باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئۇسسۇلچى قىزنىڭ جىلۋىسى (ھېكايە)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:29:16

‹‹ئۇسسۇلچى قىزنىڭ جىلۋىسى (ھېكايە)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئۇسسۇلچى قىزنىڭ جىلۋىسى

(ھېكايە)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمانقىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقانھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى، سەيدىن سۇس ھوركۆتۈرۈلەتتى، جانمۇ ھور دېېيىشىدۇ چوڭلار، ساناقلىق كۈنلىرىمىز قالدى، ساناقلىقپۇللىرىمىز بار، خەجلەيمىز، سورۇيمىز، چىقىرىمىز، بوشاپ قالغان ئىچىمىزنى يەنەئاللىقانداق بىر نەرسىلەر بىلەن تولدۇرىمىز. سورۇندا قىزلار يوق، ئەرلەرنىڭ چىرايىرەڭسىز، خۇنۇك كۆرۈنەتتى. ھەممىنىڭ كۆزى رېستۇران ئويۇنىنى باشلاش ئۈچۈن كىچىكسەھنىگە چىققان قىزغا تىكىلدى.

— ھۆرمەتلىك…. ھازىر… باشلايمىز…

زىل ئاۋاز ھاراقنىڭ بۇسىدەك قۇسقۇمنى كەلتۈرەتتى ، قېنىم ئۇرغۇيتتى. ئەرگە تەگسەك بولمامتى سېكىلەك، بۇ ياقا يۇرتتا پىگورىڭنىچىقىرىپ خارلىشىپ يۈرگىچە…

بەدەن دېمەك پۇل دېمەك… دەيتتى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى.

قانچە ئەر بىلەن بىللە بولغانسەن… دەيتتىم ئىچىمدە.

ئۇقمايسەن يىگىت، مۇھتاجلىق، ساناپ ئولتۇرمىدىم. بۇماڭا ئازاب.

30 ياشتىن كېيىن قانداق قىلارسەن

ۋاھ، 40 ياش دېسەڭچۇ، بولدى قىل، ساختا ئەركەك، ئالىيجاناپ سۆز غىدىقىمنى كەلتۈرىدۇ.

سەن بىلەن بىللە بولغۇم كېلىدۇ… بۇ ئاخشام

تاماشاڭنى جايىدا قىل يىگىت ، ئەبگالىقىڭ چىرايىڭدىنچىقىپ تۇرىدۇ

قۇمۇلدىن چىققاندىن كېيىنلا پۇلغا سېتىلدىڭ دېگەنگەپ.

خاتا، ئۆز ئارزۇيۇمغا سېتىلدىم. پۇل مېنىڭئارزۇيۇمنى قاندۇرىدىغان ۋاسىتە.

ئاناڭ يوقمۇ سېنىڭ؟

ئانام بار… ئانام يوق… ئانام ئاجراشقان…

ئانا بولىدىغان قىز ئەمەسمىدىڭ سەن؟

كېيىنرەك بولارمەن، ئەنسىرىمەيمەن…

بىرسى بىلەن يۈرگەن بولغىيمىدىڭ؟

يۈرگەن، رىشتىم دەسلەپتە باغلاندى ، كېيىن يۈرەكداغلاندى. بۇمۇ بولدى، ئەسكىلىشىشىمگە سەۋەب تېپىلدى. ئۆچۈمنى پۇخادىن چىققۇدەكئالدىم، ھازىر قىسىلمايمەن، ئەركىن ياشايمەن.

ئەسلىدىنلا ئاچكۆز، شۆھرەتپەرەس، شەھۋەتپەرەس قىزئوخشايسەن… بەدىنىڭ، بوينۇڭ، نازلىرىڭ، ساغراڭ… ۋاھ، كىيىملىرىڭ تېخى… ئۇيغۇرقىزى!

ۋاھ، قارا ما ئۇيغۇر يىگىتىنى… قارا بىزنىڭقىزلىرىمىزغا، مەنلا ئەمەس…

خىيالىي پاراڭ ئۈزۈلۈپ قالدى، "بىزنىڭ شىنجاڭياخشى جاي" دېگەن كونا مۇزىكىنىڭ ئۇسۇللۇق يېڭى مىلودىيىسى "لاي لا لا لايلاي... لاي لالالاي... " قىلىشى بىلەنلا ئالتە قىز سەھنىدىن خۇددى دۆڭدىن ئاققان لايسۇدەك پەسكە ئېقىپ چۈشتى، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ناخشىغا جۇر بولدى. بۇرۇنقى ئۇيغۇرخانىشلىرىنىڭ سۈلكىتىنى، لاتاپىتىنى ئەسلىتىدىغان كەمچەت تۇماق ئۇلارنىڭ ھەۋەس بىلەنلىق توشۇپ كەتكەن پۈچەك كاللىسىدا چەمبەردەك ئايلىناتتى، كىيىمگە كەشتىلەنگەن زەرنەقىشلەر چىراغ نۇرىدا ۋىل-ۋىل پاقىرايتتى، تېشى قىزىل،ئىچى سېرىق كىيىملەر بۇئوتقاشتەك قىزلارنىڭ ئىچكى تاشقى قىياپىتىگە سموۋۇل قىلىنغاندەك تۇراتتى. پاھ، بۇنېمىدېگەن ماسلىشىش! قىزىل، سېرىق رەڭ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى، ناخشا، رېتىم، تولغىنىش، ئىرغاڭلاش، تەبەسسۇم، ھاياسىز ھىجىيىش، شەرەتلەش، ئېڭەك ئوينىتىش، ئەۋرىشىم بەل ۋەبىلەكلەر، قانچىلىغان قوپال قوللارنىڭ مۇجۇقلىشىدىن ئۆتكەندۇ بۇ كىرىشكەن نازۇكقوللار-ھە... بىر نەرسە ئىچىمنى قىززىتاتتى، ئەرلەر جوزىدىكى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپئاشۇ قىزلارغا قارىشىپلا قالغانىدى، كۆزلىرى بۇ قىياپەتلەرگە قانمايتتى ۋە كۆينەكھەر بىر كۆتىرىلگەندە چىقىپ قالىدىغان پاچاقلاردا تىمىسقىلايتتى.

"يىلان ئۇسسۇلى" دەپ ئېلان قىلدىقىز.

بىر قىز كىندىكىنى ئوچۇق قويۇپ، بىر ئۆلۈك يىلاننىكۆتۈرەپ جوزىلارنى ئايلىنىپ مېھمانلارغا "بۇ راست يىلان" دەپ كۆرسەتتى، شۇنداقتىمۇئىككى-ئۈچ خەنزۇ ئەر ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى، قىز ئۇلارنى قورقۇتۇپ قويغىنىغا خۇشالبولغاندەك جىلمىيىپ، بىزنىڭ ئالدىمىزدىن ئىپادىسىزلار ئۆتۈپ، مەيدانغا چۈشۈپلائەرەبلەرنىڭ تاقىر-تۇققۇر مۇزىكىسىغا جان-جەھلى بىلەن كىرىشىپلا كەتتى، مانا ئۇسسۇلدېگەن، مانا بەدەن دېگەن، مانا ئىشرەت بەزمىسى دېگەن... جوزىدىكىلەربۇغدىيەكلىرىنى لىپىلدىتىپ، تۈكۈرۈكلىرىنى يۇتۇپ بىچارىلەرچە ئولتۇراتتى. بۇنىڭئالدىدا بىزنىڭ ئۇسسۇللار تازا "ئاچالمىغاندەك"... كەيپىياتنىتاپالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ قىزمۇ ھەقىقىي ئۇسسۇل دېگەن مانا، كۆرە مانا، قاراپ كۆزلىرىڭ تېشىلسۇن، يۈرەكلىرىڭ شەھۋەت قوللىرىدا مۇجۇلسۇن، ھەممە نەرسىمىزجەلبكار تۇيۇلسۇن... دەۋاتقاندەك، پۈتۈن بەدىنىنى، قورساقلىرىنى تىترىتىپ، سۆڭگەچلىرىنى كۆكۈيۈن چاققان بايتالدەك ئېتىپ زور ئىشتىياق بىلەن ئويناپ كەتتى، ئوينىدى، ئوينىدى، ھەۋەسلەر قايناپ-قايناپ، ئاخىرى يەنە پەسكويغا چۈشتى.

"گۈل ئۈزۈش ئويۇنى" دەپ ئېلان قىلدىقىز ماڭىلا دەۋاتقاندەك.

يەنە بىر قىز قولىغا بىر گۈلنى ئېلىپ مەيدانغاچۈشتى، ئېلانچى قىز يەنە چۈشەندۈرۈۋاتاتتى: بىرىڭلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قىزغا ماسلىشىپئوينايسىلەر، قىزنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئۈزۈپ ئالالىساڭلار ئۇتقان بولىسىلەر... قېنىكىم چۈشىدۇ...

خەنزۇلاردىن ھېچكىم چۈشمىدى، ئېلانچى قىز بىز تەرەپكەكەلدى:

— سىلەردىن بىرىڭلارچۈشۈڭلار...

