باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

[ئۆزھال] نومۇسى بۇزۇلماس پاھىشە ھايات

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-06 22:08:44

‹‹[ئۆزھال] نومۇسى بۇزۇلماس پاھىشە ھايات›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

نومۇسى بۇزۇلماس پاھىشە ھايات

 

 راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال 

 

ئالدىڭدا بىر يول بار ئارقاڭدا بىر يول، 

مەركەزسەن تۇرغان جاي ئوچۇق تۆت كوچا.

ئوڭۇڭدا بىر يول بار سولۇڭدا بىر يول، 

بىلمەيسەن مېڭىشنى زادى قاياققا.

 

ماڭساڭمۇ بەرىبىر ئوخشاش سەن ئۈچۈن، 

توختىساڭ سەن بىلەن توختىماس ھايات. 

بۈركۈتمۇ ئىزىدا ئۇچۇپ قېرىيدۇ، 

سامادا بىر ئۆمۈر كېرىپ كەڭ قانات. 

 

تىرىشساڭ نېمە بولدى تىرىشمىساڭ ھەم، 

ياشىساڭ نېمە بولدى ياشىمىساڭ ھەم. 

ئالقىشلا ئالقىشلان بەرىبىر ئوخشاش،

بۇ ھايات قىزلىقى بۇزۇلـماس سەنەم. 

 

بەزىلەر تىللايدۇ خىزىر بولساڭمۇ، 

سۇ ئىچەر تاشلاندۇق ھىجىر بولساڭمۇ. 

تۇلپارنى ئازىلاپ ياشىغان ھايات، 

مىنىدۇ ئات ئەمەس خىچىر بولساڭمۇ. 

 

تەرتىپ يوق مۇكەممەل ياكى خەرىتە، 

ئوڭ سولغا ئۆرۈلسەڭ ياشاش غەلىتە. 

تۆت تەرەپ سەن ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش، 

نۆلگە تەڭ ھەممىسى ئىنسان ئۆلگەندە. 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2