خىيال
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
تاراڭلاپ يالىترار سۈكۈتتە يوللار،
تەشۋىشتە قانىغان دىللاردا ئىسيان.
پىشمايلا يىگىلەپ كەتكەن ئالـمىدەك،
يۈرەكنى ئېزىدۇ مىكروبلانغان قان.
يېقىنلار يىراقتۇر ھەسرەتتە يىراق،
كۆڭۈلدە گۆكىرەر پىراق ياق پىراق.
ھاياتنىڭ قىرىدا زوڭزۇيۇپ تۇرۇپ،
ئەسلىمە ئىچىدە قەلبىم قاغجىراق.
قۇرىغان قومۇشتەك قۇرىماقتىمەن،
مەنىسىز ھاياتتىن مەنا كۈتكەنمەن.
مەن بىلەن بەسلەشكەن ئۇتار ئەبەدى،
ئۆزۈمنىڭ تاۋكاسىدا ئۆزۈم ئوق يەيمەن.
ئۇنۇتۇپ كېتىلگەن ئادەم بولۇشنى،
ئويلايمەن بىر كىملەر ئەسلەيدۇ بىراق.
ئاپتاپتا جۇدۇندەك مىسكىن قەلبىمگە،
ياقمىدى يارەنلەر بىر قېتىم چىراق.
ئۈمىدكە تولماستىن نە ئىلاجىم بار،
ئۈمىدسىزلىكلىرىم يەتسە چېكىگە.
توسىما مەي ئىچەي يامان بولىدۇ،
مۇزدەك بۇ ھاياتتا ياتقاندىن كۆرە.