شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:نۇرغۇن كىشىلەر قورساق تەرىپى ئاغرىسا، ئاشقازىنىم ئاغرىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئاشقازان دورىسى يىسملا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن قورساق قىسمىدىكى ئاغرىق ئاشقازاننىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى، دوكتور مىگرادى قورساق قىسىم ئاغرىشىنىڭ بىر قانچە كېسەللىكنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
-
ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى. قورساق قىسمى تارتىشىپ قالغاندەك ئاغرىپ، موسكۇل ۋە باش ئاغرىسا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش ياكى قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇچاغدا بىمار 24سائەت ئىچىدە سۇ ئىچەلمىسە، قۇسۇق ياكى چوڭ تەرەت قان ئارىلاش بولسا، قىزىتمىسى 40سىلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
-
ئۆتكە تاش چۈشۈش. ئۆتكە تاش چۈشۈش ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت خالتىسىدا شەكىللەندۈرگەن كىچىك ھەم قاتتىق چۆكمىسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياغ ۋە خولېستىرىننى كۆپ ئېستىمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىماردا دائىم قورساق ئۈستۈنكى ئوڭ تەرەپ قىسمى ئاغرىپ، دۈمبە ۋە مۈرە قىسمىغا تاراشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا بۇ خىل ئالامەت نەچچە كۈن كۆرۈلۈپ ياخشىلىنىش بولمىسا ياكى قاتتىق ئاغرىپ كۆڭلى ئېلىشسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
-
قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش. بىماردا قورساق ئاستىنقى قىسىم ئاغرىپلا قالماي ،يەنە قورساق كۆپۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى، كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يىيىش ئارقىلىق يىمەكلىك تالالىرىنىڭ بەدەنگە كىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۈنىگە 25-30-گرامنى ئۆلچەم قىلىش، ئەگەر مەنپەئەت قىلماي قاتتىق ئاغرىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
-
ھەزىم قىلىش يولىدا يارا بولۇش. بىماردا قورساق تويغاندىن كېيىن ئاغرىق پەيدا بولۇش بىلەن ئاشقازىنى ئېچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئاشقازاندا يارا پەيدا بولۇپ، قورساق ئاچ ۋاقتىدا ئاغرىسا ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى بولغان بولىدۇ. جاراھەت بايقانغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يىگەندە، بىر قانچە داۋالاش باسقۇچىدىن كېيىن جاراھەت ساقىيىپ كېتىدۇ. بىمار ھاراق ۋە ئاچچىق يىمەكلىك يىيىشتىن ساقلىنىشى، ئەگەر تەرىتىدە قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
-
ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش ئۇنۋېرسال كېسىلى. بىماردا دائىم قورساق قىسمى ئاغرىش، كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا بېسىمنى يېنىكلىتىپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !