-
شۇ ئادەممەن - [ئەدەبىي ئىلھاملار]
2008-12-07 | خەتكۈچپۇل تېپىش 赚钱 مۇھەببەت 爱情
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/32254629.html
شۇ ئادەممەن
شۇ ئادەممەن ئىزىڭنى بويلاپ ،
نىشانسىزلا كەينىڭگە چۈشكەن.
قايرىلساڭ گەر ئارقاڭغا شۇدەم،
ئالدىراپلا دالدىغا قاچقان.
شۇ ئادەممەن مەۋھۇم سېغىنىپ
سۆرىتىڭنى قەلبىمگە ئويغان .
كېچىلەردە كوچا ئالىنىپ،
<ئۇچراشتۇر> دەپ تەڭرىگە تىۋىنىپ
شۇ ئادەممەن تېلىفۇن بەرگەن ،
تەشنا بۇلۇپ شۇ ئاۋازىڭغا .
تۇرۇپكىغا كەلسە ئاۋازىڭ .
سۆزسڭز تېلىفۇن قۇيۇمەن ئاستا .
شۇ ئادەممەن ساڭا ئۈسۈۋېلىپ ،
ھۈپپىدەلا قىزىرىپ كەتكەن .
بىر سۆز چىقماس كالۋا تىللار دىن ،
يەرگە قاراپ قېچىپ كەتكەن .
شۇ ئادەممەن گاھى تاڭغىچە ،
ئۇيقۇ تاشلاپ سىنى ئويلىغان .
ھوجرامدىكى سالقىن شامالدىن ،
مەڭزىڭ سۆيەر سالام يوللىغان .
بۇلار شۇ چاغلاردىكى شۇ ئادەمنىڭ شۇ قىلىقلىرى ،خاتىرەمنى ۋاراقلاپ تۇيۇقسىز ئۇچۇراپ قالدى ، تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتىم .تىلى گەرچە تازا پىشمىغان بولسىمۇ شۇ ئادەمنىڭ چىن ھېسسىياتى ئىپادە ئىدى ، ئۇزۇن يىللار ئۇتۇپ پەقەت تاتلىق لا بۇلۇپ قالدىم .
مەنبە: خاتىرەمدىن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ
باي دادام تور خاتىرىسى
收藏到:Del.icio.us
بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى