ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • توي مۇراسىمى توغرىسىدا - [خىياللىرىم]

    2009-07-02 | خەتكۈچ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41795608.html

    توي مۇراسىمى توغرىسىدا

     

    توي توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئەلۋەتتە خۇداغا تەۋەككۈل قىلىپ ئىنساننىڭ قىلىدىغان سەۋەپلىرىگە تەييارلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاچان كىم بېلەن قىلىشنى خۇدا ئۈزى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا ئاتىلار دەيدۇ،<نىكاھ غايىپ>. مەن شۇ نىيەتتە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز توي مۇراسىمىم توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئارزۇلۇق پىلانلىرىمنى تۇزۇپ قويدۇم . بۇنى دوسلار بېلەن ئورتاقلىشىپ باقاي. مەن ئەزەلدىن خىيالىمدا تويىمنى ئەنئەنىۋى ھەقىقى ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلدا قىلىشنى نىيەت قىلىپ كەلدىم . تۇيۇمدا چۇقۇم ئىسراپچىلىق ۋە ئەنئەنىمىزگە يات بولغان قىلمىشلارنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چەكلەيمەن. 1.كىيىم كېچەك جەھەتتە : تۇيدا مەن ئۈزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىمىزنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىمەن . ئۆزۈم دوپپا ،كانىۋاي كۆينەك ،تون ، بەلگە پوتا باغلايمەن . (ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بىر كىيىم لاھىيەم بار.) قىزنىڭ كىيمىگە : ئەتلەستىن تىكىلگەن ئۆزىمىزنىڭ تويلۇق كىيمى، بېشىغادوپپا ياكى ياغلىق ئارتىدۇ،بۇنىڭدىمۇ ئۆزۇمنىڭ بىر لاھىيەسى بار، ياختۇرمىسا ئۆزى لاھىيلەتسە بولىدۇ ، شەرت خاسلىقىمىزغا يات بولمىسىلا بولىدۇ. <ياۋرۇپاچە ئاق توي كىيمى كىيىشكە بولمايدۇ.> 2.تويدىكى نەغمە ناۋادا : ناغرا سوناي چېلىندۇ، يىگىتلەر سورىنىدا دۇتتار تەمبۇر راۋاپ داپ لار بېلەن سورۇن تەييارلايمەن . 3. توينى خۇدا خلىسا خادىكتا يەنى ئات ھارۋۇسىدا كۈچۈرىمەن. پەقەت ئامال بولمىسا قىز بېلەن يىگىت ئولتۇرىدىغاننى ئات ھارۋۇسى قىلىپ باشقىللىرىنى باشقىچە بۇلا. 4.تويدا قىزنىڭ ئۈيىدە گۈل تاقايدىغان ئىشنى توختۇتۇپ دوپپا ھەم پوتا باغلاشقا ئۆزگەرتىمەن . 5.كەچتە ۋىچىركا ئورنىدا يېزىدا مەشرەپ ئۆتكۈزىمەن. بۇ مىنىڭ توي توغرىسىدىكى ئارزۇيىم ئىدى . بۇ ئارزۇيىمنى ھازىرغېچە ئېيتقان كىشىللىرىمنىڭ ئىنكاسى تۆۋەندىكىچە بولدى. بىرىنچى قىز :بۇ ئارزۇلىرىمنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى قىلىپ مەن بېلەن تەڭ شۇ ئارزۇلارغا يىتىشنى ئارزۇ قىلىپ مەن بېلەن قول تۇتىشىپ ماڭغان ئىدى. ئارلىقتا بۇنىڭدىنمۇ بىر گۈزەل ئارزۇ-يەنى ئىستىقبال ئۈچۈن يىراققا كىتىپ قالدى، ئىلىم ئىزدەپ ماڭغان كىشىنىڭ يولىنى تۇسۇشنى گۇناھ بىلىپ ئۇنى توسمىدىم . ئىككىنچى قىز :بۇ ئارزۇلىرىمىنى ئېيتىۋىدىم ،ئۇ شۇ ھامانلا مىنى بۇ ئارزۇلىرىمدىن ۋاز كىچىشىمنى ئېيتتى ، لىكىن مەن بۇ ئارزۇيۇمدىن كىچەلمەيدىغانلىقىمنى خۇدا خالىسا چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم ، ئۇ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلىغىنىنى بىلمىدىم . لىكىن مۇشۇ كىچىك نوقتىدىكى پىكىر ئىختىلاۋى بەلكىم باشقىللىرىنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قالغان بولسا كېرەك بىلمىدىم . ئۈچۈنچى قىز : ئۇنىڭغا بۇلارنى ئېيتمىدىم،ئېيتالمىدىم، ئېيتالمايمەن. تۆتىنچى قىز : بىلمىدىم ئۇ كىمكىن ؟ ئۇ قانداق قاراركىن ؟ بەشىنچىسىچۇ؟ مەنبە : باي دادام تورخاتىرىسى


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • ئىلاھىم دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن. تىلىكىم شۇ ...............

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى