ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • ئادەم كۈچى بايلىقى (ياكى ئەمگەك كۈچى بايلىقى ) شىركىتى - [يېڭى ئېگىلىك تۈرلىرى]

    2010-09-21 | خەتكۈچ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75374203.html

    ئادەم كۈچى بايلىقى (ياكى ئەمگەك كۈچى بايلىقى ) شىركىتى

    باي دادام

    ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

    كېرەكلىك مەبلەغ: كۆلەمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولماتدۇ . مىنىڭچە ئاۋال كىچىك بىر شىركەت نامى بېلەن باشلاش كېرەك . كىچىك تىپتىكى شىركەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭ يۇەن 30000  ەبلەغ كىتىدۇ . 
    كارخانىنىڭ كەسپىنى چۈشەندۈرۈش:
    ھازىر دىھدانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلى ، بۇنداق ۋاقىتتا دىھقانچىلىقتىكى ئاساسلىق رايۇنلارغا ئادەم كۈچى يىتىشمەسلىك مەسىلىلىرى دائىم كۇچىراپ تۇرىدۇ . شۇن داق ۋاقىتتا ئادەم كۈچى ئېشىنچا رايۇنلاردىن ئادەم كۈچى قىس رايۇنلارغا ئادەم كۈچىنى يوتكەش مۇلازىمىتى بېلەن تەمىنلەش شىركىتى .
    كارخانىنىڭ بازار تېپىش ئەھۋالى :
    باشقا جايلارنى قۇيۇپ تۇرۇپ ھازىر مەن تۇرىۋاتقان كورلىدىلا 700مىڭ مودىن ئۇشۇق نەشپۇتلىك باغ بار . بۇ جاي ھازىر جىددى نەشپۈت ئۈزگىچىلەرگە ئىنتايىن بەك ئېھتىياجلىق . بىر ئادەم تۆۋەن بولغاندا كۈنىگە 70---80 يۇەنگە ئىشلىيەلەيدۇ.
    لوپنۇردا : بۇ يەرمۇ ئاساسلىق پاختا بازىسى ، بۇ يەردە ھازىر پاختىنى 1يۇەن 4مو دىن تىرىدىغان ئادەم قىس بولماقتا .
    بۇنداق رايۇنلار دىگەن كۆپ :
    مانا  بۇ  يەر لەرگە جەنۇبى شىنجاڭدىكى  ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بىر قەدەر كۆپ راينلاردىن تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئەكىلىپ بىر تۇتاش ئىشقا قۇيۇشقا بۇلىدۇ .
    بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ھالقا :
    كارخانا قۇرغۇچىنىڭ  ئۇچۇرغا باي ھەم سەزگۈر بۇلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ.

    ھازىر بازاردا بۇخىل تىپتىكى كارخانىلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك . بازار بوشلىقى ئىنتايىن چوڭ .

     مۇشۇنچىلىك يازاي  ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

    ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

    مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • بۇنداق قىلسىڭىز كىم سىزگە ئىشىنىدۇ، ئادەمنى قانداق تاپىسىز؟ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز چۇ!
    baydadam回复wulkan说:
    راس ئىشەنچ دەرىجىسى سەل تۆۋەن ، لىكىن پۇل ئاز چاغدا تەۋەككۈل قىلسىمۇ بۇلىدۇ.

    تۇتۇلۇپ قالسا قاچار (چاقچاق)

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

    يەنە كىلىپ تۇرارسىز .
    2010-10-13 18:26:46
  • ھازىر بۇنداق شىر كەتلەر خېلى جېق، ئاقسۇدىلا مەن بىلىدىغان 20 يېقىن شىركەت بار.
    baydadam回复wulkan说:
    بىزنىڭ بۇ كورلىدا تازا ئۇچۇرمايدا ؟ بەلكىم بۇيەردە بولمىسا كېرەك .
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا .
    يەنە كىلىپ تۇرارسىز .
    2010-10-13 15:24:27
  • بۇخىلدىكى شىر كەتنى قۇرۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 500 مىڭ يۇەندىن كەم بولسا بولمايدۇ، ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن رەسمىيەتلىرى بار، بىراق قۇرۇۋالسا پايدىنىمۇ خېلى تاپقىلى بۇلىدۇ.
    baydadam回复wulkan说:
    شىركەت قۇرماي پارتىزانلارچە ئىش قىلىپ كىيىن سەل پۇل تاپقاندا قۇرسىمۇ بۇلىدۇ مىنىڭچە .

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

    يەنە كىلىپ تۇرارسىز .
    2010-10-13 15:26:22

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى