1. كۆزەينەكنى تاقىغاندا ياكى ئالغاندا، ئىككى قول بىلەن تاقاش ياكى ئېلىش كېرەك. ئەگەربىر قول بىلەن تاقاپ–ئالسا، كۆزەينەكنىڭ ئوڭ–سول تەڭپۇڭلىقى يوقاپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
2. كۆپ ساندىكى كۆزەينەك رامكىلىرى ئالدى سول پۇتى قاتلىندىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن. شۇڭلاشقا كۆزەينەك رامكىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سول پۇتنى، ئاندىن ئوڭ پۇتىنى قاتلاش كېرەك.
3. كۆزەينەكنى قويغاندا، يۈزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويۇش لازىم.
4. كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىنى مەخسۇس كۆزەينەك سۈرتۈش لاتىسى بىلەن سۈرتۈش لازىم.
5. كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىگە چاڭ–توزاڭ قونۇپ قالسا، ئەينەك يۈزىنىڭ جىجىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، قۇرۇق سۈرتمەسلىك كېرەك. كۆزەينەك مەينەتلىشىپ كەتسە، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ سۈرتۈش لازىم.
6. كۆزەينەكنى تاقىمىغان ۋاقىتلاردا لاتىسىغا ئوراپ قېپىغا سېلىش لازىم. كۆزەينەكنىڭ رامكىسى، سۈپىتى ۋە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گىرىم بۇيۇملىرى، دورا، چاچ قاتۇرۇش سۇيۇقلىقى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرگە قويماسلىق كېرەك.
7. كۆزەينەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، ئادەمنىڭ بۇرنى بىلەن قۇلىقىغا بولغان بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئەينەك ئاسان بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !