باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئۈستەل يۈزىدە « Internet Explorer» نىڭ سىن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-04 02:34 مەنبەسى: ئاپتورى: ئەكبەر تۇرغۇ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئېھتىمال كومپىيوتېرىڭىزغا باشقا تور كۆرگۈلەرنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىدىكى Internet Explorer نىڭ سىنبەلگىسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋال كۆ

 

ئېھتىمال كومپىيوتېرىڭىزغا باشقا تور كۆرگۈلەرنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىدىكى Internet Explorerنىڭ سىنبەلگىسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇشى مۈمكىن.بۇ چاغدا كۆپۈنچەيلەن «باشلاش» تىزىملىكى ياكى «Program Files» تىكى «Internet Explorer» نىڭ تېزلەتمە شەكلىنى ئۈستەل يۈزىدە كۆرۈندۈرۈپ قويىمىز. بۇ ئۇسۇلمۇ بولىدۇ.ئەمما تېزلەتمە شەكىلنىڭ خاسلىقى بىلەن ئەسلىدىكى سىنبەلگىنىڭ خاسلىقى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە بەزى ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىشىمىز مۈمكىن.شۇڭا «Internet Explorer»  (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ IEدىيلىدۇ) سىنبەلگىسىنى ئۈستەل يۈزىدە كۆرىنىدىغان قىلىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى دەپ بېرەي.پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1-خىل ئۇسۇل: ئالدى بىلەن مائوسنى ئۈستەل يۈزىنىڭ خالىغان يېرىگە ئەكىلىپ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېىكىپ ئۈستەل يۈزى خاسلىقىنى ئاچىمىز.ئاندىن تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئىش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. خاسلىق(属性)--› ئۈستەل يۈزى(桌面)--›ئۈستەل يۈزىگە ئېنىقلىما بېرىش(自定义桌面) .   ئاندىن ئۇ يەردىكى «IE» سىنبەلگىسىنىڭ ئۇدىلىدىكى كاتەكچىنى بوياپ قويساق بولىدۇ. ئەگەر «  IE» سىنبەلگىسى بولمىسا «ALT» بىلەن «l» كونوپكىىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بېسىپ قويىۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر بۇنۇڭدىمۇ بولمىسا 2-خىل ئۇسۇنى قوللىنىڭ.
2-خىل ئۇسۇل: كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئۈستەل يۈزىدىن باشقا خالىغان قاتتىق دىسكا رايۇنىغا ھۆججەت قىسقۇچىدىن(新建文件夹)بىرنى قۇرۇپ، ئىسىمىنى
 Internet Explorer.{871C5380-42A0-1069-A2EA-08002B30309D} " " دەپ قويغاندىن كىيىن، بۇ ھۆججەت قىسقۇچىنى كۆپەيتىپ (ياكى كېسىپ) ئۈستەل يۈزىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.بۇ چاغدا «  IE» نىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەل يۈزىدە ئۆزلىكىدىن كۆرۈنىدۇ.
3-خىل ئۇسۇل: يېڭىدىن «خاتىرە دەپتەر»(文本文档) دىن بىرنى قۇرۇپ ئۇنۇڭغا تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرىمىز؛
 
Windows Registry Editor Version 5.00
 
;桌面显示 IE 图标
[HKEY_CURRENT_USERSoftwareMicrosoftWindowsCurrentVersionExplorerHideDesktopIconsClassicStartMenu]
"{871C5380-42A0-1069-A2EA-08002B30309D}"=dword:00000000
 
[HKEY_CURRENT_USERSoftwareMicrosoftWindowsCurrentVersionExplorerHideDesktopIconsNewStartPanel]
"{871C5380-42A0-1069-A2EA-08002B30309D}"=dword:00000000
بۇنىڭغا «桌面显示 IE 图标.reg»دەپ ئىسىم قويۇپ ساقلايمىز.(چوقۇم كېڭەيتىلگەن نامى «reg » بولۇشى كېرەك). ئاندىن مائوسنى قوش چېكىپ ئېچىپ«ھەئە»() نى بېسىپ «رويخەتكە ئېلىش جەدىۋېلى»(注册表)گە ئەكىرگەندىن كىيىن، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق «  IE» سىنبەلگە ئۈستەل يۈزىدە كۆرىنىدۇ.
مېنىڭچە 2-خىل ئۇسۇل ئەپچىل ھەم قولايلىقكەن. شۇنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئەكبەر تۇرغۇن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-12 00:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-04-05 01:04
تەۋسىيەلەر