باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئۇچتى، چۈشتى (ھېكايە)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:29:57

‹‹ئۇچتى، چۈشتى (ھېكايە)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئۇچتى، چۈشتى

(ھېكايە)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

قىز ئالبۇملىرىغا يېنىش-يېنىشلاپ قارىدى، سىنىپىدىكىئوغۇللاردىنﻫھېچ سەۋەپسىزلا نەپرەتلەندى. ياتىقىدىن چىقتى، يوللىرى چىمەنلىك ئەمەس، سېمونت، قاراماي، باغرى تاش شەﻫھەرنىڭ شاۋقۇنلىرى، قىسماق كۆزدەك سىقىلغانتار دۇنيا ئۇنىڭ سەزگۈلىرىدىن يىراقلاشقانىدى. دېھقانچىلىق كەسپى ئۆز يۇرتىنىڭ دېھقانلىرىغا ئەسقاتامتى؟ سىياسەت بىلەن خوشى يوق بۇ قىز ئارتۇق ئويلىمىدى، ئۈستىدىكىكىيىملىرى چىرايلىق ئىدى، ئۆلگەن كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنىمەكتەپ ئاشخانىسىغا تاماق يېگىلى كىرگەندىمۇ ئۇ مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىنگەنىدى. شەنبە كۈنى تاماق يېمەسلىك ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغانىدى، چوشقىلارلا توختىماي بىرنەرسە يەيتتى. سەمرىپ كېتىۋاتىمەن دەپ ئويلايتتى قىز ۋە سومكىسىدىكى ئەينىكىنى چىقىرىپ پات-پاتقاراپ قوياتتى، لەۋ سۇرۇخلىرى ئۆڭۈپ كەتكەنىدى. سۆيۈشسىز قالغان بۇ لەۋ قانسىرىغان ئۆپكىدەك تۇراتتى، كۆڭۈلسىز بۇ لەۋ ئېسىلدى، قالدى، تىترىدى، چىڭ يۇمۇلدى. ياشاشنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟مۇھەببىتىم كىم؟… قىزنىڭ قەلبىگە سان-ساناقسىزسۇئال ئوقلىرى ئېتىلدى، يۈرىكى لەختە-لەختە ئازابتا چىڭقىلىپ ئىچىگە پاتماي قالدى. قىز يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقتى. ئاسپىرانت… ئۇيغۇر…قىز…پەلەمپەيدىن ﻫھارغىن چىقىپ كېلىۋېتىپ، غايە مەنزىلىگە ئۆزىنى بەرىبىر ئۇلىشالمايدىغاندەكﻫھېس قىلىپ بوشىشىپ كەتتى. پۇتلىرى يۇمشاپ، بېلى ئاغرىپ، بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى.

يېتەكچى مۇئەللىم ئىشخانىسىدا ساقلاپ تۇراتتى. كونا يۈز، كونا قىلىق، كونا ﻫەرىكەت، ساختا ئىلىم…. قىز ئېغىرﻫھارسىنىپ كەتتى.

— قېنى ئولتۇرۇڭ

— مايسىلارنىڭ خىمىيىلىكت ەركىبىنى ئانالىز قىلساق…

— تاماق يېمىدىڭىزمۇ؟

— تەييار چۆپ بار، يەمسىز؟

— بىر دەم يېتىۋالامسىز ؟

— باش ئاغرىقىنىڭ دورىسى بار، ئىچىۋالامسىز

— چىرايىڭىزدا قان دىدارى يوق، مىجەزىڭىزيوقمۇ نېمە؟

— مەندىن خاپا بولۇپ قالمىغانسىز؟

— ئەجەپ گەپ قىلمايسىزغۇ؟

— ئۇ ئىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

— ئۆزىڭىزنى روھلۇق تۇتۇڭ..

— كۆڭلىڭىز نېمىگە تارتىدۇ، ماشىنامدا ﻫھېلىقى يەرگە بېرىپ كېلەمدۇق-يا!

— شۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ يۈرەمسىز؟

— ئەمىسە نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟

قىز ئۈنسىز يىغلايتتى، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ بەدرەڭلىشىپ كەتكەنىدى.

قىز ناماز ئوقۇمايتتى، ئۆلۈكتەك ئۇخلايتتى.

شەيتان ئۇنىڭ بېشىدا دائىم ھەمراﻫئىدى.

ئازازۇل ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى.

مۇئەللىم ساپ سۇ قايناتقۇچتىن كورۇلدىتىپ بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇۋاتاتتى.

قىزبۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بالىخانىغا چىقتى. كۆكسىگەت ولدۇرۇپ نەپەس ئالدى، ئاسمان كۆپكۆك، يەر ياپيېشىل، غۇر-غۇر شامال چاچلىرىنى يەلپۈيتتى. ئاتبۇ ئەرزىمەس جېنىڭنى يەرگە ئات… ﻫھەممىدىن بىر يولى قۇتۇلىسەن! ئاتا-ئاناڭ، دوستلىرىڭ… ھەممىسى چۈشەنمەيدۇ. ئوغۇللارماڭقۇرت… ﻫھەممىسى سەن ئۆلگەندىن كېيىنقەدرىڭگە يېتىدۇ! قىزئۆزىنى يەرگە ئاتتى، چىمەنلىككە تىك موللاق چۈشتى، بېشى يەرنى يېرىم ئويۇپ كىرىپ كەتتى… 

چىرايلىق قىز ئىدىڭ، غايەڭگە يېتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشقانىدىڭ، ئۇچقانىدىڭ، ئۆزەڭنى نېمىشقا ﻫھالاك قىلغانسەن، نېمىشقا يەر بىلەن يەكسان بولغانسەن؟… خۇيزۇ قەبرىستانلىقىدا بۇ قىزنىڭ جەسىتى سېلىنغان تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئېگىز بويلۇق، ئېتىقادلىق يىگىت ئىچىدە ئايەت ئوقۇۋاتقاندەك ئەنە شۇنداق پىچىرلايتتى.

بۇ ھېكايە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2