قورساق سېلىپ كەتكەن مېھمانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشۈشكەئۇنىمىدى. قىز مېنىڭ چىرايىمدىن بىر نېمىنى بايقىۋالدى بولغاي، خۇددى مېنىبىلىدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن:

— سىز چۈشىڭە ئۇنداققىلماي، قىزنى خىجىل قىلمايلى...

قىزنى خىجىل قىلمايلى! ۋاھ، بولىدىغان گەپ. نېمىلادېگەن بىلەن ئۇيغۇر قىزى ئەمەسمۇ!

مېنىڭ بايا ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا سۆزلىشىپكەتكىنىمنى سېزىپ قالدىمىكىنە بۇ مىجىلغان گۈل...

جوزىدىكلەر مېنى چۈشۈشكە قىستاشتى، چۈشتۈم، قىزنىڭيېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مومايلاردەك سەل ئېگىلگەن قامىتىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپقالدىم. ئۇ مېنىڭ چۈشكىنىمگە ئانچە خۇشال بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى، پات-پات باشقاجوزىغا قارايتتى. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭغا بېقىپ ئۇنى چۆگىلەپ كەلگىنىمدە ئۇ ماڭاھاياسىزلارچە تىكلەتتى، مەن ئەكسىچە ئوڭايسىزلىناتتىم ، ئۆزەمگە كايىدىم: بىزئالمىشىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ نېمىگە ئۇنچە قىلىپ كېتىمەن؟

مەن ئويۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ قىزنىڭ قولىدىكىگۈلنى ئېلىۋېلىشقا شۇنچە كۈچىدىم، ئۇ ھەر قېتىم شارتلا قىلىپ قولىنى تارتىپ ئېلىپقاچاتتى، مۇزىكا تېزلەشتى، مەنمۇ جىددىيلەشتىم، قىزنى چۆگىلەپ قوغلاپ، قوللىرىمنىسوزۇپ، ئۇ گۈلگە شۇنچە ئىنتىلدىم، تۇتۇق بەرمىدى. ئۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەندەكقىلاتتى. پاكلىقىڭنىمۇ شۇنداق قوغدىيالىدىڭمۇ ناپاك گۇل؟! دېدىم ئىچىمدە ئاچچىقبولۇپ، ئاخىرى قوغلاۋېىرىشتىن ھارسىندىم، ھەرىكتىم سۇسلىشىپ كەتتى، مۇزىكىمۇئاياغلاشتى. قىز غالىبلارچە كۈلۈمسىرەپ، قولىدىكى گۇلنى چىڭ سىقىمداپ، بىزبىلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقلار، غەيۋەت، سەتلىشىشلەر بىلەن تولغان جايىغا كىرىپ كەتتى، نېمىشقا ئۇنى ناپاك گۈل دەيمەن، ئۇنىڭ ھاياسىز كۆزلىرىگە ئاساسەنمۇ؟ بۇمۇ بىرتېپىشماق بولۇپ قالدى.

ئارىلىقتا بىر قانچە تاينى يوق نومۇرلار ئوينالدى، ئۈچ قىز ئۈچ ئۆزبېك قىزنىڭ دېيىنى قويۇپ، مىكرافوننى ئاغزىغا يېقىپ ئۇسسۇلھەرىكىتى ئىشلەشتى. ئۇسسۇل، ئۇسسۇل... بىزنى ئاخىرى ئۇسسۇل دېگەنگە تويغۇزىدىغانبولدى.. باشقا جوزىدا ئادەم ئازلاپ قالغانىدى.

"مەشرەپ'" دېدى ئېلانچى قىز، بۇئاخىرقى نومۇرىدەك قىلاتتى.

"مەشلەپۇ دېى يىسى شى... جىتى ۋۇ" دەپ خەنزۇچىنى بۇزۇپ سۆزلىدى قىز. بىر قانچە قىز مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇلنى باشلىدى. بىر قىز بىزنىڭ جوزىغا كېلىشى بىلەنلا جوزىدىكىلەر يەنە مېنى چىقىرىپ قويدى. قىزنىڭئارقىسىدىن ماڭدىم، تولغىنىۋاتقان بەدەنلىرىگە ئاخىرقى قېتىم ھەۋەس، ئېچىرقاش، بىزارلىق بىلەن تىكىلدىم. بۇلار مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىن يوقىلاتتى. ھەۋەس ئوتلىرىنىقىززىغا ئىچىمىزگە يېقىپ قويۇپ كېتەتتى، شەيتانلار!

