بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىتالىيەلىك تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ماگنىت ئىندۇكسىيەسى 0.2 مىكرو تېراس (ئۆلچەم بىرلىكى) بولغان ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ئاسانلا راكنى پەيدا قىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇ بالىلاردا ئاق قان كېسىلى پەيدا بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىماقتا : ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىر سىمى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ يۇشۇرۇن قاتىل كىشلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالماقتا. نۆۋەتتە ئىتالىيەدە ھەر يىلى400 دىن ئارتۇق بالا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلاردا كېسەللىك يۈز بېرىش سەۋەبى ئاساسلىقى، ئېلېكتىر سىمىغا بەك يېقىن بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۈچلۈك ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان. نۆۋەتتە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا ئېلېكتىر مەنبەسى لىنىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆۋەن چاستوتىلىق ماگنىت مەيدانى راكنى پەيدا قىلىشى، لىمفا توقۇلما ئۆسمىسىنى كۆپەيتىپ قويۇشى، بولۇپمۇ ئاق قان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
|