ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • ئىگىلىك تىكلەش پىلانى ( ھەقىقي نۇسخا ) - [ئېگىلىك تىكلەش]

    2008-12-20 | خەتكۈچئېگىلىك تىكلەش 创业

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32749437.html

     ئىگىلىك تىكلەش پىلانى ( ھەقىقي نۇسخا )
    ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى http://igilik.com/bbs
    ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتى بېلەن بۇ جايغا كۈچۈرۈلدى
    ئىگىلىك تىكلەش پىلاننامىسى
    تۈر تاپشۇرغۇچى : ************
    تاپشۇرغان ۋاقتى : 2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى

    1 .  سودا تۈرىنى تونۇشتۇرۇش
       ئىسمى : « ** » بالىلارنى ۋاكالىتەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شىركىتى بولۇپ ، ئاتا  - ئانىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمايۋاتقان ، ياكى قاراشقا ۋاقتى چىقمايۋاتقان بالىلارنى تەشكىللەپ ، بالىلارنىڭ ۋاقتىدا يىيىشى ، ئۇخلىشى دەرىستىن كىيىنكى تەكرار قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپ ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قوش تەرەپلىمىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ، ھەمدە سېستىمىلىق باشقۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز ى مۇستەقىل ياشاش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ يېڭى بىر ئەۋلاد ياراملىق بالىلارنى تەربىيلەپ چىقىش .

      تىجارەت تۈرلىرى :  بالىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن تەكرار قىلىپ بېرىش ، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى تەمىنلەش قاتارلىقلار .
      تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ : 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا
       ئورنى : **************
    2 . تۈرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
    نۆۋەتتە شەھىرىمىزدە بالىلارغا قاراش شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى .
    بۇ مەن ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى . يەنى خىزمەت ئىشلىرىمىز تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ مەكتەپكە دەل ۋاقتىدا بارالماسلىقى ، تاماقنى ۋاقتىدا يىيەلمەي ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشى قاتارلىقلار ... بولۇپمۇ كۆپ قىسىم  ئاتا - ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا ياردەم قىلالماسلىقى ياشىغان دەۋىرنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . ئەگەر مۇشۇ بالىلارنى يىغىپ ئۇلارنىڭ ياخشى يىيىش ، ياخشى ئۇخلاش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلساق بۇ ئەلۋەتتە بىزگە نىسبەتەن يېڭىچە بىر سودا پۇرسىتى ئەمەسمۇ ؟

    3 .  بازار ئېھتىياجى تەھلىلى
    ئىگىلىنىشىچە ، شەھىرىمىزدە باشلانغۇچ مەكتەپ نەچچە ئون بولۇپ ، ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوخشىىمغان دەرىجىدە بالىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەسىلىسى كىلىپ چىقىۋېتىپتۇ . سىتاتىسكا قىلىنىشىچە ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن نەچچە يۈز بالا ئىچىدە 60% ى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا ، 40% ى  دەرىستىن كىيىنكى تەكرار قىلىشقا ،30 % ئەتراپىدىكىسى گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا ئىنگىلىزتىلى قاتارلىقلاردا تەربىيلىنىشكە  ، 20% بالىلار بولسا يەككە پەندە ئايرىم تەكرار قىلىپ بېرىشكە موھتاج .

    يۇقارقىدەك تەھلىلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى
    (1) ھازىرقى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلار تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان كۆز قارىشى بۇرۇنقىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتىرىلدى .
    (2) ھازىرقى بالىلارنىڭ رىقابەت كۈچى كەسكىن ، بېسىمى ئېغىر
    (3) ئاتا - ئانىلارنىڭ جەمىيەتكە سىڭىپ كىرىشى چوڭقۇر بولغانلىقتىن بالىلارنىڭ ھالىدىن يىتەرلىك خەۋەر ئېلىپ بولالمايدۇ .
    (4) مائارىپ تەربىيىسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ

    4 . بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى
    جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . ئېگىلىنىشىچە ھازىر شەھىرىمىزدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى ۋە ۋاكالىتەن مۇلازىمەت قىلىش بازىرىنىڭ ئېچىلىشى تېخى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى .  لىكىن ئانچە - مۇنچە مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس . مەسىلەن ئىشلەتكەن ماتىرىيالار ياخشى ئەمەس ، ئوقۇتقۇچىلار لاياقەتلىك ئەمەس ، مۇلازىمەت سۈپىتى ناچار ... پەقەت يىراققا كۆز تىكىپ ، ئۆزىمىزنىڭ رىقابەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىزنى بەرپا قىلىپ ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلالىساقلا ئاندىن جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايمىز .

       3 . تەننەرىخنى ھىسابلاش
    1 . مۇئاش ھېسابلاش
    چۈشەندۈرۈش : مەخسۇس دەرىس تەكرارلاپ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇئاش ھېسابلانمايدۇ . لىكىن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياراتقان ئىقتىسادى كىرىمى ھىسابلىنىدۇ . بىر سىنىپنى تەشكىللەپ سىرىتتىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى بولسا مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ .
    2. سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھېسابلاش
    چۈشەندۈرۈلىشى :
    (1) ئەسلىدىكى بار ئورۇننى ئاددى زىننەتلەپ ئىشلىتىش
    (2)  ئەسلىدە بار بولغا ئەسلىھەلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك .  يەنى : ئېلىكتىر ئەسۋابلىرى ، ئىشخانا ئەسۋابلىرى ، ئۈستەل ، ئورۇندۇق ، كارۋات قاتارلىقلارنىڭ كونىسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن تولۇقلاش .

    3 . تىجارەت مەبلىغىنى ھېسابلاش


    چۈشەندۈرۈش :
    (1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق چىقىمى : ھەر ئايدا 100 ئوقۇغۇچى دەپ ھېسابلىغاندا ئارىسىدىكى 80 ئوقۇغۇچىنىڭ  چۈشلۈك ، كەچلىك تامىقىنى 240 ۋاق تاماق ، ھەر ۋاق تامىقى 1.5 يۈەندىن ھېسابلىساق كۈنلۈك تاماق چىقىمى 360يۈەن بولىدۇ .بىر ئاينى 30 كۈن دەپ ھېسابلاپ 22 كۈن خىزمەت كۈنى دىسەك ھەر ئايلىق تاماق چىقىمى جەمئىي 7920 يۈەن بولىدۇ .
    (2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ئۆلچىمى : ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاماق مىقدارىغا قاراپ ئۆز لايىقىدا تاماق ۋە سەيلەر بېرىلىدۇ .
    (3) ئىشتىن قالدۇرۇلغان ، ئىشسىزلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىسە باج كەچۈرۈم جەھەتتىن بەلگىلىك ئېتىبار سىياسەتلەر بار .

    پايدا زىيان  تەھلىلى
    1. تىجارەت نىشانى
          ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .( يەنى يىلدا 1920 نەپەر ،ھەر ئايدا تەخمىنەن 160 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش )
    2 . ئاساسىي تىجارەت كىرىمى يىلدا 768000يۈەن (ۋاكالىتەن بالىلارغا قاراش)
    چۈشەندۈرۈلىشى :
    ئايلىق تىجارەت كىرىمى : 160يۈەن*400 ئوقۇغۇچى =  64000 يۈەن
    يىللىق كىرىم : 64000*12=768000

    دەرس تەكرار قىلىپ بىرىش تۈرى : يىللىق كىرىم 10200 يۈەن
    چۈشەندۈرۈلىشى :  (1)يىلدا 34 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، ھەر بىر پەن ئۈچۈن 300يۈەن تاپشۇرۇش . 34*300=10200
    (2) ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى تەكرارلاپ بېرىش ، ھەر بىر سىنىپتا 11~12 نەپەر ئوقۇغۇچى
    (3) ھەر بىر سىنىپنىڭ ئايلىق كىرىمى 3300 يۈەن ، ھەر ئوقۇتقۇچىغا بىر ئاخشاملىق ئىش ھەققى ۋە مۇكاپاتى ئۈچۈن 50~100يۈەنگىچە (تەخمىنەن 75يۈەن )  بولغاندا ، 3300- (75*8)=2700يۈەن بولىدۇ .
    (4)ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ يىللىق كىرىم 10% ، ئۈچىنچى يىلى 20 % ئاشىدۇ .

    مەبلەغ كىرىمىنى ئالدىن ھېسابلاش
    ئاساسىي تىجارەت پايدا كىرىمى = يىللىق ئومۇمىي كىرىم - يىللىق ئومۇمىي چىقىم
    76800-(43840*12ئاي ) - ( 2000*12) = 217920يۈەن

    قوشۇمچە تىجارەت پايدا كىرىمى = يىللىق ئومۇمىي كىرىم - مۇكاپات ھەققى - باشقا چىقىملار
    10200 - 1800 - 400 = 8000يۈەن

    ئومۇمىي پايدا = ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى + قوشۇمچە تىجارەت كىرىمى
    217920 + 8000 = 225920 يۈەن


    5 . زىياننى مۆلچەرلەش
    (1) ئەگەر يىلدا ئەڭ ئاز دىگەندە 1315 نەپەرئايدا 109 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق كىرىم - چىقىم تەڭلىشىدۇ .
    (2) ئەگەر يىلدا 1315 نەپەر ئايدا 109 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق پايدىغا يۈزلىنىدۇ .
    (3)ئەگەر يىلدا 1315 نەپەر ئايدا 109 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالمىساق زىيان تارتىمىز .
    (4) ئەگەر پىلان بويىچە يىلدا 1920 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق يىللىق ئالىدىغان پايدا 217920 يۈەن بولىدۇ .

    6 . خىيىم - خەتەر تەھلىلى
    (1)  تاللىغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟
    (2)  تاللىغان ئورۇن مەكتەپنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىغا ماس كىلەمدۇ يوق ؟
    (3) رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
    (4) ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
    (5) باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
    (6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى مەسىلىسى قانداق ؟
    دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !

    ھەل قىلىش ئۇسۇلى :
    (1)  ئورۇننى تاللاشتا بىر قانچە يەرنى تاللاپ ، بىر قانچە لاھىيە تۈزۈپ مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىنى ئاڭلاپ ئەڭ ياخشى لاھىيە ۋە ئورۇننى تاللاش كېرەك . ھەمدە تاللىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىغا بىر قېتىملىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك .
    (2) مەكتەپ بىلەن ئورۇننىڭ كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزىتىش ۋاقتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ قاتناش ۋاستىسىنىڭ قولايلىق بولىشى ھەمدە كېچىكىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
    (3) رىقابەتچىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ، ئۇلاردا بار شارائىتنىڭ بىزدە بولىشى ھەتتا ئۇلاردا يوق شارائىتنىڭ بىزدە بولشىنى ھەمدە باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك !
    (4)  ھەر قېتىم مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلگەندە قايتا -قايتا تەھلىل قىلىش ھەمدە مۆلچەرلىگەن ساننى سەل چوڭراق مولچەرلەش كېرەك .
    (5)  ئوقۇتقۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ساپاسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش كېرەك .

    بازار تىجارەت تاكتىكىسى
    1 .  مۇلازىمەت چۈشەندۈرۈلىشى ۋە باھا
    (1) چۈشلۈك مۇلازىمەت : بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ، چۈشلۈك تاماق ، دەرس تەكرار قىلغۇزۇش چۈشلۈك ئۇخلىتىش ھەر ئېيى 250 يۈەن
    (2)  چۈشلۈك كەچلىك مۇلازىمەت :  بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ، چۈشلۈك تاماق ، دەرىس تەكرار قىلغۇزۇش ، كەچلىك تاماق ، يۇيۇندۇرۇش ، كەچلىك مۇزاكىرە قىلغۇزۇش كەچ سائەت 9:00 بىلەن ئائىلە باشلىقى ئۆزى كىلىپ ئەكىتىش . ھەر ئېيى 550 يۈەن
    (3) ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ھەر قېتىملىقى 20 يۈەن .
    (4) يەككە پەندىن قوشۇنچە تەربىيەلەش : ( ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىنگىلىزتىلى ، گۈزەل سەنئەت ، مۇزىكا قاتارلىقلار ) ھەر ئايلىقى 300 يۈەن .
    (5) دەرستىن سىرتقى بىلىملەردىن تەكرار قىلىپ بىرىش (ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى ، كەيپىياتنى تەڭشەش تەربىيىسى ) ھەر ئايلىقى 300يۈەن
    (6) ئالاھىدە مۇلازىمەت : ( بالا ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ بارالماسلىقى ياكى كۈندۈزى بىرەر ئىش بىلەن بالىنىڭ ھاجىتى چۈشۈپ قېلىشى . ) ھەر قېتىملىقى 30 يۈەن

    چۈشەندۈرۈلىشى :
    (1) چۈشلۈك ۋە كەچلىك مۇلازىمەتتە 4~5 ئاي بىر مەۋسۈم ھېسابلىنىپ ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى ھېسابات بوغىدۇ .
    (2)ۋاكالىتەن قاراش مۇلازىمەت سىنىپى 4 سىنىپ بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەر بىر سىنىپتا 45 ئوقۇغۇچى بولىدۇ .  يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا ئوخشاشلا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ .
    (3)  دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدىغان سىنىپ 12 ئوقۇغۇچى بىر سىنىپ بولىدۇ .

    تىجارەت تاكتىكىسى

      1 . ئورۇننى تاللاش
    (1)  قاتناش قولايلىق ئورۇننى تاللاش
    (2) ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 4 تىن كەم بولماسلىقى كېرەك .
    (3) تاللىغان ئورۇن شەھەر ئىچىدە بۇلىشى كېرەك
    (4) تاللىغان ئورۇن 500 كۇۋادىرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى لازىم .

      2 .  ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇش

      3.  تىجارەت پىلانى
    (1) يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تىزلىتىشنى يىللىق ئومۇمىي خىزمەتنىڭ مۇھىمى قىلىش .
    (2) ھەر قايسى مەكتەپ ، كوچا ۋە مەخسۇس ئېلان ئورۇنلىرىدىكى ئېلان ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئېلان تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىش .
    (3)  تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى تارقاتقاندا ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى چوقۇم ئىستىمالچىنىڭ قولىغا تىگىشىگە كاپالەتلىك قىلىش .
    (4) قۇشۇمچە تىجارەت  كىرىمنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن ، كۆپچىلىكنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى خىزمىتىگە تايىنىش ھەمدە يىل ئاخىرىدا 34 ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش پىلانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش .
    (5) 2 - ، 3 -  يىللىق بازار ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، يېڭى مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ ، جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ، ھەمدە كىرىمنى كۆپەيتىش




    ئۇفـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ! ئاخىرى تەرجىمە قىلىپ بولدۇم .
    تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنىڭدەك مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت - شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
    ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتى بېلەن بۇ جايغا كۈچۈرۈلدى

    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

    评论

  • sa
    baydadam回复karwan说:
    قەدىمىڭىزگەمەرھابا
    2009-02-08 01:08:57

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى