ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • مۇۋاپىقىيەت توغرىسىدا ئۈزۈندىلەر . - [خىياللىرىم]

    2009-01-29 | خەتكۈچمۇۋاپىقىيەت 成功

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34464980.html

     مۇۋاپىقىيەت توغرىسىدا ئۈزۈندىلەر .

    بىرمەزگىللىك ئالدىراشچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ئاخىرى بۇ تور خاتىرەمگە ئىگىدارچىلىق قىلغىدەك پۇرسەت تاپتىم ، شۇڭا ھازىر بۇ پۇرسەتتە قايسى كىتاپدا ئۇقۇدىمكىن تاڭ ئىسىمدە يوق لىكىن  خاتىرەمگە خاتىرلىۋالغان مۇنۇ ئىلھاملىق ئىبارىلەرنى سىز لەرگە سۇناي .

    ئۆزىمىزگىلا تايىنىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ ، ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارغا ھامان تايىنىدىغان گەپ ، بىرلىك بولسا تېخىمۇ تېز ئۇتۇق قازانغىلى بۇلىدۇ .

    ھەمكارلىق ئاساسىدا ياردەملىشىشنىڭ ئۈنۈمىنى بايقاپ يېتەلىسەك قول تۇتۇشالىساق بىز ناھايىتى تىزلا يىمرىلمەس بىرتوپ ئورمانغا ئايلىنالايمىز.

    ئۆزلۈكتىن ھالقىغان كوللىكتىپ ئېڭى نۇرغۇن كىشىلەرنى جان تىكىپ خىزمەت قىلىشقا جەلىپ قىلىدۇ .

    مىنىڭ تۇتقان يۇلۇم ئىزچىل ئەڭ جانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئېگە سەرخىل تالانتلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە ھوقوق مەجبۇرىيەت ، بايلىقنى ئۇلارغا قوشلاپ تۇتقۇزۇپ ، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تاماملاش . كىلىڭ ، بىللە ئالغا باسايلى .

    بەرگەن قول ئالغان قولدىن مىڭ ياخشى .

    بايلىق ئىككى قول بىر ئاقىل كاللىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

    ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزلۈكسىز تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق يۇلى تېپىش كېرەك .

    ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ مەخپىيىتى ئۆز تاللىشىدا ، خاتالىق بارمۇ يوق ئۆزلۈكسىز تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە يېڭىدىن-يېڭى نىشان تۇرغۇزۇپ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەشتە.

    خۇدا،  زىمىندا بىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىمىزگە نۇرغۇن ئىبرەتلەرنى قالدۇرغان ، گەپ بىزنىڭ ئۇنى ئەقىل پاراسىتىمىز بېلەن ھېس قىلالىشىمىز دا ئۆزىمىزگە يېتەكچىلىك قىلالىشىمىز قىلالماسلىقىمىزدا.

    ئىشنى چوڭ كىچىك دىمەستىن پۈتۈن كۈھىڭىز بېلەن كەمكۈتسىز قىلىپ ئۇرۇنداڭ بىرئادەمدە كەسىپ خىزمەت ئۈچۈن بىرىلىپ تەر ئاققۇزىدىغان مىۇشۇنداق ياخشى ئادەت يىتىلىدىكەن جەزمەنكى ئۇنىڭ تۇرمۇشى شادلىققا ، ئىشلىرى ئۇتۇققا تۇلىدۇ .

    مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئېھتىياجى .

    مۇۋاپىقىيەت قازىناي دىسىڭىز زىھنىڭىز ئەقلىڭىزنى خورىتىدىغان باھارلىق پاسسىپ ئامىللاردىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ ، ھەرقاچان ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىق ، زىھنىڭىز ۋە ھاياتى كۈچىڭىزنى ساقلاڭ.

    ئاقىللار يول ماڭغانسىرى يول تېپىشقا ماھىرلىشىدۇ .

    شۆھرەت بېلەن شەرمەندىلىك ئارسىى بىر غېرىچ ،  زور مەغلۇبىيەتتىن كىيىن لالمىلارچە قۇيرۇقىنى قىسىپ قېچىش سېپى ئۈزىدىن شەرمەندىلىك ، ئەمما ئاز ئۆتمەي تۈكۈلگەن يۈزىنى قايتۇرۋېلىش غالىپلىق شۆھرىتى .

    دۇنيادىكى ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسە پۈتۈن زېھنى كۈچى بېلەن جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق روياپقا چىققان .

    مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى.


    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى