ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك باج توغرىسىدىكى بىلىملەر - [ئېگىلىك تىكلەش]

    2010-07-11 | خەتكۈچئېگىلىك تىكلەش 创业

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68705757.html

    ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك باج توغرىسىدىكى بىلىملەر

      1.باجىنىڭ تۇرلىرى

    (1)قوشۇلما قىممەت بېجى .سودا ساھەسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر ئادەتتە سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن %4باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە پۇل تاپشۇرۇپ قوشۇلما قىممەت بېجى تۆلەيدۇ.سانائەتتىن باج يىغىش نىسبىتى %6 بولىدۇ.

    (2)ئىستىمال بېجى.

    ئاق ھاراق ۋە پوجاڭزا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يەككە تىجارەتچىلەر سېتىلىش مىقدارىغا قاراپ %15ئىستىمال بېجى تاپشۇرۇشى لازىم.

    (3)تىجارەت بېجى

    مۇلازىمەت كەسپىنى قىلىدىغان يەككە تىجارەتچىلەر تىجارەت كىرىمى بويىچە %15تىجارەت بېجى تۆلىشى كىرەك.

    (4)شەھەر ئاسراش قۇرلۇش بېجى.

    بۇخىل باج يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ قۇشۇلما قىممەت بېجى،ئىستىمال بېجى،تىجارەت بېجى قاتارلىق باجلارغا قوشۇمچە قىلىپ ئېلىندىغان  باجنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭدا  %1دىن %7گىچە رايون پەرىقلىق باج نىسبىتى ئورۇنلايدۇ.

    (5)شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى.

    بۇنىڭ ئىچىدە،ئىشلەپچىقىرىشتا،تىجارەت تاپاۋىتىدە چوقۇم %5دىن %35گىچە بەش دەرىجىلىك نورمىدىن ئاشقان پىروگرېسىيلىك باج نىسبىتى بويىچە باج تۆلەيدۇ.پاي ئۆسۇمى،پايدا تاپاۋىتى،مال-مۇلۇك ئىجارە تاپاۋەتلىرىدىن ئېلىندىغان باج نىسبىتى %20بولىدۇ.

    (6)ئۆي-جاي بېجى .

    بۇنىڭ ئىىچىدە،ئۆي مۇلۇك قالدۇق باج بويىچە ھېسابلىنپ، باج نىسبىتى %12 بولىدۇ.ئۆي-ئىجارە ھەققى بويىچە باج ھېسابلىنىپ.باج نىسبىتى %12بولىدۇ.

    (7)شەھەر بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجى .

    بۇنىڭدا شەھەر بازاريەرلىرىنى ئىشلەتكۇچىلەردىن باج يىغىش،رايون پەرقى پەرىقلىق باج سوممىسى ئۆلچىمى بويىچە باج ئېلىش ئىجرا قىلىندۇ.

    (8)قان بېجى.

    بۇخىل باج كالا قوي،قاتارلىقلار چارۋا ماللارنى بوغۇزلىغۇچى ياكى ساتقۇچىلاردىن ئېلىندىغان باج بولۇپ، نورمىلىق باج نىسبىتى ياكى تاناسىپلىق باج نىسبىتى ئىشلىتىلىدۇ.

    2.تۆۋەندىكى سەككىز خىل كەسىپ بىلەن شوغۇللانغانلارنىڭ باج ھەققى كەچۇرۇم قىلىندۇ.

    2002يىلىدىن 2003يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنىدىن باشلاپ،يەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۇرۇپ بىكىتىپ،ئىش ئورنىدىن قالغان كىنىشكىسى بارلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان خىزمەتچىلەرنىڭ مەھەللە ئاھالە مۇلازىمەتچىلىكى كەسپى بويىچە شوغۇللىندىغانلارنى تەكشۇرۇپ دۆلەتنىڭ باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى [99]43-نومۇرلۇق تارقاتقان ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە  ئۇچ يىل ئىچىدە ئۇچ خىل باجنى كەچۇرۇم قىلىشتىن بەھرىمان بولىدۇ.ئاتالمىش ئۇچ خىل باج بولسا تىجارەت بېجى ،شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى ھەمدە تىجارەت بېجىغا قۇشۇمچە قىلىندىغان شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى ۋە مائارىپ خىراجىتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇنىڭ ئىچىدە باج كەچۇرۇم قىلىندىغان سەككىز خىل كەسىپ:ئائىلە تازلىقى مۇلازىمىتى؛دەسلەپكى قەدەمدە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى؛بوۋاق بالىلارنى بېقىپ بېرىش ۋە تەربىيلەش مۇلازىمىتى ،مېيىپ ئۆسمۇرلەرنى تەربىيلەش تەلىم-تەربىيە ۋە كۈتۇش مۇلازىمىتى.ياشانغانلارنى بېقىش مۇلازىمىتى،كىسەللەرنى ۋە كىچىك بالىلارنى ئاسراش،ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىش مۇلازىمىتى (تاكسى بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىشنى ئۆز-ئىچىگە ئالمايدۇ.)،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ،تۇغۇتنى چەكلەش مەسلىھەتى ۋە سۇپەتلىك تۇغۇپ سۇپەتلىك تەربىيلەش مەسلىھەتى كەسپى بىلەن شوغۇللانغۇچىلاردىن باج كەچۇرۇم قىلىندۇ.

    3.ئىچكى تاشقى مەبلەخ كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى قوشۇۋېتىش.

    مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىز ئىچكى تاشقى مەبلەخ كارخانىلىرى يېڭىدىن يولغا قويۇلغان باج تۇزۇمى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلدى.يېڭى باج تۇزۇمى ئاستىدا،ئىچكى تاشقى مەبلەخ كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجى قوشۇۋېتىلدى،تاپاۋەت بېجى %25بولۇپ كەسىپ تۇزۇمىگە ئاساسەن يېڭى تاپاۋەت بېجى تۇزۇملىرىدە باج نىسبىتى كېمەيتىلىدى.دۆلەت ئالھامدۇرۋاتقان كەسىپلەرگە كەلگۇسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بەرمەكچى..شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشقى مەبلەخ كارخانىلىرى.  نۆۋەتتىكى پاي ئۆسۇمى ئالدىن ئېلىندىغان پاي ئۆسۇمىدە ئۇنىڭدىن باشقا مەبلەخ سودا شىركەتلىرى يەنە مەبلەختىن باج قايتۇرۇش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.تاشقى مەبلەخ شىركەتلىرىنىڭ بېجى تەڭشىلىپ،شەھەر-بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجى ،ئۆي مۇلۇك قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش بېجى مۇقىم مەبلەخ يۆلىنىشى ئۆزگەرتىش قاتارلىق  7خىل تۇرگە ،ئوخشاش دۆلەت ئىككى كارخانىلار ياكى شەخسەن تۆلەيدىغان باج بىردەك بولۇشى كىرەك.

    مەنبە: ئەپەندىم تورى
    باي دادام تور خاتىرىسى


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • بارخان بلوگىنىڭ تۇغىنى ياسىغان ئىدىم،مالال كۆرمەي رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز....
    http://filer.blogbus.com/5918585/resource_5918585_1279922984j.gif
    baydadam回复بارخان说:
    بۇلىدۇ مەن ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم .
    كەچۈرۈڭ ئۇزۇندا ئۇچۇر قايتۇرۇپ قالدىم .
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا .
    2010-09-24 09:25:36

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى