ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇقراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ گۈلزارىلارنى ئارىلاپ كېتىۋاتقاندا،بىر دېھقاننىڭ شاھنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىمۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپتۇ، شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان، قاداق قوللىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ. قايتاشىدا نەۋرىسى بوۋىسىدىن «بوۋا سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ، ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتسىز؟» دەپ سوراپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانىي تەربىيىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:«ئەي ئەزىز پۇشتۇم، باشقىلارنى ھۆرمەتليەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ، ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ». بىزدە «سالام بېرىش قەرز، ئىلىك ئېلىش پەرز» دەيدىغان ھېكمەت بار، ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن، تونۇشمىسۇن، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ بىر بىرىنىڭ كۆيۈنۈشى، ھۆرمىتى، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز-ئارا ئەنئەنە بويىچە تەمەنناسى،ز سەمىمىي سالاملىشىشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق! بۇ تولىمۇ ئاددى ئەمما بەكمۇ مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكىنى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي!