پۇت ئۇيۇشۇش: پۇت ئۇيۇشۇش كۆپ ھاللاردا دىيابېت، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش ياكى خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبىدىن بولىدۇ، ناۋادا بىر پۇت ئۇيۇشسا، بۇ دۈمبە نېرۋىسى يىگىلەشنىڭ بىشارىتى بولىدۇ؛ ۋاقىتلىق پۇت ئۇيۇشسا، ئاياغنىڭ قىستىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. خالتىلىق ئىششىق: خالىتىلىق ئىششىقنى ئەمەلىيەتتە پۇتتىكى كەمتۈكلۈك ياكى ئىرسىيەت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ، شۇنداقلا پۇتقا دەل كەلمىگەن ئاياغمۇ سەۋەب بولىدۇ. تاپان ئاغرىش: ئورۇندىن تۇرغاندا تاپان قاتتىق ئاغرىسا، بۇ تاپان پەي ياللۇغىدىن بېرىلگەن بېشارەت بولىدۇ، بۇنداق چاغدا كىچىك ئاياغ ۋە ساپما كەش كىيىش بۇ كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تېرە چۈشۈپ قىچىشىش: باشقىلارنىڭ ئايىغىنى كىيىش تېرە تاشلاش كېسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا پۇتنى قۇرغاق تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. تىرناق سارغىيىش: بۇ ئەمەلىيەتتە سىر بوياقنىڭ كاساپىتى، بىراق پۇت سارغىيىش بىلەن بىرلىكتە تىرناق چۈرۈكلىشىپ ئوشتىلىپ كەتسە، بۇ پۇتنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !