ئەلخۇمار
مودا بوپتۇ سالوندا ماۋزۇ قويۇش «سېرىقچە»،
تارقىلىپتۇ ھەمدە كەڭ، خۇددى چۈشكەن بۇيرۇقتەك.
قۇيرۇق ساتسا ئۆپكە دەپ بۇرۇنقىلار، سالونچى
ئاۋارىكەن ئۆپكىنى كۆرسىتىپ ماز قۇيرۇقتەك.
نام بېرىپتۇ ئۆچكىگە «كەينى ئوچۇق قىزلار» دەپ،
ياستۇق قېپى كەشتىگە «كارۋاتتىكى كارامەت».
«كۈپ-كۈندۈزدە يالىڭاچ ئۈزدى» دەپتۇ بېلىقنى،
«كوچىدىلا ئەر –ئايال بىرگە بوپتۇ» ماڭسا رەت.
قىلىپ قېنىق ماۋزۇغا «ئىككى جىنىس» گىرىمى،
كۆپ چېكىتلەر ناز قىلار ئاخىرىغا تاشلىغان.
ئەسلىتەر تېنى بۇ ماۋزۇلار ساتار بۇزۇقنى،
باشلاش ئۈچۈن خالىغا ئەتەي يانپاش قاشلىغان.
تاكتىكىكەن بىلسەم بۇ پىسخىكىغا چۈشۈرگەن،
ئاشۇرارمىش كۆرۈلۈش قېتىمىنى ھەسسىلەپ.
ئاناڭ ئۆلسە باغاق ياز، كۆپلەپ كەلسۇن جامائەت،
«بىر ئايالنى سەككىز ئەر كۆتۈرىۋالار ئەتە» دەپ.
مەقسەتتىسەن ماۋزۇنى سېرىقلاتسام دەيدىغان،
كىرسە ئادەم گۈرۈلدەپ پېتىقلاتسام دەيدىغان.
ياخشى ئىدى كاللاڭغا كەلسە خىيال، خەلقىڭنىڭ،
تېنى ئەمەس روھىنى غىدىقلاتسام دەيدىغان.