باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

كەلگىنە باھاردەك ھىدىڭنى تۆكۈپ

مەنبە :       يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 11:55:50

‹‹كەلگىنە باھاردەك ھىدىڭنى تۆكۈپ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

كەلگىنە باھاردەك ھىدىڭنى تۆكۈپ

 

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

 

گۈللەرنىڭ جىلۋىسى ماڭا تەسەللى،

ئەسلىتەر ناۋاتتەك سۆيۈلگەن دەمنى.

قوشۇلسۇن نەپەسلەر ئاققان سۇ كەبى،

توزۇتۇپ دىللارغا قونغان ئەلەمنى.

 

تومۇردا قىياندۇر سۆيگۈ سەزگۈسى،

كەچمىشلەر شېخىدا مىڭ تال ھاياجان.

يۇلتۇزغا ئايلانغان جۈپ قەدەم ئىزى،

ئەقىدە بېغىدا بولار باراقسان.

 

ئۆمۈرلۈك قوشۇلۇش ئىلتىجاسىنى،

تىلەيدۇ سېغىنىش ئوقچىغان يۈرەك.

بېغىشلاش ھاياتقا باغۇ ئېرەمدۇر،

چاقنىتار دىللاردا ئۈمىدلىك تىلەك.

 

تۆكۈلسە قاردەك ئاق ئىزگۈ تىلەكلەر،

ساداقەت باغرىدا كۈلگەن قاراقتىن.

بەختلەر چېچەكلەپ چوغلۇق رەڭگىدە،

كۆڭۈللەر يىراقتۇر ھىجران-پىراقتىن.

 

كەلگىنە باھاردەك ھىدىڭنى تۆكۈپ،

يۈرىكىم سەن ئۈچۈن بولسۇن پايانداز.

ۋىسالنىڭ دەملىرى قىيامغا يەتتى،

ئەقىدە-مېھرىمىز بولغاچ شەرەنداز.

 

بۇ شېئىر (جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)دىن ئېلىندى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2