ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شاكىلات بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ، بۇ ئاللىقاچان دەلىللەنگەن ھەقىقەت، ئەمما شاكىلاتنى تاللاش ۋە يىيىش ئۇسۇلى خاتا بولسا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش مەقسىتى بارلار مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: شاكىلاتنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئۇنىڭدىكى كوففېئېنغا باغلىق، كوففئېىن كۆپ ۋە شېكەر مىقدارى ئاز شاكىلات ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، شۇڭا كوففئېىن مىقدارى %75 تىن يۇقىرى شاكىلاتنى تاللىغان ياخشى، ئەمما شاكىلاتنىڭ ئېنىرگىيەسى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ يىمىگەن تۈزۈك.
مۇتەخەسىسىلەر مۇنداق دىيىشتى: 100 گرام شاكىلاتتا توققۇز گرام يىمەكلىك تالاسى بار، شۇڭا شاكىلات ئادەمدە تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، شاكىلات تاتلىق بولغاچقا، ئۇنى يەپ بولغاندىن كېيىن قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە ئېغىزدىكى شاكىلات پۇرىقى يوقىلىپ، شاكىلاتنى كۆپ يەۋېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !