ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • تۈركىيە كاۋاپلىرى بېلەن ئىگىلىك تىكلەش - [ئېگىلىك تىكلەش]

    2010-08-20 | خەتكۈچئېگىلىك تىكلەش 创业

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/73406035.html

    تۈركىيە كاۋاپلىرى بېلەن ئىگىلىك تىكلەش

    1.سودا تۈرىنى تۇنۇشتۇرۇش :
    ئىسمى:< * * > يىمەك ئىچمەك مەدەنىيىتى شىركىتى .
    تۈركىيە كاۋاپلىرىنى ئاساس قىلغان ھەرخىل تۈرۈكچە يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىتىپ سېتىش .
     
    2.تىجارەت تۈرى : 
    تۈركىيە كاۋاپلىرىنى ئاساس قىلغان ھەرخىل تۈرۈكچە يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىتىپ سېتىش .
    يېڭىچە يىمەك ئىچمەك مەدەنىيەتلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش .

    3.كېرەكلىك مەبلەغ :
    200مىڭ يۇەن . <ھەركىم ئۆزئەھۋالىغا قاراپ كۈلەمنى خالىغانچە چوڭ كىچىك قىلسا سالىدىغان مەبلەغ بۇنىڭدىن ئاز ياكى جىق بۇلىشى مۇمكىن >

    4.تۈرنىڭ ئاساسى ئەھۋالى :

    نۆۋەتتە شەھرىمىزدە غەرىپچە ،چەتئەل تائاملىرى تاماقخانىلارنىڭ تۈرلىرى خېلىلا كۆپ لىكىن مۇسۇلمانچە ھەم ئىشەنچىلىك ھالدا يىگىلى بۇلىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك، يەنە كىلىپ تۇركىيە كاۋاپلىرى ھەم تائاملىرى ئاشخانىسى يوق . بۇ بىر بوشلۇق .

    5.بازار ئېھتىياجى:

    نۆۋەتتە شەھرىمىزدە غەرىپچە ،چەتئەل تائاملىرى تاماقخانىلارنىڭ تۈرلىرى خېلىلا كۆپ لىكىن مۇسۇلمانچە ھەم ئىشەنچىلىك ھالدا يىگىلى بۇلىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك، بۇنداق شارائىتتا شەھرىمىزدە مۇشۇنداق تۈردىكى بىر ئاشخانىنىڭ بۇلىشى كۈچلۈك  بىر تەقەززا.

    6.بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى :
    جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر شەھىرىمىزدە بۇ تۈردىكى ئاشخانىلار تېخى قۇرۇلمىدى، لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .

    7.قىيىنچىلىق ھەم مەسىلىلەر :
    ئازدۇر كۆپتۇر مەسىلىلەرمۇ مەۋجۈت، يەنى ئۇستام تېپىش مەسىلىسى، بۇنى ھەل قىلىش يوللىرى : مەن ئىگنلىشىمچە شىنجاڭدا تۈركىيەدىن كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلارمۇ خېلى بار<ئۇقۇش ۋە باشقا سەۋەپلەر بېلەن> شۇلارنى تەكلىپ قىلىش ، ھەم ئىچكىر لەردە مەخسۇس تەرربىيلەيدىغان ئۇرۇنلار باركەن شۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىش ھەم توردىكى ھەقلىق ئۈگۈتۈش يۇمتاللىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆگۈنۈش قاتارلىقلار .

    8.تەننەرخنى ھېساپلاش :

    تىجارەت ئۇرنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى :
    تىجارەت ئۇرنىنىڭ بېزىلىشى :
    كېرەكلىك ئەسلھەلەر :
    تېخنىك ۋە تېخنىكا :
    خام ئەشيا :
    خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :

    9. خېيىم خەتەر تەھلىلى :
    (1)  تاللىغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟
    (2) رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
    (3) ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
    (4) باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
    دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !

    تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن  مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت - شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

    پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

    مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى


     


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى