ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم مەن تەرەپكە قاراپ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

  • ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺩﺍ

    2008-06-08 | خەتكۈچ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/22529841.html

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەغدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر .
    دەرۋەقە ، ئاللا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، ئۇ ئۆزى ياراتقان ھەربىر بەندىسىنى ، مەخلۇقات - مەۋجۈداتلىرىنى تولۇق چۈشەنگۈچى ھەم ھەممە سىرلارنىڭ تىگىگە يەتكۈچى .
    ......... ئەمما ، بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدە تەڭرىدىنمۇ ئۈستۈن . ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن بەك رازى ، بەك شادىمان . توۋۋا !!! (بىز كىم ؟ نىمىگە كەلدۇق ؟ قانداق كېتىمىز ؟) قانچىلىك ئادەم بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپقاندۇ ؟ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارسىدا ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان مەنمەنلىك ، چوڭچىلىق ، غەيۋەت ھەم بۇزۇقچىلىق مەندەك بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى تىلغىماي قويمىدى .
    ئۆزۇم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، تۆت يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتى ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى . شۇقەدەر ئەينەن ھالدا مەن كۆپچىلىككە بەزى ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەي :
    -- بەزى قىزلا دەسلەپتە ر كېلىشىدە ناھايىتى ئاددى - ساددا ، باشلىرىدا ياغلىق ، بېلىنى ناھايىتى چىڭ باغلاپ كەلگەن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۇ پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمىگەن . كىيىن چوڭ شەھەرنىڭ كەڭتاش كوچىلىرى ، خۇپىيانە ئارامگاھلىرى ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئاستا -ئاستا ئۇلارنىڭ قەلبىدە دەرىسخانىدىن كۆڭۈللۈك ، كىتابپۇرۇچلۇق ئۇمرۇنى بىھۇدە قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن يىغىش قىلىپ بىر قاچا ئاش ئېلىپ بەرگەن ياكى شۇ پۇلنى ئايىماي خەجلەپ بەرگەن ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپۇرىسى قۇرۇق ئاق نانچى يىگىتلەر ئۇلار ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ . ئالىي مەكتەپتە ئۇلارغا چېپىلىدىغان ئادەم يوق ، خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ . ئوقۇشنىڭ ئۆزى 4 ~ 5 داۋاملىشىدۇ ، شۇڭا چوقۇم بىر-نەچچە يىل پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋىلىش كېرەك . پۇل تۈگىسە ئاتا -ئانىسى چوقۇم سوراپ يۈرمەي ۋاختىدا پۇل سېلىشى كېرەك ، چۈنكى شۇلارنى ئاتا - ئانىسى تۇغقان ، بۇ مەجبۇرىيەت . ئاخىرىدا بىر قەدەر بۇزۇلۇش تېخى پىشمىغانلىق ، تاماكا چېكىشنى بېلىش ، ھاراق كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش ، نەشىگە ئۆگۈنۈش ، خالىغان يىگىتنىڭ گۈلى بولۇش راۋرۇس زامانغا لايىقلاشقانلىق . پۈتتۈرگەندە ھەم دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ھالەتتە نەچچە جاننىڭ ئانىسى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس . بەزى يىگىتلىرىمىزمۇ ھەم مۇشۇ يوللارغا شېرىك . ئەمدى بۇلار جەمىيەتكە چىقسا نىمە قىلىشى مۇمكىن ؟
    ھەي ...... ، ھاۋايى - ھەۋەس . نەپسى يوغانلىق ، يېنىڭىزدا كۈلۈپ تۇرۇپ يامان يوللاردا تەڭ مېڭىشىپ بەرگەن دوستىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنى ياخشى ئاقىۋەتتە قالدۇرمايدۇ . ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن ئادەمنى ، ھېچقانداق بىرى كېلىپ قەدىرلەپ قويمايدۇ . كۆڭۇل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ دەيدىكەن . ئۆتۈنەي ئۇيغۇرۇم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەخلەتچىلىكمۇ قىممىتىمىز يوق ھالەتتە يۈرمەيلى ، ئۇ بوشلۇقنى بىز تولدۇرۇپ قويمىساقمۇ ، نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ ، ئادەم يىغلاپ تۇغۇلىدۇ ، كەنكەندە ھەم ئارمانسىز كۈلۈپ كېتەيلى .

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، كۆڭلىمىزگە ئىمان - ئىنساپ ئاتا قىلسۇن . يامان يوللاردىن ، شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىسۇن . تېنىمىزدىكى شۇ بىر پاچە قىزىل يۈرەك قارىداپ كەتمىسۇن !!!


    历史上的今天:

    يەنە كەل 2009-06-08

    收藏到:Del.icio.us




    بۇ تېمىنىڭ تور ئادىرسى

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم زىيارىتىڭىزگە مەرھابا .بۇ تورخاتىرەم تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللىرىم،ھاسىلاتلىرىم بېلەن تولغان.بۇ خاتىرە باش تىمىسى ئېگىلىك تىكلەش باشقا تىمىلارھەم تەڭ مەۋجۈت بولغان ئونۋىرسال خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
  • زىيارەت سانى

ئۇسلۇپ نامى: Quiet | ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلغۇچى بىلىملىكلەر بلوگى