ئاتا–ئانىلار كېچىدە بالىنى ئەمدۈرۈش ، سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ، چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ياتىدۇ . بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز . كېچىدە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلاردا ئۇيقۇسىزلىق پەيدا بولغاندىن باشقا ئېمىش ۋاقتى قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تۇغۇلغان 10 نەپەر بوۋاقنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئايرىم–ئايرىم كۆزەتكەن . نەتىجىدە كېچىسى چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىغان ئۆيدىكى بوۋاق بىلەن چىراغنى ياندۇرۇپ قويغان ئۆيدىكى بوۋاقنى سېلىشتۇرغاندا ، ئالدىنقىسىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن ، ئېمىش ۋاقتى قىسقا بولغان ، بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تېز بولغان . ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:نالە
|