    تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
    ئاپتورى: بايلىق بلوگىدىن بايلىق ئەپەندى (بايلىق بىلوگىنىڭ تەۋسىيەسى)

    باي دادام تور خاتىرىسى

     

    分享到:

    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم...مېنىمۇ ئۇلىنىش قېتىۋالسىڭىز...سىزنى قېتىۋالدىم!~ يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن~
    baydadam回复بۆرەيار说:
    بۇلىدۇ دوستۇم . مەن قېتىۋالدىم . بىرلىكتە تىرىشايلى .
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، يەنە كىلىپ يوقلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    2010-12-13 12:36:10
  • رەھمەت! مەن نىمىشقا بىلمەيمەن..پۇرسەت تاپالمىغاندەكلا؟
    baydadam回复uighur说:
    ئەرزىمەيدۇ، تىرىشساقلا ھەممىمىزگە پۇرسەت بار .
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-29 15:11:46
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    baydadam回复alamdar说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . بىر گە بولسۇن.
    قۇربانلىققا ئېغىز تىگىپ مېڭىڭ . گۆشلەر پىشىپ قالدى.
    2010-11-19 19:33:34
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايلىق بلوگى سىزنى پەتىلەپ كەلدى قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    baydadam回复بايلىق说:
    رەھمەت بىرگە بولسۇن . قۇربانلىق قوينىڭ گۈشى پىشىپ قالدى، ئېغىز تىگىپ مېڭىڭ .

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-17 18:37:19
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    baydadam回复بايلىق بلوگى说:
    رەھمەت بىرگە بولسۇن .

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-17 18:37:54
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    baydadam回复مەن تۈرك说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . رەھمەت بىرگە بولسۇن .
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-17 18:38:56
  • ئىسىل تىما ئىكەن.يەنى ھەرقانچە ئۇڭۇسىزلىقلارغا يۇلۇقساقمۇ ۋايسىماي شۇ ئۇڭۇسىزلىقنىڭ كەينىدە مۇپىقىيەتنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك ئىكەن.
    baydadam回复سابا说:
    شۇنداق ياخشى بىر ئۈلگە، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭ . ھەركىمگە شۇنداق جاسارەتلەر بەرگەي .

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-15 23:09:07
  • ئاللاھ خالىسا بىر زاۋۇت ماڭدۇرغۇم بار
    baydadam回复پادىشاھ 说:
    خۇدا نىيەتلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن، خۇدا تىرىشقان كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ.
    تىرىشىڭ ، تىرىشايلى....!!!!!!!!!!!!!!

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز !
    2010-11-15 23:03:01

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى