باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئەڭ ياخشى سوۋغا - ئۇستاز-ئۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 11:55:20

‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئەڭ ياخشى سوۋغا - ئۇستاز-ئۇ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

ئاپتورى : ئەلخۇمار

نادانلىق دەشتىگە تىنماي تېرەر رەيھانۇ ئۇستاز-ئۇ،

ۋە غۇنچە پەيزىدىن مەمنۇن، كۈلەر خەندانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

بۇلۇپ بال لەززىتى گويا، ھوزۇر چاڭقاق كۆڭۈللەرگە،

گۈپۈلدەپ خوش پۇراغى، تارقىلىپ ھەريانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

جاھالەت قۇزغىنى كۆرسە تىكەندۇر، سانجىلىپ –قوغلار،

ئىلىم بۇلبۇلىغا ھەردەم ماكان –ئورمانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

ئەجىر سەھراسىنى كەزگەن، بىلىم ئاشناسى-مەجنۇنغا،

كۈلۈپ چىققان كەبى لەيلى، بىرەر جانانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

ھاياتنىڭ بىپايان- چەكسىز، ئېزىتقۇ چۆللىرى ئىچرە،

بېرىپ مەنزىلنى ئازدۇرماس، نىشان–پەرمانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

ئەمەس بورنىڭ توزانى، بالقىغان مېھنەت زىياسىدۇر،

دېمەك نۇر تارقىتىپ ھەردەم، يانار گۈلخانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

قاراڭ! روھى مادار ئىزدەپ، يىغىلغان ناتىۋانلارنىڭ،

قوشار نىمجان جېنىغا جان، قېنىغا قانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

كېرەكمەس ئاڭا بايرام ھەم، ئەمەستۇر چۈنكى بىر كۈنلۈك،

ئەبەدلىك يادلىنار ئەجرى، شەرەپلىك–شانۇ ئۇستاز-ئۇ.

 

2015-9-10

ئاتۇش

ئاتۇش سەرخانا oybizak سالونى تەييارلىغان.

 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2