مەن يەنە بىر قىز بىلەن بېقىشىپ ئوينىدىم، بۇ قىزبىر قاراشتىلا باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلاتتى، چېھرى غەمكىن، كۆزلىرىنى بىرقات مۇڭ پەردىسى توسۇۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇسسۇلنىمۇ خالا-خالىماس ئويناپ قوياتتى، ئۇنىڭ ھەممىسىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، چىرايلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، لېكىنبۇ قىزنىڭ چېھرى يۇلتۇزلار ئارىسىدىن بالقىپ تۇرغان ئايدەك روشەن جىلۋىلىنىپتۇراتتى، غەمكىن جىلۋە، غەمكىن نەزەر، ئويماق لەۋلىرىدە چۈشىنىپ بولمايدىغان بىرتىترەش، گەپ سورىغۇم كەلدى، ئەمما نېمە دەيمەن، قاتتىق مۇزىكا ئاۋازى ھەممىنىبېسىپ كېتەتتى. مەن ئۇ قىزغا زوق، ئىنتىلىش بىلەن تىكىلدىم، ھېسداشلىق بىلەنكۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپمۇ قويدۇم. قىز يەنە غەمكىن كۈلۈمسىرىدى، كۆز ئىشارەتلىرىئارقىلىق پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق:

نېمانچە قاراۋېرىسىز ئىچ ئاغرىتقاندەك؟

بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، قىيالماسلىق

نېمىدىن قىيالمايسىز؟ 

بىر دەمدىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىمىز.

بۇ رېېستۇرانغا كەلسىڭىز بىز يەنە بار.

بۇ يەردىن كېتىپ قالماسسىز؟   

كەتسەك يەنە مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلەيمىز، بەرىبىرئوخشاش.

ئۇسسۇلنى نەدە ئۆگەنگەن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىدىمۇ؟

قىز جاۋاب بەرمىدى، بۇنىڭغا ئۇ كۆز ئىشارەتلىرىدىنقانداقمۇ جاۋاب تاپقىلى بولسۇن؟!

سىلەر كۈندە مۇشۇنداق ئۇسسۇل ئويناپ زېرىكمەمسىلەر؟

زېرىكىمىز، ئەمىسە نېمە ئىش قىلىمىز؟

سىزنى بىر چۈشىنىپ باقسام دەيمەن، ھەتتا يۈرۈپقالساق دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن...

بىز مۇنداق يۈرگىنىمىز بىلەن سىزدەك بالىنىياراتمايمىز.

نېمىشقا؟

چۈنكى بىز بەدىنىمىزگە، چىرايىمىزغا ئىشىنىمىز. ئۇسسۇل دېگەن قوشۇمچە...

سىز ... ئۇنداق... ھېلىقىدەك ئىش قىلمايدىغانسىز؟

بۇنىڭغىمۇ ئۇ كۆز ئىشارەتلىرىدىن جاۋاب چىقمايتتى. ئەمما مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ئاقلىدىم. بۇ قىز باشقىلارغا قارىغاندا تەربىيە كۆرگەندەكقىلىدۇ، ئانىسى ئېسىل ئايال بولسا كېرەك.

مۇزىكا توختىدى، قىز ماڭا يەنە بىر تاتلىق جىلمىيىپقويۇپ باشقا قىزلارغا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى.

جوزىدىكىلەر ئۇسسۇلنى قالتىس ئوينىدىڭ دەپ قويۇشتى، ئۇلار يېڭىدىن يەنە ئىچىشنى باشلىدى. پاراڭ باشلاندى، ئەمما ھەممىسى قۇلىقىمغاكىرمەيتتى. مەنىسىز پاراڭ، غەيۋەت-شىكايەت، سېرىق يومۇر، گەپ تالىشىش...ئارىسىداسىقىلىپ كەتتىم، خىيالىم غەمكىن قىز تەرەپكە كېتىپ قالدى. 10 مىنۇتلار ئۆتسە كېرەك، قىزلار، ئاشۇ ئالتە قىز كەمچەت تۇماق، ئۇزۇن كۆينەكلىرىنى خۇددى ئېغىر بىر بوپىنىتاشلىغاندەك سېلىپ تاشلاپ، يېنىك ئۇھ تارتىپ، ئەمدى ئۇچىسىغا كىندىكىنى بىر ئازئوچۇق قويغان كوپتا، تار كاۋبوي شىملىرىنى كىيىپ، رېستۇراندىن چىقىپكېتىشىۋاتاتتى. ئۇ قىزنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدىدىم، ئەمما ھەممىسى ئوخشاشدېگۈدەك كىيىنگەن، بوي-بەستى ئوخشاش بولغاچقا پەرق ئېتەلمىدىم، ئاچچىق بىلەن بولدىقىلدىم: ھەممىسى ئوخشاش، ھەممىسى ئوخشاش! بىر قازاننىڭ شورپىلىرى... يەنەكىملەرنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرەركىن بۇ نېمىلەر!

بۇ ماقالە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2