40 يىللىق بەڭگىنىڭ ئۆپكىسى سېسىپ كەتتى
52 ياشلىق سۈن ئەپەندى ئۆتكەن 40 يىلدا كۈندە دېگۈدەك 60 تال تاماكا چېكەتتى. يېقىندا ئۇ سەۋەبسىزلا قان تۈكۈرگەن ھەمدە سول مەيدىسى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ سول ئۆپكىسىنىڭ پۈتۈنلەي سېسىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى بېكىتىلگەن. سۈن ئەپەندى ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقتا.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !